ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدىن كېيىن تاقالغان ھورمۇز بوغۇزى نېفىت باھاسىنى ئۆرلىتىۋەتتى، تەمىنلەش زەنجىرى داۋالغۇشقا ئۇچرىدى، تۇرمۇش تەننەرخى ئۆستى. ياۋروپادىكى پۇقرالار بۇنى كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ھېس قىلماقتا. ئامېرىكادا بولسا، ئامما ئىسرائىلىيەنى قوللاشنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈشكە باشلىدى.
خوش، بۇ مەنزىرە يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىنگەن سىياسەتلەرنى ئۆزگەرتەمدۇ؟ «ئالدى بىلەن ئامېرىكا» دەيدىغان ترامپ ھۆكۈمىتى ئەمەلىيەتتە «ئالدى بىلەن ئىسرائىلىيە» دەۋاتامدۇ؟ ئىسرائىلىيە ئامېرىكانىڭ قوللىشىدىن مەھرۇم قالغان بىر دۇنيادا قانداق پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ؟
* * * *
ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ 28-فېۋرال ئىرانغا قارىتا باشلىغان ھۇجۇملىرى ھورمۇز بوغۇزىنىڭ تاقىلىشىغا سەۋەب بولدى. بۇ تەرەققىياتتىن كېيىن نېفىت باھاسى ئۆرلىدى، تەمىنلەش زەنجىرى بۇزۇلدى، مەھسۇلات تەننەرخى ئاشتى. بولۇپمۇ غەرب ئەللىرىدىكى خەلقلەر، ئاخىرى چىقمايدىغان بۇ مالىمانچىلىق ئىزدەش ھەرىكىتىنىڭ ماددىي ۋە سىياسىي يۈكىنى ئەمدى كۆتۈرۈشنى خالىمايدۇ، دۆلەتلەرمۇ مۇشۇنىڭغا قاراپ سىياسەت بەلگىلەشكە مەجبۇر بولماقتا.
ياۋروپانىڭ ئىسرائىلىيەنى «شەرتسىز» قوللىشى قىممەتكە توختىدى
ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنىڭ تەسىرىدىن تېخى قۇتۇلالمىغان ۋە ئامېرىكانىڭ بولۇپمۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو ئارقىلىق سېلىۋاتقان سىياسىي بېسىمىنى ھېس قىلىۋاتقان ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئەمدى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان نۆۋەتتىكى ۋە كەلگۈسىدىكى ئاقىۋەتلەر بىلەن يۈزلىشىشكە مەجبۇر.
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا فون دېر لېيېن، 44 كۈن ئىچىدە ئارتۇقچە 22 مىليارد ياۋرو ئېنېرگىيە ھەققى تۆلىگەنلىكلىرىنى ئېيتتى. ھورمۇز بوغۇزىنىڭ تاقىلىشىنىڭ پۇقرالارغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان فون دېر لېيېن: «بۇ تەسىرنى كىشىلەر بېنزىن پونكىتلىرىدا، بازارلاردا ۋە توك-سۇ ھەققى تالونلىرىدا ھېس قىلىۋاتىدۇ» دېدى.
7-ئۆكتەبىر مۇساپىسىدە ئىسرائىلىيەنى «شەرتسىز قوللايدىغانلىقى»نى ئېيتقان ۋە بۇ جەھەتتە تەنقىدلەرنىڭ نىشانىغا ئايلانغان ئۇرسۇلا فون دېر لېيېننىڭ، ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن ماددىي يۈكى ئېشىپ كەتكەن ياۋروپالىقلارغا ئۆرلەپ كەتكەن باھالارنى قانداق چۈشەندۈرىدىغانلىقى ھازىرچە بىر مۇئەمما.
ئىسرائىلىيەنى قوللايدىغانلىقىنى ئىلگىرى: «ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە بىخەتەرلىكىگە بولغان سادىقلىقىمىز، دۆلىتىمىز ئاساسىنىڭ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان بىر پارچىسىدۇر» دەپ ئوچۇق جاكارلىغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېرز يېقىنقى مەزگىللەردە ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى ئاشكارا قوللاشتىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا. چۈنكى ئۇنىڭ دۆلىتى ئۆرلەپ كەتكەن ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ بېسىمى ئاستىدا قالدى ۋە ئۆزى ئىقتىسادىي تەدبىر پىلانى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولدى.
مېرز يەنە، ھازىرقى تۇيغۇ بىلەن غەربىي قىرغاقنىڭ ئەمەلىيەتتە قىسمەن بېسىۋېلىنىشىغا رۇخسەت قىلىنماسلىقى ۋە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ ئاخىرلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ مەسىلىدە 7 -ئۆكتەبىر مۇساپىسىدە قوللىشىنى ئايىمىغان ئىسرائىلىيەنىڭ نارازىلىقىغا دۇچ كەلمەكتە.
* * * *
ئامېرىكادا زىيونىست سىياسەتلەرنى قوللاش ئاجىزلىماقتا؛ ئامېرىكادا سىياسەت، بىيۇروكراتىيە ۋە خەلق قاتلىمىدا ئىسرائىلىيەنىڭ سىياسەتلىرىگە ۋە بۇ سىياسەتلەرنى ئەۋج ئالدۇرۇۋاتقان ھۆكۈمەت چۈشەنچىسىگە قارىتا قارشىلىق شەكىللىنىشكە باشلىدى.
مەسىلەن، جوۋ كېنت ئامېرىكا دۆلەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەركىزى مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدىن، دۆلىتىنىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى «ۋىجدانىي جەھەتتىن قوللىيالمايدىغانلىقى»نى بىلدۈرۈپ 17-مارتتا ئىستېپا بەرگەنىدى. ئۇ: «ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا لوبىسىنىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن باشلىغان» ئۇرۇشنىڭ «ئامېرىكا خەلقىگە ھېچقانداق مەنپەئەت ئېلىپ كەلمىگەنلىكى»نى تەكىتلىدى.
يەنە بىر شەخس، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى بېرنى ساندېرس: «ئامېرىكا خەلقىگە ۋىيېتنام ئۇرۇشى ھەققىدە يالغان سۆزلەندى، ئىراق ئۇرۇشى ھەققىدە يالغان سۆزلەندى، بۈگۈن بولسا ئىران ئۇرۇشى ھەققىدە بىزگە يالغان سۆزلىنىۋاتىدۇ. بۇ ئۇرۇش دەرھال ئاخىرلىشىشى كېرەك» دېگەن ۋە ئۇرۇش ئۈچۈن تەلەپ قىلىنغان قوشۇمچە خامچوتنىڭ «رەت قىلىنىشى كېرەكلىكى»نى بىلدۈرگەنىدى. ساندېرسنىڭ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيەنى قوللىشىغا بولغان ئېتىرازلىرى داۋاملاشماقتا.
«ئالدى بىلەن ئامېرىكا»نىڭ ئورنىغا «ئالدى بىلەن ئىسرائىلىيە»مۇ؟
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ پىرېزىدېنتلىق سايلىمى مۇساپىسىدە تەكىتلىگەن «ئالدى بىلەن ئامېرىكا» ئۇسۇلىنىڭ، ئىسرائىلىيەنى قوللاش مەسىلىسىگە كەلگەندە توختىتىپ قويۇلغانلىقى ھەققىدە تەنقىدلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
ئامېرىكالىق ژۇرنالىست تاككېر كارلسونمۇ بۇ ئەھۋالنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنلەرنىڭ بىرىدۇر. ئىسرائىلىيەپەرەسلەرنىڭ ئامېرىكادىكى تەسىرىگە دىققەتنى تارتقان كارلسون: «9 مىليون نوپۇسلۇق بىر دۆلەتنىڭ، 350 مىليونلۇق بىر دۆلەت نامىدىن ھالقىلىق قارارلارنى ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىنماسلىقى كېرەك. بۇ خاتا، خۇددى مۇشۇ ئۇرۇشقا ئوخشاشلا ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتلىرىگە زىت» دەيدۇ. كارلسون ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بولغان جامائەت قوللىشىنىڭ ئاجىزلىشىنىڭ، ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرىنى «پۇرسەت باردا قولغا كەلتۈرەلەيدىغاننى ئېلىۋېلىش» چۈشەنچىسىگە يۈزلەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
* * * *
«زىيونىزم ئاخىرقى لەھزىلىرىنى ياشاۋاتىدۇ»
يەنە بىر ئامېرىكالىق ژۇرنالىست ئاببى مارتېن ئىسرائىلىيەنىڭ تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئەمدى كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى ۋە خەلقئارا ساھەدە ئىسرائىلىيەنىڭ يېتىم قالدۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «زىيونىزم ئاخىرقى دەملىرىنى ياشاۋاتىدۇ. ئۇ پەقەت تەشۋىقاتنىڭ ئېغىرلىقى بىلەنلا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلمەكتە، ئەمما بۇ تەشۋىقات پۈتۈنلەي ۋەيران بولدى» دېدى.
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە قارىتا سەلبىي قاراشلارنىڭ ئېشىشى، تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. Pew Research نىڭ 23-29-مارت كۈنلىرى ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكالىق قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ يۈزدە 60 ى ئىسرائىلىيەگە سەلبىي قارايدۇ؛ بۇ نىسبەت ئۆتكەن يىلى يۈزدە 53 ئىدى. خەلقنىڭ يۈزدە 59 ى نېتانياھۇنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە توغرا بولغاننى قىلىدىغانلىقىغا ئىنتايىن ئاز ئىشىنىدۇ ياكى پەقەت ئىشەنمەيدۇ.
ھەر بىر مەزگىلدە تۈرلۈك كىرىزىسلارنى پەيدا قىلىپ، رايوننى ئوت چەمبىرىكىگە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن، بۇ سەۋەبلىك ئۆزىگە يۈزلەنگەن ئېتىرازلارنى بولسا «ئانتىسېمىتىست» دەپ ئەيىبلەيدىغان ئىسرائىلىيەنىڭ، ئامېرىكانىڭ قوللىشىدىن مەھرۇم قالغان بىر سېنارىيەدە، بولۇپمۇ رايون دۆلەتلىرى تەرىپىدىن قانداق مۇئامىلىگە دۇچ كېلىدىغانلىقى قىزىق تېمىغا ئايلانماقتا.
















