سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
لوندوندىكى پەلەستىن ۋاكالەتخانىسىنىڭ دەرىجىسى تولۇق ئەلچىخانا سالاھىيىتىگە ئۆستۈرۈلدى
پەلەستىننىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بۇ قەدەمنىڭ پەلەستىن-ئەنگلىيە مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى بىر دەۋر ئاچقانلىقىنى، شۇنداقلا پەلەستىن خەلقىنىڭ ئەركىنلىك كۈرىشىدىكى مۇھىم بىر ئىلگىرىلەش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
لوندوندىكى پەلەستىن ۋاكالەتخانىسىنىڭ دەرىجىسى تولۇق ئەلچىخانا سالاھىيىتىگە ئۆستۈرۈلدى
Zomlot ئەنگلىيەدىكى يېڭى پەلەستىن ئەلچىخانىسىنى تىنچلىق، قەدىر-قىممەت ھەمدە خەلقنىڭ ئادالەت ۋە ئەركىنلىككە ئىنتىلىشىنىڭ سىمۋولى دەپ ئاتىدى. (X.com/@hzomlot) / Social Media

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2025-يىلى سېنتەبىردە پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش قارارىدىن كېيىن، پەلەستىننىڭ لوندوندىكى ۋاكالەتخانىسى رەسمىي تۈردە ئەلچىخانا دەرىجىسىگە ئۆستۈرۈلدى. «پەلەستىن دۆلىتى ئەلچىخانىسى» دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان مەزكۇر دىپلوماتىك ئورگان 5-يانۋاردىن باشلاپ رەسمىي پائالىيەت باشلىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تولۇق دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش يولىدىكى تارىخىي قەدەم دەپ قارالماقتا. مەزكۇر ئۆزگىرىش ئاۋسترالىيە ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىش ھەرىكىتىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى.

پەلەستىننىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ھۇسام زوملوت ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى باياناتىدا، ۋاكالەتخانىنىڭ ئەلچىخانا دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئەنگلىيە-پەلەستىن ئالاقىلىرىدىكى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەپ ئاتىدى. ئۇ يەنە بۇ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتنىڭ پەلەستىن خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش يولىدىكى ئۇزۇن مەزگىللىك كۈرەش مۇساپىسىدىكى بىر ئۇل تاش بولۇپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

زوملوت سۆزىدە يەنە: «ئەنگلىيە خەلقىنىڭ بىز بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ كۆرسەتكەن ھەمكارلىقى بىزنىڭ بۈگۈنكىدەك نەتىجىگە ئېرىشىشىمىزگە تۈرتكە بولدى. بۇ خىل قوللاش كەلگۈسىدىكى مۈشكۈل مۇساپىلىرىمىزدە يەنىلا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئەنگلىيەنىڭ يېقىن شەرق ئىشلىرى ۋەزىرى ھامىش فالكونېر بۇ ھەقتە توختىلىپ، مەزكۇر قارارنىڭ «ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى ساقلاپ قېلىش ھەمدە ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن خەلقلىرى ئارىسىدا ئۈزۈل-كېسىل تىنچلىق ئورنىتىش» مەقسىتىدە چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

فالكونېر لوندوندىكى پەلەستىن ئەلچىخانىسىنىڭ رەسمىي ئېچىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك ئالاقىلىرىنىڭ رەسمىيلەشكەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە غەززەدىكى ئېغىر ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسنى تىلغا ئېلىپ، ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈشتە سىرتتىن قارىغاندا ئازراق ئىلگىرىلەشلەر بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئەھۋالنىڭ يەنىلا جىددىي ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ۋەزىر فالكونېر سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «تېخىمۇ كۆپ ياردەم ئاپتوموبىللىرىنىڭ غەززەگە كىرىۋاتقانلىقى كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ، بىراق ئاساسلىق ئۆتكەللەر يەنىلا يېپىق تۇرۇۋاتىدۇ. ياردەم ئەترەتلىرى قايتۇرۇۋېتىلىۋاتىدۇ، داۋالاش ۋە پاناھلىنىش بويۇملىرىنىڭ كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىنىۋاتىدۇ، شۇنداقلا ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرى چەكلىنىۋاتىدۇ»، دېدى.

بۇ ئەلچىخانىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئەنگلىيەنىڭ پەلەستىن دائىرىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يېڭى بىر بالداققا كۆتۈرۈش تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرسىمۇ، غەززەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ئېھتىياجلارنى قامداشتا مەۋجۇت بولۇۋاتقان زور قىيىنچىلىقلارنىڭ يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ب د ت ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى «ئەڭ ئەخلاقسىز ئارمىيە» دەپ سۈپەتلىدى
ئۇكرائىنا رۇسىيەدىكى بىر نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ۋە مارىنوۋكا ھەربىي ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلدى
قىرغىزىستان نېفىت ئىمپورت قىلىش تورىنى كېڭەيتمەكتە
ھىندونېزىيە ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى مۇداپىئە ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران باش ئىشتاب باشلىقى: دۈشمەننىڭ يېڭى تەھدىتلىرىگە ۋەيران قىلغۇچ زەربە بىلەن جاۋاب قايتۇرىمىز
ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يارىلاندۇرغان پەلەستىنلىك قانسىراپ ئۆلدى
نىگېرىيەدە كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 52 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياپونىيە ئويۇنخانىغا ئوت قويۇپ 5 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان جىنايەتچىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى
گۇتېررېس رۇسىيەنىڭ كىيېۋ ۋە باشقا ئۇكرائىنا شەھەرلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
رۇسىيە ئامېرىكانى تېھرانغا قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسىدە «تاجاۋۇزچى» تەرەپ دەپ ئەيىبلىدى
پاكىستان ۋە سۈرىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
كۇبا ئامېرىكانى خەلقنىڭ ئاساسىي مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىغا توسالغۇ بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى
قىرغىزىستان خىتاينىڭ ۋىزا رەسمىيىتىنى قولايلاشتۇرۇش قارارىنى قىزغىن قارشى ئالدى
ئەرمېنىيە ئەنقەرە ۋە باكۇ بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى
فىرانسىيەدە «ئۆلۈمگە ياردەم بېرىش» قانۇنى كۈچكە ئىگە بولدى