خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنادا ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 10 كىشى قازا قىلدى
بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادىكى بىر ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 10 كىشى قازا قىلدى، 20 كىشى يارىلاندى.
بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنادا ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 10 كىشى قازا قىلدى
بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنادا ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 10 كىشى قازا قىلدى / Reuters

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنانىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تۇزلا ئۆلكىسىدىكى بىر ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ 10 كىشى قازا قىلغان، تەخمىنەن 20 كىشى يارىلانغان.

ياشانغانلار ساناتورىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن:

 «تولىمۇ ئەپسۇسكى،  ئوت ئاپىتىدە 10 پۇقرايىمىز ھاياتىدىن ئايرىلدى، 20 ئەتراپىدا كىشى يارىلاندى.»

 ئوت ئاپىتى شۇ جاي ۋاقتى كەچ سائەت 8:45 دە (خەلقئارا ئۆلچەملىك ۋاقىت يەنى گىرىنۋىچ ۋاقتى 19:45 دە) باشلانغان.

بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانىڭ «‹Federalna TV› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوت ئاپىتى بىر سائەت ئىچىدە كونترول ئاستىغا ئېلىنغان.

ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبى تېخى ئېنىقلانمىدى.

تۇزلا ئۇنىۋېرسىتېتى كلىنىكا مەركىزىنىڭ باياناتچىسى ئەرسىجا ئاسكېرىچ مۇجېدىنوۋىچ، tuzlanski.ba خەۋەرلەر تور بېتىگە بەرگەن باياناتىدا، بىرنەچچە بىمارنىڭ  كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى بىلەن زەھەرلىنىشى سەۋەبىدىن داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىدىن زەھەرلەنگەن ئۈچ بىمار ئىچكى كېسەللىكلەر كلىنىكىسىدا، ئىككى بىمار جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە، بىر بىمار قوبۇل قىلىش كلىنىكىسىدا داۋالىنىۋاتىدۇ.»

«‹Federalna TV› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوت ئاپىتىدە كەم دېگەندە بەش كىشى يارىلانغان بولۇپ، ئۈچ كىشى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە داۋالانماقتا ئىكەن.

دائىرىلەر ئوت ئاپىتىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان بولۇپ، جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئەترەتلىرى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.

ئىزدىنىڭ
ھىندىستاندا چاندىپۇرا ۋىرۇسى ئەنسىزلىك ياراتتى. دۆلەتلىك جىددىي ھەرىكەت ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە
«ۋىلدبېررىس» ئامبىرى يەنە بىر قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تالاپىتىگە ئۇچرىدى
CIA نىڭ كۇباغا قارشى «ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا يېتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى