تۆت دۆلەت رەھبەرلىرى ئىران ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك سۆھبەتنى پاكىستاندا ئۆتكۈزىدۇ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان رايون خاراكتېرلىك يىغىن پىلانىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەنلىكىنى، تۈركىيە، پاكىستان، مىسىر ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتنىشىدىغان سۆھبەتنىڭ بۇ ھەپتە ئاخىرىدا پاكىستاندا ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
خاقان فىدان تۆت دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى پاكىستاندا سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters
ئەنقەرە دائىرىلىرى ئىران ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستانى، مىسىر ۋە تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتنىڭ بۇ ھەپتە ئاخىرى پاكىستاندا ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان «ئا خەبەر» (A Haber) تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا: «بىز ئەسلىدە بۇ يىغىننى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان ئىدۇق... ئەمما پاكىستانلىق دوستلىرىمىزنىڭ ئۆز دۆلىتىدە قېلىشى زۆرۈر بولغانلىقى ئۈچۈن، بىز يىغىننى پاكىستانغا يۆتكىدۇق» دېدى.
ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بۇ ھەپتە ئاخىرى پاكىستاندا كۆرۈشۈشىمىز مۇمكىن» دېدى.
تۈركىيە باش دىپلوماتىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ سۆھبەتتە مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان مەزكۇر تۆت دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى جەم بولىدىكەن.
جۈمە (2026-يىلى 27-مارت) كۈنى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يوهان ۋادېفۇل (Johann Wadephul) خەۋەر مەنبەسىنى ئاشكارىلىمىغان ھالدا، «پات يېقىندا» پاكىستاندا ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە سۆھبەت بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
ئىراننىڭ «تاسنىم» (Tasnim) ئاگېنتلىقى نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، تېھران دائىرىلىرى ئامېرىكا بىلەن رەسمىي سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىسلامئاباد ئارقىلىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى 15 ماددىلىق پىلانىغا قارىتا جاۋاب يوللىغان.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ترامپنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى ستىۋ ۋىتكوف (Steve Witkoff) جۈمە كۈنى ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى بىر ئاي داۋاملاشقان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن «كېلەر ھەپتە» ۋاشىنگتون بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ۋىتكوف مىيامىدىكى بىر سودا مۇنبىرىدە ئىران سۆھبىتىگە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە: «بىز كېلەر ھەپتە كۆرۈشۈشلەر بولىدۇ دەپ ئويلايمىز، بۇنىڭدىن ئەلۋەتتە ئۈمىدۋارمىز» دېدى.
ئىراننىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى جۈمە كۈنى ئامېرىكانىڭ بىر تەرەپتىن سۆھبەتكە چاقىرىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشىنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە سانائەت ۋە يادرو ئۇل-ئەسلىھەلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇملار سەۋەبىدىن، تېھراننىڭ ئامېرىكانىڭ تەكلىپىگە جاۋاب قايتۇرۇش-قايتۇرماسلىق توغرىسىدا تېخى قارار چىقارمىغانلىقىنى سۆزلىرىگە قوشۇمچە قىلدى.
مەزكۇر ئەمەلدار يەنە ئىراننىڭ ئامېرىكانىڭ تەكلىپلىرىگە قايتۇرىدىغان جاۋابىنىڭ ئەسلىدە جۈمە (27-مارت) ياكى شەنبە (28-مارت) كۈنى تاپشۇرۇلۇشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.