خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇتۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان باكۇدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەتە ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى يىغىنى (CICA) دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ يەتتىنچى نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەنبەلىرىدىن ئېلىنغان ئۇچۇرغا قارىغاندا، خاقان فىدان مەزكۇر يىغىنغا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ۋاكالىتەن قاتنىشىدىكەن. ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى يىغىن نىڭ نۆۋەتچى رەئىسى ئەزەربەيجاننىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان باشلىقلار يىغىنىغا ئەزا دۆلەتلەردىن باشقا، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر بىلەن CICA نىڭ شېرىكلىرى ۋە كۆزەتكۈچىسى بولغان خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ جەم قاتنىشىدۇ.

ئاسىيادىكى يەر شارى خاراكتېرلىك سىياسەت ۋە ئىقتىسادقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاكتىيورلارنىڭ ئورتاق مۇھىم نۇقتىلىرى ۋە ھەمكارلىق ساھەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى جەھەتتىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بۇ يىغىندا، ئەزەربەيجاننىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك مەزگىلىدە «ئاسىيادا تېخىمۇ كۈچلۈك CICA، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، رەقەملەشتۈرۈش ۋە سىجىل تەرەققىيات» تېمىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنقى پىلانغا چىقىشى كۈتۈلمەكتە.

يىغىندا نەتىجە ھۆججىتى خاراكتېرىدىكى «باكۇ خىتابنامىسى» بىلەن «ئىش بېجىرىش بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىقى ساھەسىدىكى ھەمكارلىق توغرىسىدىكى بايانات» نىڭ قوبۇل قىلىنىشى، شۇنداقلا لائوسنىڭ يېڭى ئەزا سۈپىتىدە قاتنىشىدىغانلىقىنىڭ جاكارلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە. خاقان فىداننىڭ يىغىندا سۆز قىلىشى ۋە ئىككى تەرەپلىك كۆرۈشۈشلەرنى ئېلىپ بېرىشى پىلانلانماقتا.

خاقان فىداننىڭ نۇتىقىدا ۋە يىغىن دائىرىسىدىكى ئۇچرىشىشلىرىدا، دۇنياۋى كىرىزىسلار ۋە گېئوسىياسىي ئۆزگىرىشلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان سىناقلارغا قارىتا مەسلىھەتلىشىش، ئورتاق تونۇش، ئۆزئارا ئىشەنچ ۋە رايوننىڭ مەسىلىلىرىگە رايون دۆلەتلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىشى ئاساسىدا ئورتاق ھەل قىلىش چارىلىرىنى تېپىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىشى، بۇ دائىرىدە ئۈنۈملۈك كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيەنى قوغداش ۋە كۈچەيتىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەكلىكىنى تىلغا ئېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى يىغىنى ھەققىدە

خەۋپسىزلىك ساھەسىدە ئۈنۈملۈك كۆپ تەرەپلىك تەشكىلاتلار كەمچىل بولغان ئاسىيا رايونىدا، CICA ئوخشىمىغان مۇھىم نۇقتىلارغا ئىگە ئاكتىيورلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 28 دۆلەتنى ئورتاق دىيالوگ سۇپىسىدا جەم قىلغان بىردىنبىر قۇرۇلما ھېسابلىنىدۇ. بۇ تەشكىلات يەر مەيدانى جەھەتتىن ئاسىيا قىتئەسىنىڭ %90 نى ۋە دۇنيا نوپۇسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئەزالار ئارىسىدىكى ھەمكارلىق ھەربىي-سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىنسانىي، مۇھىت ئاسراش ۋە يېڭى تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت بەش ئاساسلىق تېما ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. CICA نىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى بۈگۈنگە قەدەر قازاقىستان، تۈركىيە، خىتاي، تاجىكىستان، قازاقىستان ۋە ئەزەربەيجان ئۈستىگە ئالدى.

تۈركىيە قۇرغۇچى ئەزالارنىڭ بىرى بولغان CICA نىڭ خىزمەتلىرىنى باشتىن-ئاخىر كۈچلۈك قوللاپ كەلمەكتە. تۈركىيە 2010-يىلى 8-ئىيۇن كۈنى ئىستانبۇلدا CICA نىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلغان ۋە 2010-2014-يىللىرى ئارىسىدا نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئىدى. بۇ مەزگىلدە تۈركىيە تەشكىلاتنىڭ ئورگانلىشىش قەدەملىرىدە ئاكتىپ رول ئوينىغان ھەمدە تەشكىلاتنىڭ سىياسىي-ھەربىي نىشانغا ئىگە بولۇشى ۋە خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىنىڭ ئېشىشىغا يېتەكچىلىك قىلغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
تۇفان ئەرھۈرمان قىبرىس رۇم رەھبىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ
پاشىنيان: ئەزەربەيجان بىلەن تىنچلىق ئورنىتىش ئەرمېنىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم
پاكىستاندا يولۇچىلار پويىزىنىڭ رېلىستىن چىقىپ كېتىشى نەتىجىسىدە 5 كىشى ئۆلدى
زېلېنسكىي ترامپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش باياناتىدىن كېيىنمۇ روسىيەنىڭ  ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدا پارتلاش يۈز بەردى. 8 كىشى يارىلاندى
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتى
ئىسرائىلىيە ھىندونېزىيەلىك ئۇچقۇچى بارلىقىنى سەۋەب قىلىپ ئايروپىلاننى قايتۇرىۋەتتى
ئايروپىلاندا قاندالا (چۇسا) ۋەھىمە ياراتتى، نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
يىلدىز: سۈرىيە قىيىنچىلىقلارغا قارىماي توغرا يۆنىلىشتە ئىلگىرىلىمەكتە
موسكۋانىڭ ترامپنىڭ باياناتىغا سۈكۈت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
كۇبا نېفىت ساھەسىنى چەت ئەل مەبلىغىگە ئېچىش ئۈچۈن كونا قانۇنلارنى بىكار قىلدى
ئەردوغان رىياد ئايرودۇرۇمىغا قىلىنغان ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلىدى
جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيە شەرقىي دېڭىز تەرەپكە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئاتتى
ترامپ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىرانغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: بىخەتەر ئاشلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكىمىزنىڭ ئاساسلىق ئامىلى