سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
نېتانياھۇ «بۈيۈك ئىسرائىلىيە» پىلانىغا سادىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ غەززەدىكى قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۆزىنىڭ كېڭەيمىچىلىك ئىدېئولوگىيەسىگە سادىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
نېتانياھۇ «بۈيۈك ئىسرائىلىيە» پىلانىغا سادىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
/ AP

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ پەلەستىن دۆلىتى ئۈچۈن پىلانلانغان زېمىنلارنى، شۇنداقلا بۈگۈنكى ئىيوردانىيە ۋە مىسىرنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «بۈيۈك ئىسرائىلىيە» تەسەۋۋۇرىغا «ئىنتايىن سادىق» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنى «ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدىغان تارىخىي ۋە مەنىۋى بۇرچ» دەپ ئاتىدى.

نېتانياھۇ ئىسرائىلىيەنىڭ «i24NEWS» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، ھۆكۈمىتى غەززەنىڭ قالغان جايلىرىغا قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش تەييارلىقىنى قىلىۋاتقان بىر پەيتتە مۇنداق دېدى:

«بۇ يەرگە كېلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان نۇرغۇن يەھۇدىي ئەۋلادلار بار ئىدى، بىزدىن كېيىنمۇ يەنە نۇرغۇن يەھۇدىي ئەۋلادلار بولىدۇ.»

«بۈيۈك ئىسرائىلىيە ‹Eretz Yisrael HaShlema›» ئۇقۇمى، 1967-يىلىدىكى ئەرەب-ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىدىن بۇيان ئىسرائىلىيە بېسىۋالغان شەرقىي قۇددۇس، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى، غەززە، مىسىرنىڭ سىنا يېرىم ئارىلى ۋە سۈرىيەنىڭ گولان ئېگىزلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

 نېتانياھۇنىڭ پارتىيەسى لىكۇدنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك يول باشچىلىرىدىن زېئېۋ جابوتىنىسكىيغا ئوخشىغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى زىيونىستلار، بۇ ئۇقۇمنى بۈگۈنكى ئىيوردانىيە زېمىنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە كېڭەيتكەنىدى.

سابىق كېنسېت ئەزاسى شارون گال زىيارەت جەريانىدا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇغا «بۈيۈك ئىسرائىلىيە» تەسۋىرلەنگەن بىر تۇمارنى كۆرسەتتى.

نېتانياھۇ بۇ تەسەۋۋۇرغا سادىق ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدىكى سوئالغا: «ئىنتايىن سادىقمەن» دەپ جاۋاب بەردى.

«بۈيۈك ئىسرائىلىيە» ئۇقۇمى لىكۇد پارتىيەسىنىڭ سىياسىي ئەنئەنىسىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغان رېۋىزىيونىست زىيونىزمنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ.

نېتانياھۇ پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا كۆپ قېتىم قارشى چىققان بولۇپ، تەنقىدچىلەر ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئولتۇراق رايونلارنى قانۇنسىز  شەكىلدە كېڭەيتىش سىياسىتىنىڭ بۇ تەسەۋۋۇرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن «ئەمەلىي ئەھۋال» ئارقىلىق ھاياتىي كۈچكە ئىگە بىر پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى مۇمكىن بولمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

بىر قىسىم ئانالىزچىلار غەززەدە داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بۇ پىلاننىڭ تېزلىتىلگەن شەكىلدە ئىجرا قىلىنىشى دەپ قارىماقتا. تەنقىدچىلەرنىڭ قارىشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ پوزىتسىيەسى «ئەڭ كۆپ زېمىن، ئەڭ ئاز ئەرەب» نىشانىنى ئەكس ئەتتۈرىدىكەن.

 غەززەدىكى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش

 

سەيشەنبە كۈنى، نېتانياھۇ  ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك بىر قىرغىنچىلىققا تەييارلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، پەلەستىنلىكلەرنىڭ قورشاۋ ئاستىدىكى غەززەدىن ئايرىلىشىغا ئىجازەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، تېلېۋىزىيە نۇتىقىدا مۇنداق دېدى:

«بىرىنچىدىن، ئۇرۇش رايونلىرىدىن، ئومۇمەن بۇ رايوندىن ئايرىلىشنى خالايدىغانلارغا بۇ پۇرسەتنى يارىتىپ بېرىمىز. بۇنى ئالدى بىلەن غەززە ئىچىدە توقۇنۇشلار داۋاملىشىۋاتقاندا ئىشقا ئاشۇرىمىز، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ غەززەدىن ئايرىلىشىغا چوقۇم ئىجازەت بېرىمىز.»

نېتانياھۇنىڭ بۇ سۆزلىرى غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقى 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيە كۈچلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەر سانىنىڭ 61 مىڭ 600 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان بىر ۋاقىتقا توغرا كەلدى.

ئىسرائىلىيە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ نېتانياھۇ ھەققىدە ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەر بىلەن چىقارغان قولغا ئېلىش بۇيرۇقى ۋە خەلقئارا ئەدلىيە سوت مەھكىمىسىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەۋاسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق نارازىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
پورتۇگالىيە مەشقاۋۇلى: رونالدو خالىسا دۆلەت كوماندىسىغا قايتالايدۇ
77-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئالەم قاتنىشى قۇرۇلتىيى ئانتاليادا باشلاندى
ئامېرىكا تېررورلۇق ئەندىشىسى تۈپەيلى ئەنگلىيەدىكى B-1 بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنى چېكىندۈردى
21  دۆلەت «ئانتاليا ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىقى» خىتابنامىسىنى ئىمزالىدى
روسىيە دىپلوماتلار ۋە چەتئەل پۇقرالىرىنى كىيېۋدىن ئايرىلىشقا چاقىردى
ترامپ ئامېرىكىدىكى يازلىق ۋە قىشلىق ۋاقىت تۈزۈمىنى ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى
ئىران پارلامېنت باشلىقى قالىباف: «ئىران سۇنغان 7 شەرت ئىجرا قىلىنمىغۇچە ھورمۇز بوغۇزى ئېچىلمايدۇ»
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى كۈنىگە 1587 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇم بولدى
تۈركىيە ئاپتوموبىل ساھەسى ئېكسپورتتا سېنتەبىردىمۇ ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى
روسىيە كىيېۋغا يېڭى «كەڭ كۆلەملىك» ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشلىرىدا 5 مىڭدىن ئارتۇق كىشى نازارەتكە ئېلىندى
ئەردوغان: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە «مۇكەممەل بىر ئىنقىلاب ياراتماقتا»
تۈركىيە بىلەن فىرانسىيە ئوتتۇرىسىدا مۇداپىئە ھەمكارلىقىدا مۇھىم قەدەم تاشلاندى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنىنى تەبرىكلىدى
پاكىستان: 6 دىن كۆپ دۆلەت مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمىگە قاتنىشىشقا قىزىقماقتا