سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدىكى ۋەيران قىلغۇچ تاغ گۈمۈرۈلۈش بىر يېزىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلدى
سۇداننىڭ دارفۇر رايونىدىكى ۋەيران قىلغۇچ تاغ گۈمۈرۈلۈش بىر يېزىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلدى، ۋەقەدە 1000 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى.
بۇ ئاپەتنىڭ ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرىدا بىر نەچچە كۈن داۋاملاشقان قاتتىق يامغۇردىن كېيىن، يەكشەنبە كۈنى ئوتتۇرا دارفۇرنىڭ ماررا تېغىدىكى تاراسىن يېزىسىدا يۈز بەرگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.
رايوننى كونترول قىلىۋاتقان بىر توپ ئاسىيلار ئاشكارىلىغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، سۇداننىڭ غەربىدىكى دارفۇر رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەيران قىلغۇچ تاغ گۈمۈرۈلۈش ئاپىتى بىر يېزىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ، كەم دېگەندە 1000 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ ۋەقە ئافرىقا دۆلىتىنىڭ يېقىنقى تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر تالاپەتلىك تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە خاتىرىلەندى.
سۇدان ئازادلىق ھەرىكىتى/ئارمىيەسى (SLM) نىڭ باياناتىدا، ئاۋغۇست ئاخىرىدا بىر نەچچە كۈن داۋاملاشقان قاتتىق يامغۇردىن كېيىن، بۇ ئاپەتنىڭ يەكشەنبە كۈنى ئوتتۇرا دارفۇرنىڭ ماررا تېغىدىكى تاراسىن يېزىسىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
باياناتتا: «دەسلەپكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، يېزىدىكى بارلىق ئاھالە، تەخمىنەن مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. پەقەت بىرلا ئادەم ھايات قالغان» دېيىلدى.
ئۇلار يېزىنىڭ «پۈتۈنلەي يەر بىلەن يەكسان بولغانلىقىنى» بىلدۈرۈپ، ب د ت ۋە خەلقئارا ياردەم ئورگانلىرىنى جەسەتلەرنى چىقىرىشقا ياردەم بېرىشكە چاقىردى.
شىمالىي دارفۇر ئۆلكىسىدە سۇدان ئارمىيەسى بىلەن يېرىم ھەربىي تېز قوللاش قىسىملىرى (HDK) ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن ئۇرۇشتىن قاچقان پۇقرالار، يېمەكلىك ۋە دورا يەتكۈزگىلى بولمايدىغان ماررا تېغى رايونىغا پاناھلانغان ئىدى.
ئىككى يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇش، نوپۇسنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئاچارچىلىق كرىزىسىغا دۇچار قىلىپ، مىليونلىغان كىشىنى ئۆي-ماكانسىز قالدۇردى. شىمالىي دارفۇر ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى ئەل فاشىر بولسا، كەسكىن توقۇنۇشلارنىڭ نىشانى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.