خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئۇكرائىنادا تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، روسىيە ھۇجۇمىنى داۋاملاشتۇردى
موسكۋا، ئۆز قىسىملىرىنىڭ سېرېدنې ۋە كلېبان بىكنى كونتروللۇق ئاستىغا ئالغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇكرائىنادىكى نىشانلارغا زەمبىرەك، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن زەربە بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇكرائىنادا تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، روسىيە ھۇجۇمىنى داۋاملاشتۇردى
ئۇكرائىنادا تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، روسىيە ھۇجۇمىنى داۋاملاشتۇردى / AA

ئۇكرائىنادا تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، روسىيە جەڭ مەيدانىدىكى بېسىمنى ئاشۇرۇپ، دونېتسك رايونىدىكى ئىككى يېزىنى ئىگىلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، سېرېدنې ۋە كلېبان-بىك يېزىلىرىنىڭ جەنۇبىي ۋە غەربىي قىسىملار ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، روسىيە ھاۋا ئارمىيەسى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسىملىرى ۋە زەمبىرەك كۈچلىرى ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي-سانائەت ئەسلىھەلىرىدىن بىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ۋاقىتلىق ئورۇنلاشقان جايلىرى بىلەن چەتئەللىك جەڭچىلەر تۇرۇۋاتقان 143 نۇقتىغا زەربە بېرىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

باياناتتا، ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىغا جاۋابەن، روسىيە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە تۆت دانە باشقۇرۇلىدىغان ھاۋا بومبىسى ۋە 160 دانە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

كلېبان-بىكنىڭ ئىگىلىنىشى، روسىيە قىسىملىرىنىڭ كراماتورسك يولىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە كوستيانتىنىفكاغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ شەھەر ئۇكرائىنانىڭ رايوندىكى مۇھىم بىر ئەشيا ئوبوروتى بازىسىغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ.

روسىيە بىر كۈن ئىلگىرىمۇ يەنە دونېتسك رايونىدىكى ئۈچ يېزىنى ئىگىلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. كرېمىل سارىيى بۇ رايوننى 2022-يىلى سېنتەبىردە ئۆزىگە قوشۇۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Trump wants Ukraine to cede territory to Russia. How will this affect international border regime?

ۋاسىتىچىلىك تىرىشچانلىقلىرى ئاجىزلىماقتا

روسىيەنىڭ يېقىنقى ئىلگىرىلەشلىرى، روسىيە ۋە ئۇكرائىنا رەھبەرلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلۈشى كۆزدە تۇتۇلغان يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىغا بولغان ئۈمىدلەرنىڭ بارغانسېرى ئازىيىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىۋاتقان بۇ ئۇچرىشىش تىرىشچانلىقى، تورمۇزلىنىپ قالغاندەك كۆرۈنمەكتە.

روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ جۈمە كۈنىدى باياناتىدا، «ھېچقانداق بىر ئۇچرىشىشنىڭ پىلانلانمىغانلىقىنى» ئېيتىپ، ترامپنىڭ ۋاسىتىچىلىك تىرىشچانلىقلىرىنىڭ توختاپ قالغانلىقىنى ئىما قىلدى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بولسا، موسكۋانىڭ توقۇنۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ترامپمۇ شۇ كۈنى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ئۇكرائىنا تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرى توغرىسىدا ئىككى ھەپتە ئىچىدە «مۇھىم» بىر قارار چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بۇ قارارنىڭ يا روسىيەگە زور ئىمبارگو يۈرگۈزۈش ياكى «ھېچنېمە قىلماسلىق» يۆنىلىشىدە بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىپادىلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Trump signals he may 'do nothing' if Putin, Zelenskyy fail to meet

 

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك» كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكەن 5 ھەپتە ئىچىدە 13 كىشى «M چېچىكى» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى
پاكىستاندىكى بىر ساقچىخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فىلىپپىندا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئالتە ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسكاندىناۋىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسرائىلىيەگە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى بىكار قىلدى
پاكىستاندا بىر جامە ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى
ئامېرىكا ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىگە قاتنىشىشى پىلانلانغان مەھمۇد ئابباسنىڭ ۋىزا تەلىپىنى رەت قىلدى
شىمالىي كورېيە خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقىنىڭ يادرودىن خالىيلاشتۇرۇش چاقىرىقلىرىنى رەت قىلدى
ئەراقچى خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن: «بۈگۈن ئېلىنغان قارارلار ئىستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقلارنى بەلگىلەيدۇ»
جەنۇبىي كورېيە بىلەن فىرانسىيە ئوتتۇرىسىدا 3 يىل كېيىن تۇنجى قېتىم مانېۋىر ئۆتكۈزۈلدى