خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىران: «رۇتتې ياۋروپانىڭ ئىران ئۇرۇشىدىكى رولىنى ئېتىراپ قىلدى» دېدى
ئىران شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) باش كاتىپىنىڭ باياناتلىرىنىڭ ياۋروپانىڭ ئىرانغا قىلىنغان ئۇرۇشقا قاتناشقانلىقىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئىران: «رۇتتې ياۋروپانىڭ ئىران ئۇرۇشىدىكى رولىنى ئېتىراپ قىلدى» دېدى
ئىران: «رۇتتې ياۋروپانىڭ ئىران ئۇرۇشىدىكى رولىنى ئېتىراپ قىلدى» دېدى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئىسمائىل بەقايى دۆلىتىگە قىلىنغان ھۇجۇملار ۋە ناتونىڭ رولى توغرىسىدا توختىلىپ: «ناتو باش كاتىپى مارك رۇتتېنىڭ باياناتلىرى ياۋروپانىڭ ئىرانغا قىلىنغان ئۇرۇشقا قاتناشقانلىقىنىڭ ئېتىراپىدۇر» دېدى.

بەقايى ئامېرىكا مەركەزلىك X ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى ھېسابىدا رۇتتېنىڭ سۆزىنى ھەمبەھىرلەپ، ناتو ۋە ياۋروپانىڭ ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملارغا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.

«ناتو باش كاتىپى مارك رۇتتېنىڭ بايانلىرى، ياۋروپانىڭ ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملارغا ئاڭلىق ھالدا قاتناشقانلىقىنىڭ ئېتىراپىدۇر» دېگەن بەقايى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ناتو ئەزالىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن ھېساب بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

بەقايى يەنە، ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئۆرلىگەن يېقىلغۇ باھاسى ۋە باشقا قىيىنچىلىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بۇ ئۇرۇشنى قوللاش نۇقتىسىدىكى رولىنىڭ تەكشۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

رۇتتې ئۆزى قاتناشقان بىر مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ 28-فېۋرالدا ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇمىدىن كېيىن ياۋروپادىكى بازىلاردىن 5 مىڭ قېتىم ئۇچۇش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى قەيت قىلغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ