جۈمە كۈنى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى-ئەنگلىيە باشلىقلار يىغىنىدىن بۇرۇن لوندوننىڭ پۇل-مۇئامىلە مەركىزىدىكى لورد مېير زىياپىتىدە سۆز قىلغان بېرنخام، يەر شارىۋى يەكلىنىشكە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئەنگىلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تېخىمۇ يېقىن بىر شېرىكلىككە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
تەۋسىيە
بېرنخام: «بىزگە سۇنۇلغان برېكسىت ئىشقا يارىمىدى. ئېرىشكىنىمىزدىن كۆپرەكىنى يوقىتىپ قويدۇق» دېدى ۋە: «برېكسىت، تېخىمۇ كۆپ يەكلىنىش ۋە قورۇقچىلىققا قاراپ ماڭغان يەر شارىۋى ھەرىكەتنىڭ تۇنجى يىقىلغان دومىنو تېشى ئىدى» دېگەن سۆزلەرنى قوشۇمچە قىلدى.























