ئەردوغان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىكى سايلامدا غەلىبە قىلغان ئەرھۈرماننى تەبرىكلىدى

ئەرھۈرمان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تاشقى سىياسەت قارارلىرىنىڭ ئاۋۋال تۈركىيە بىلەن مەسلىھەت قىلىنماي تۇرۇپ چىقىرىلمايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى.

ئەردوغان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىدا غەلىبە قىلغان ئەرھۈرماننى تەبرىكلىدى / AA

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يەكشەنبە كۈنى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىدا غەلىبە قىلغان جۇمھۇرىيەتچى تۈرك پارتىيەسى (ج ت پ) نىڭ باشلىقى تۇفان ئەرھۈرماننى تەبرىكلىدى.

تۈركىيەنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى NSosyal  دا ئۇچۇر ھەمبەھرىلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، سايلام نەتىجىلىرىنىڭ ھەر ئىككى دۆلەت ۋە تېخىمۇ كەڭ رايون ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىنى تىلىدى.

ئەردوغان: «بۇ سايلام شىمالىي قىبرىس تۈرك جۈمھۇرىيىتىنىڭ دېموكراتىك جەھەتتىن يېتىلگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تېخىمۇ كۈچلۈك نامايان قىلىپ، تۈرك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىرادىسىنى سايلام ساندۇقىدا ئەكس ئەتتۈردى. تۈركىيە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۈمھۇرىيىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنى ۋە مەنپەئەتلىرىنى تۈرك خەلقى بىلەن بىرلىكتە بارلىق سۇپىلاردا داۋاملىق قوغدايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۈمھۇرىيىتى ئالىي سايلام كومىتېتىنىڭ رەسمىي بولمىغان نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەرھۈرمان ئاۋازلارنىڭ %62.76 ىنى ئېلىپ، مۇستەقىل نامزات ۋە ھازىرقى پ جۇمھۇر رەئىس ئەرسىن تاتارنى (%35.81) مەغلۇب قىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى جەۋدەت يىلمازمۇ سايلام نەتىجىلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، سايلامنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۈمھۇرىيىتى ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرىنىڭ سىياسىي يېتىلگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم دەلىللىگەنلىكىنى ئېيتتى.

يىلماز: «سايلام شىمالىي قىبرىس تۈرك جۈمھۇرىيىتىنىڭ ھەم بىر دۆلەت ھەم بىر سايلىغۇچى قوشۇنى سۈپىتىدە يېتىلگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى. ئانا ۋەتەن ۋە كاپالەتلىك قىلغۇچى دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۈمھۇرىيىتى ۋە قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ يېنىدا قەتئىي ئىرادە بىلەن تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ ئەرھۈرماننى تەبرىكلەپ ئايرىم بىر بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەنىڭ «ئانا ۋەتەن ۋە كاپالەتچى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ پاراۋانلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشچانلىقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سايلام نەتىجىلىرىدىن كېيىن سۆز قىلغان ئەرھۈرمان، تۈركىيە بىلەن مەسلىھەت قىلىنماي تۇرۇپ، قىبرىس تۈركلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق تاشقى سىياسەت قارارىنىڭ چىقىرىلمايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى.

ئەرھۈرمان: «ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىمدە، قىبرىسقا ئائىت بىر تاشقى سىياسەت ياكى قىبرىس مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر پوزىتسىيە تۈركىيە بىلەن مەسلىھەت قىلىنماي تۇرۇپ ئەسلا بەلگىلىنمەيدۇ» دېدى.

ئەرھۈرمان يەنە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس يىلماز ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدانغا تەبرىكلىگەنلىكى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.

ئەرھۈرمان تۈركىيە بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۈمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلەرنىڭ «تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى» بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ ئۆزىنىڭ رەھبەرلىك قىلىشتىكى بىر «بۇرچى» ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇشمۇ ئەرھۈرماننى تەبرىكلەپ، سايلام نەتىجىلىرىنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۈمھۇرىيىتى، تۈركىيە ۋە تېخىمۇ كەڭ بولغان تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن ئىجابىي نەتىجىلەرنى ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

تۈركىيە ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇرهانەتتىن دۇران بايانات ئېلان قىلىپ، سايلامنىڭ تىنچلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ «قىبرىس تۈرك دېموكراتىيەسىنىڭ يېتىلگەنلىكىنى كۈچلۈك كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقى»نى ئېيتتى.