خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي، رۇسىيە ۋە موڭغۇلىيە چېگرا بىخەتەرلىك ئالاقىسىنى چېگرا مانېۋىرلىرى ئارقىلىق كۈچەيتمەكتە
خىتاي، رۇسىيە ۋە موڭغۇلىيە ئوتتۇرىسىدا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە مانېۋىرلار ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، چېگرا بىخەتەرلىكى ماھارەتلىرىنى كۆپەيتىش ۋە ئۈچ تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ئىشەنچنى مۇستەھكەملەشنى نىشان قىلىدۇ.
خىتاي، رۇسىيە ۋە موڭغۇلىيە چېگرا بىخەتەرلىك ئالاقىسىنى چېگرا مانېۋىرلىرى ئارقىلىق كۈچەيتمەكتە
/ AP

خىتاي، رۇسىيە ۋە موڭغۇلىيە بۇ ھەپتە تۇنجى ئورتاق چېگرا مۇداپىئە مانېۋىرى ئۆتكۈزدى. خىتاي ئارمىيەسىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مەزكۇر مانېۋىرنىڭ ئۈچ قوشنا دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بىخەتەرلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەنلىكى تەكىتلەندى.

خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى رەسمىي Weibo سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «2025 – يىللىق چېگرا مۇداپىئە ھەمكارلىقى» ناملىق مانېۋىرنىڭ دۈشەنبە ۋە سەيشەنبە كۈنلىرى ئۈچ دۆلەت ئورتاق بولغان، ئېنىق ئاشكارىلانمىغان بىر چېگرا رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«بىرلەشمە مانېۋىرلار ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، چېگرا بىخەتەرلىكى ماھارەتلىرىنى كۆپەيتىش ۋە ئۈچ تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ئىشەنچنى مۇستەھكەملەشنى نىشان قىلىدۇ.

 مانېۋىرلار جەريانىدا كىمنىڭ زېمىنى بولسا، شۇ تەرەپ رەھبەرلىكنى ئۈستىگە ئالىدۇ، كۆپ تەرەپلىك مەسلىھەت بېرىش ۋە پاراللېل قوماندانلىق قىلىش پىرىنسىپى بويىچە خىزمەت ئىشلەيدىغان بىر ئورتاق قوماندانلىق مەركىزى خىتاي زېمىنىدا قۇرۇلدى.»

بۇ مانېۋىرلار ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ 2-سېنتەبىر بېيجىڭدا چاقىرىلغان ئۈچ تەرەپلىك يىغىنىدىن كېيىنلا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىپ، غەربتىن باشقا 20 دىن ئارتۇق رەھبەرنى كۈتۈۋالغان پائالىيەتتىن بىر كۈن كېيىن ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ بۇ يىغىندا يېڭى بىر يەر شارى خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي تەرتىپ چاقىرىقىنى قىلغانىدى.

موڭغۇلىيە 2004-يىلدىن بۇيان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كۆزەتكۈچى دۆلەت سالاھىيىتىدە قاتنىشىشنى تاللىغان بولۇپ، ھىندىستان، پاكىستان ۋە ئىران قاتارلىق باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش تولۇق ئەزا بولۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلمەكتە. لېكىن بېيجىڭ 10 دۆلەتتىن تەركىب تاپقان بۇ تەشكىلاتقا موڭغۇلىيەنىڭمۇ تولۇق ئەزا بولۇشى ئۈچۈن بېسىم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Russia and China in talks on Power of Siberia-2 pipeline as Putin hosts Xi

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە ناتو باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ھەرخىل كۆرگەزمىلەرنى ئاچتى
رۇتتې ئەردوغاننىڭ ناتو يىغىنى ئۈچۈن «ئاجايىپ قالتىس» مەيدان ھازىرلاپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى
ئەنقەرە ناتو باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن چوڭ بىر خەلقئارالىق تاراتقۇ مەركىزى تەييارلىماقتا
مىنىستىر فىدان: تۈركىيە — ياۋروپا بىخەتەرلىكىنىڭ مەركىزىي ئاكتىيورلىرىدىن بىرى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان دۇنيا رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ
فىدان: ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ ياخشى مۇناسىۋىتى ناتو ئىچىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشى مۇمكىن
كروزېتتو: ناتو باشلىقلار يىغىنى ياخشى نەتىجە بېرىدىغان شەكىلدە لايىھەلەندى
ۋېنېسۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 3 مىڭ 342 گە يەتتى
TCG  ئۇرۇچ رەئىس نىيۇ يوركتاكى ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنى پائالىيىدە تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلدى
نورۋېگىيە كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالغان بىرازىلىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى بىلەن خوشلاشتى
موسكۋا كىيېۋغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئەنقەرە پىروگراممىسى ئېنىق بولدى
ئىراندا ھامانېنىڭ دەپنە مۇراسىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە دۇئالار قىلىندى
زېلېنسكىي ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشلەردە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 954 كە يەتتى