ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇلا ئامېرىكانىڭ تاموژنا باجلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىشقا ۋەدە بەردى
بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇلا دۆلىتىنىڭ سودا مەنپەئەتىنى خەلقئارا ئورگانلار ئارقىلىق قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان جىددىيچىلىككە قارىماي، ترامپنى كىلىمات باشلىقلار يىغىنىغا تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى تەكرارلىدى.
بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇلا ئامېرىكانىڭ تاموژنا باجلىرىغا قارشى كۈرەش قىلىشقا ۋەدە بەردى
/ Reuters

بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇئىز ئىناسىيۇ لۇلا دا سىلۋا ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى قوغداشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يېڭى تاموژنا باجلىرىغا قارشى خەلقئارالىق چارە – تەدبىرلەر ئارقىلىق كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

لۇلا سەيشەنبە كۈنى بىرازىلىيەنىڭ پايتەختى برازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتە مۇنداق دېدى:

«2025 - يىلى مەنپەئەتىمىزنى قوغداش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىن باشلاپ، بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىمىز.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى ھۆكۈمەت ئۆزگىرىشىدىن ئىلگىرى، ھۆكۈمىتىمىز تاشقى سودىنى كۈچەيتىش ۋە يەرلىك شىركەتلەر ئۈچۈن يېڭى پۇرسەتلەر يارىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنىدى.

بۇ باياناتلار ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ جۈمە كۈنىدىن باشلاپ بىرازىلىيەدىن ئېكىسپورت قىلىنغان تاۋارلاردىن % 50 لىك قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىش بەلگىلىمىسىنى يولغا قويۇشىدىن بىرنەچچە كۈن بۇرۇن ئېلان قىلىندى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار

  لۇلا ترامپنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىغا تەكلىپ قىلىغانلىقىنى بىلدۈردى

 

كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان جىددىيچىلىككە قارىماي، لۇلا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا دىپلوماتىك تەكلىپ ئەۋەتىش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«ئىشىنىڭلاركى، مەن ترامپقا تېلېفون قىلىپ، ئۇنى نويابىردا پارا ئىشتاتىنىڭ بېلېم شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى باشلىقلار يىغىنىغا تەكلىپ قىلىمەن ۋە ئۇنىڭ كىلىمات مەسىلىسىدىكى كۆز قارىشىنى ئۆگىنىمەن.

ئەگەر ترامپ يىغىنغا قاتناشمىسا، بۇ ئۇنىڭ خالىمىغانلىقىدىندۇر. ئەمما بۇ پوزىتسىيەنى ھۆرمەتسىزلىك، پەرۋاسىزلىق ياكى دېموكراتىك چۈشەنچىنىڭ كەمچىللىكى دەپ قاراشقا بولمايدۇ.»

لۇلا بىرازىلىيەنىڭ ۋاشىنگتون بىلەن تاموژنا بېجى مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ پەقەت «باراۋەر شەرتلەر» ۋە «ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش» دائىرىسىدىلا ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، ھەمدە ئىگىلىك ھوقۇق ۋە ئادىل سودا مەسىلىسىدە دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىنى جان تىكىپ قوغدايدىغانلىقىنى تەكرارلىدى.

 ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر تاموژنا باجلىرى ۋە دىپلوماتىك جىددىيچىلىك، ۋاشىنگتوننىڭ سابىق پىرېزىدېنت جەير بولسونارو بىلەن چېتىشلىقى بار دەپ قارالغان بىر قېتىملىق ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇشقا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەردىكى رولى سەۋەبىدىن، بىرازىلىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى ئالېكساندرې دې مورائېسقا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك» كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ياۋروپادىكى مائارىپ كىرىزىسى: PISA نەتىجىسى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكەن 5 ھەپتە ئىچىدە 13 كىشى «M چېچىكى» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى
گۇگۇلنىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلى Gemini بىخەتەرلىك سىنىقى جەريانىدا شىركەت سىستېمىلىرىغا سىزىپ كىردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
رۇسىيە ياپونىيەدىن ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى
پاكىستاندىكى بىر ساقچىخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
فىلىپپىندا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئالتە ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسكاندىناۋىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسرائىلىيەگە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى بىكار قىلدى
پاكىستاندا بىر جامە ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
قەھۋە پۇرىقىنىڭ كەيپىيات ۋە مېڭە دولقۇنلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى