ئىقتىساد
3 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا سوتى ترامپنىڭ تاموژنا بېجىنى يولغا قويۇشىنى توسۇپ قويدى
ئۈچ سوتچىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت، ترامپنىڭ تاموژنا بېجىنى يولغا قويۇشىنىڭ «ئەقىلگە مۇۋاپىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى فېدېراتسىيە قانۇنى بۇنىڭغا يول قويمىغانلىقى ئۈچۈن» توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا سوتى ترامپنىڭ تاموژنا بېجىنى يولغا قويۇشىنى توسۇپ قويدى
/ Reuters

ئامېرىكادىكى بىر سودا سوت مەھكىمىسى، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ «قۇتۇلۇش كۈنى» تاموژنا بېجىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى توستى. سوت مەھكىمىسى، پىرېزىدېنتنىڭ، ئامېرىكاغا ئۆزلىرى سېتىۋالغان مالدىن كۆپ مال ساتىدىغان دۆلەتلەرگە قارىتا ئومۇمىي ئىمپورت تاموژنا بېجى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ھوقۇقىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلدى.

مانھاتتونغا جايلاشقان خەلقئارا سودا سوت مەھكىمىسى، ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودىنى تەڭشەش ھوقۇقىنى پەقەت دۆلەت مەجلىسىگىلا بەرگەنلىكىنى ۋە بۇ ھوقۇقنىڭ پىرېزىدېنتنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىنى قوغداش مەقسىتىدىكى جىددىي ھالەت ھوقۇقلىرى بىلەن بىكار قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۈچ سوتچىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەت چارشەنبە كۈنى چىقارغان ھۆكمىدە: «سوت مەھكىمىسى، پىرېزىدېنتنىڭ تاموژنا بېجىنى بىر پىشاڭ سۈپىتىدە ئىشلىتىشىنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق ياكى ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىگە باھا بەرمەيدۇ. بۇنى يولغا قويۇش ئەقىلگە مۇۋاپىق ياكى ئۈنۈملۈك بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى فېدېراتسىيە قانۇنى بۇنداق قىلىشقا يول قويمىغانلىقى ئۈچۈن قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېدى.

ترامپ ھۆكۈمىتى، قارار ئېلان قىلىنىپلا دەرھال نارازىلىق ئەرزى سۇندى.

بۇ قارار، بىرسى بىتەرەپ لىبېرتى ئادالەت مەركىزى  [Liberty Justice Center] تەرىپىدىن، تاموژنا بېجى نىشان قىلغان دۆلەتلەردىن مال ئىمپورت قىلىدىغان بەش كىچىك ئامېرىكا كارخانىسىغا ۋاكالىتەن، يەنە بىرسى بولسا  13 ئامېرىكا ئىشتاتى تەرىپىدىن سۇنۇلغان نارازىلىق ئەرزىگە ئاساسەن چىقىرىلدى.

دەۋاگەر شىركەتلەر ئىچىدە نيۇيوركتىكى بىر ھاراق ۋە ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەر ئىمپورت قىلغۇچى بىر شىركەت بىلەن ۋىرگىنىيەگە جايلاشقان ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى ۋە مۇزىكا ئەسۋابلىرى ئىشلەپچىقارغۇچى بىر شىركەتمۇ بار. بۇ شىركەتلەر تاموژنا بېجىنىڭ ئۇلارنىڭ سودا ئىقتىدارىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تاموژنا بېجىغا قارشى كەم دېگەندە يەنە بەش دېلونىڭ تۇرغۇزۇلۇشى كۈتۈلمەكتە.

ئاقساراينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ۋە ترامپنىڭ ئاساسلىق سىياسەت مەسلىھەتچىلىرىدىن بىرى بولغان ستېفېن مىللېر ئىجتىمائىي تاراتقۇدا قىسقا بىر ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، سوت مەھكىمىسىنى تەنقىد قىلدى ۋە «سوت ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھاكىمىيەت تالىشىش ھەرىكىتى كونترولدىن چىقىپ كەتتى!» دېدى.

ئورېگون ئىشتاتىنىڭ باش تەپتىشى، دېموكراتلار پارتىيەسى ئەزاسى ۋە ئىشتاتلارنىڭ دەۋاسىغا يېتەكچىلىك قىلغان دان رەيفىلىد، ترامپنىڭ تاموژنا بېجىنى قانۇنسىز، مەسئۇلىيەتسىز ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىق دەپ تەسۋىرلىدى.

رەيفىلىد باياناتىدا: «بۇ قارار قانۇنلىرىمىزنىڭ مۇھىملىقىنى ۋە سودا قارارلىرىنىڭ پىرېزىدېنتنىڭ خاھىشى بويىچە چىقىرىلمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم مۇئەييەنلەشتۈردى» دېدى.

ترامپ، خەلقئارا جىددىي ئىقتىسادىي ھوقۇق قانۇنى (IEEPA) دائىرىسىدە كەڭ ھوقۇققا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ قانۇننىڭ دۆلەت جىددىي ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە «ئادەتتىن تاشقىرى ۋە پەۋقۇلئاددە» تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن لايىھەلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

تارىختىن بۇيان بۇ قانۇن ئامېرىكا دۈشمەنلىرىگە جازا يۈرگۈزۈش ياكى ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. ترامپ بۇ قانۇندىن پايدىلىنىپ تاموژنا بېجى يۈرگۈزگەن تۇنجى ئامېرىكا پىرېزىدېنتىدۇر.

ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، دەۋالارنىڭ رەت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى، چۈنكى دەۋاگەرلەرنىڭ تېخى تۆلىمىگەن تاموژنا بېجىدىن زىيان تارتمىغانلىقىنى ۋە پىرېزىدېنتنىڭ IEEPA قانۇنى بويىچە ئېلان قىلغان دۆلەتلىك جىددىي ھالىتىگە پەقەت دۆلەت مەجلىسىنىڭلا (خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ ئەمەس) سۇئال قىلالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ترامپ، ئاپرېل ئېيىنىڭ بېشىدا تاموژنا بېجىنى يولغا قويغاندا، سودا قىزىل رەقىمىنى دۆلەتلىك جىددىي ھالەت دەپ ئاتىغان ۋە بارلىق ئىمپورت ماللىرىغا %10 لىك ئومۇمىي تاموژنا بېجى يۈرگۈزۈشنى، ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ سودا قىزىل رەقىمى بولغان دۆلەتلەر ئۈچۈن تېخىمۇ يۇقىرى نىسبەت بېكىتىش ئارقىلىق ئاقلىغانىدى. بۇ قارار ئارقىلىق نۇقتىلىق ھالدا خىتاي زەربە ئوبيېكتى قىلىنغان ئىدى.

بۇ دۆلەتلەرگە خاس تاموژنا بېجىنىڭ كۆپىنچىسى بىر ھەپتىدىن كېيىن توختىتىلدى. ترامپ ھۆكۈمىتى، 12-ماي خىتايغا قارىتىلغان ئەڭ يۇقىرى تاموژنا بېجىنى ۋاقىتلىق تۆۋەنلەتكەنلىكىنى ۋە تېخىمۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر سودا كېلىشىمى ئۈستىدە ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. ھەر ئىككى دۆلەت كەم دېگەندە 90 كۈن بويىچە بىر-بىرىگە يۈرگۈزگەن تاموژنا بېجىنى ئازايتىشقا كېلىشتى.

ترامپنىڭ ئارىلاپ-ئارىلاپ يولغا قويغان تاموژنا بېجى، گەرچە ئامېرىكانىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا پۇل-مۇئامىلە بازارلىرىدا كۈچلۈك داۋالغۇش پەيدا قىلدى.

چارشەنبە كۈنىدىكى بۇ ھۆكۈمگە قارشى ترامپ ھۆكۈمىتى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا فېدېراتسىيە نارازىلىق ئەرزى سوت مەھكىمىسىگە ۋە ئاخىرىدا ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇنۇلۇشى مۇمكىن.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى