پىكىر-مۇلاھىزىلەر
پىكىر
3 مىنۇت ئوقۇش
ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىدىكى ئورتاق ئۆلچەم: دۇنيا 230 ۋولتتا بىرلىككە كېلىشى مۇمكىن
دۇنيادا شەھەر ئېلېكتىر سىستېمىسى ئۈچۈن ئوخشىمىغان ۋولت (توك بېسىمى) ۋە گېرتس (چاستوتا) قىممەتلىرى ئىشلىتىلىدۇ. ئېلېكتىر ساھەسىدىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرگە ئوخشاش بۇنىڭ ئاساسى يەنىلا نىكولا تېسلا بىلەن توماس ئېدىسون ئوتتۇرىسىدىكى قاراش پەرقىدىن كەلگەن.
ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىدىكى ئورتاق ئۆلچەم: دۇنيا 230 ۋولتتا بىرلىككە كېلىشى مۇمكىن
#NIG63 : هىندۇ كۇمبھ مېلا باياۋان مۇراسىمى / AFP

ئۇغۇر بەجەرىكلى | TRT Haber

دۇنيا شەھەر ئېلېكتىر بېسىمىنى 230 ۋولتتا بىرلىككە كەلتۈرۈش يۆنىلىشىدە مۇھىم قەدەملەرنى تاشلىماقتا. شۇنداق بولسىمۇ تۈركىيە پۇقرالىرى ئامېرىكا قىتئەسىگە بارىدىغان بولسا 110 ۋولت بېسىمغا، سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئوخشاش دۆلەتلەرگە بارىدىغان بولسا، ئوخشىمىغان رۇزېتكا تىپلىرىغا تەييارلىق قىلىشى كېرەك. بۇ پەرقنىڭ تۈپ يىلتىزى يەنىلا تېسلا بىلەن ئېدىسون ئوتتۇرىسىدىكى تارىخىي ئىختىلاپقا تۇتۇشىدۇ. ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە ئوخشىمىغان ئېلېكتىر بېسىمى ۋە رۇزېتكا تىپلىرى قوللىنىلىدىغانلىقى سەۋەبلىك چەت ئەلگە چىقىشتىن بۇرۇن بارىدىغان دۆلەتنىڭ توك بېسىمى ۋە رۇزېتكا تىپلىرىنى ئالدىن بىلىۋېلىش زۆرۈردۇر.

دۇنيادا شەھەر ئېلېكتىر سىستېمىسى ئۈچۈن ئوخشىمىغان ۋولت (توك بېسىمى) ۋە گېرتس (چاستوتا) قىممەتلىرى ئىشلىتىلىدۇ. ئېلېكتىر ساھەسىدىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرگە ئوخشاش بۇنىڭ ئاساسى يەنىلا نىكولا تېسلا بىلەن توماس ئېدىسون ئوتتۇرىسىدىكى قاراش پەرقىدىن كەلگەن. 19-ئەسىردىكى ئېلېكتىر تېخنىكىسىنىڭ مۆجىزىكار پېشۋاسى تېسلا ئۈچ فازىلىق «ئۆزگىرىشچان ئېقىم»غا (AC) ئاساسلانغان ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىش ۋە تارقىتىش ئەندىزىسىنى تەرەققىي قىلدۇردى. ئۇ ئۆز ھېسابلاشلىرى ئارقىلىق ئۆزگىرىشچان ئېقىم ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق چاستوتىنىڭ 60 گېرتس ئىكەنلىكىنى بېكىتتى. يەنى توك ئېقىمىنىڭ بىر تولۇق دەۋرى ئۈچۈن كېرەكلىك ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك چاستوتا 60 ئىدى. ئۇ يەنە بېسىمنىڭ 240 ۋولت بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى، چۈنكى بۇ ئارقىلىق ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولاتتى.

ئېدىسون 110 ۋولت تەرەپدارى ئىدى

بىراق توماس ئېدىسون 110 ۋولتلىق «تۈپ ئېقىم»نىڭ (DC) تېخىمۇ بىخەتەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئېلېكتىر ئىشلىتىش ئومۇملاشقاندىن كېيىن يىراق مۇساپىلەرگە توك يەتكۈزۈشتە ئۆزگىرىشچان ئېقىمنىڭ تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى، ئەمما ۋە ئۇنىڭ تەسىرىدىكى جۇغراپىيەلىك رايونلاردا 110 ۋولت ئىشلىتىلىش داۋاملاشتى. ياۋروپادا بولسا، ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇۋاتقاندا ئاۋۋال 110 ۋولت بىلەن باشلانغان بولسىمۇ، ئوخشاش قۇۋۋەتتە ئىشلەيدىغان ئىككى ئېلېكتىر ئۈسكۈنىسىدىن 110 ۋولت ئىشلەتكۈچىنىڭ 220 ۋولت ئىشلەتكۈچىگە قارىغاندا ئىككى ھەسسە كۆپ توك ئېقىمى سەرپ قىلىدىغانلىقى مەلۇم بولدى. بۇ بولسا كابېللارنىڭ تېخىمۇ توم بولۇشىنى تەلەپ قىلاتتى. شۇ سەۋەبتىن ياۋروپا 220 ۋولت تەرەپكە يۈزلەندى. بىراق ئونلۇق سان سىستېمىسىغا تېخىمۇ ئۇيغۇن دەپ قارالغانلىقى ئۈچۈن 50 گېرتس تاللاندى. گەرچە 60 گېرتسقا قارىغاندا ئۈنۈمى تەخمىنەن %15 تۆۋەن بولسىمۇ ياۋروپادا 50 گېرتس ئۆلچىمى ساقلاپ قىلىندى.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن سەپلەر ئېنىق بولدى

ئەنگلىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەر ئوخشىمىغان چاستوتىلارنى تاللىغان بولسىمۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن پۈتكۈل ياۋروپادا 220-240 ۋولت ۋە 50 گېرتس ئاساسلىق ئۆلچەمگە ئايلاندى. تۈركىيە ئېلېكتىر ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياۋروپا بىلەن ماس ھالدا قۇرغانلىقى ئۈچۈن 220 ۋولت ۋە 50 گېرتسلىق شەھەر ئېلېكتىر سىستېمىسىنى قوللاندى. بىراق خەلقئارا ئېلېكتىرون تېخنىكىسى كومىتېتى(IEC)  1983-يىلى 220، 230 ۋە 240 ۋولت ئىشلىتىدىغان دۆلەتلەرنى بىر ئۆلچەمگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن قايتىدىن ھەرىكەتكە ئۆتتى. بولۇپمۇ ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، ئېكسپورت ۋە ئىمپورت قىلىش ئېھتىياجى سەۋەبلىك ئورتاق بىر ئۆلچەم سۈپىتىدە «20 يىل ئىچىدە تۇرالغۇ ئۆيلەردىكى شەھەر ئېلېكتىر بېسىمىنى 230 ۋولت (سانائەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىدە 400 ۋولت) سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈش» قارار قىلىندى.

* * *

تۈركىيە 2003-يىلىدىن بېرى 230 ۋولت ئىشلەتمەكتە

تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تۈركۈم دۆلەتلەر 2003-يىلىدىن باشلاپ 230 ۋولت، 50 گېرتس ئۆلچىمىنى ئىشلەتمەكتە. كونا ئادەت بويىچە يەنىلا «220 ۋولت» دېيىلسىمۇ ئەمەلىيەتتە شەھەر ئېلېكتىر بېسىمى 230 ۋولت قىلىپ بېكىتىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىمۇ تۆۋەن بېسىمدىن كېلىپ چىققان ئېنېرگىيە ئىسراپچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۇرالغۇ ئۆيلەردە ئىككى خىل بېسىمنى تەڭ قوللىنىشقا باشلىدى. دوخوپكىغا ئوخشاش يۇقىرى ئېنېرگىيە تەلەپ قىلىدىغان ئۈسكۈنىلەر ئۈچۈن 230 ۋولت، چىراغلارغا ئوخشاش تۆۋەن ئېنېرگىيە تەلەپ قىلىدىغانلار ئۈچۈن 110 ۋولت ئىشلىتىلىش داۋاملاشماقتا. بىرلا ۋاقىتتا مىليونلىغان ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كېرەكسىز بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن بۇ ئۆزگىرىش باسقۇچمۇ باسقۇچ يولغا قويۇلماقتا. ياپونىيە بولسا، 110 ۋولت بېسىمنى قوللىنىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. كەلگۈسىدە پۈتكۈل دۇنيانىڭ 230 ۋولت ئۆلچىمىگە ئۆتۈشى كۈتۈلمەكتە.

دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق پەقەت ئېلېكتىر بېسىمى ۋە چاستوتا بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. «A» ھەرپىدىن «O» ھەرپىگىچە ئوخشىمىغان تىپتىكى رۇزېتكىلارمۇ مەۋجۇت. تۈركىيەدە كەڭ قوللىنىلىدىغان رۇزېتكا تىپى ئىككى تۆشۈكلۈك بولۇپ «F» تىپى دەپ ئاتىلىدۇ. بىراق يېقىنقى يىللاردىن بېرى «C» تىپلىق رۇزېتكىلارنىڭ ئىشلىتىلىشى تېز سۈرئەتتە ئاشماقتا.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا «A» ۋە «B» تىپلىق رۇزېتكىلار ئومۇملاشقان بولسا، ياۋروپادا دەسلەپتە «C» تىپى كەڭ تارقالغان بولۇپ، كېيىنچە ئافرىقا ۋە غەربىي ئاسىيادىمۇ ئومۇملاشقان. «F» تىپى بولسا، تۇپراق لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان ۋە تېخىمۇ بىخەتەر دەپ بىلىنىدۇ. ياۋروپا ۋە تۈركىيەدە يەنە ئۆيلەردە توك قېچىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە توك يولىنى ئۈزىدىغان «قوغدىنىش رېلېلىرى» ئىشلىتىلىدۇ.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكانىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنىڭ كېمىسىگە قاراتقان ھۇجۇمىدا ئىككى ئەتكەسچى ئۆلدى
ياۋروپا ياردىمى ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى تېزلەتتى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئۇدا خىلاپلىق قىلىپ، يەنە 9 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
تۈركىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش مەشىقلىرىنى فلورىدادا باشلىدى
كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلاندى
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 72 مىڭ 945 كە يەتتى
نۇمان قۇرتۇلمۇش: تۈركىيە ياۋروپانىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن مۇھىم بىر كاپالەت
گىرېتسىيەدە ئىسرائىلىيەلىك ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان پاراخوتقا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى
ناتو بالتىق دېڭىزىدا كىچىك كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي لىۋانغا ئىچكىرىلەپ كىرمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پارىس قولتۇقىدىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇملارنى قىلدى
تروپىكال بوران-چاپقۇنى «ژاڭمى» (Jangmi) ياپونىيەگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى
كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سودا ۋە مۇداپىئە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھىندونېزىيەگە باردى