سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ياۋروپا ئىتتىپاقى ترامپنىڭ تاموژنا تەھدىتىدىن كېيىن جىددىي يىغىن چاقىرىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى ترامپنىڭ گىرېنلاندىيەگە قارىتىلغان تاموژنا تەھدىتىدىن كېيىن جىددىي يىغىن چاقىرىدۇ.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ترامپنىڭ تاموژنا تەھدىتىدىن كېيىن جىددىي يىغىن چاقىرىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى ترامپنىڭ تاموژنا تەھدىتىدىن كېيىن جىددىي يىغىن چاقىرىدۇ / Reuters

ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئانتونىيو كوستا ترامپنىڭ تاموژنا بېجى تەھدىتىدىن كېيىن: «بىرلىككە، خەلقئارا قانۇنغا، زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ۋە دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقىغا بولغان تەۋرەنمەس ساداقىتىمىزنى قايتا تەكىتلەيمىز» دېدى.

ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئانتونىيو كوستا تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، ياۋروپا كېڭىشى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ گىرېنلاندىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك تاموژنا باجلىرىنى يولغا قويۇش پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە پەۋقۇلئاددە يىغىن چاقىرىدىكەن.

ئانتونىيو كوستا يەكشەنبە كۈنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئەھمىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ ۋە تېخىمۇ كۆپ ماسلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ياۋروپا كېڭىشىنىڭ پەۋقۇلئاددە يىغىنىنى چاقىرىشنى قارار قىلدىم.»

كوستا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەسلىھەتلىشىشلەردىن كېيىن «بىرلىك، خەلقئارا قانۇن، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقىغا بولغان تەۋرەنمەس ساداقىتىنى قايتا تەكىتلىگەنلىكىنى»، شۇنداقلا دانىيە ۋە گىرېنلاندىيە بىلەن ھەمدەم بولىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ناتو ئارقىلىق ئاركتىكا رايونىدا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىكى ئورتاق تىرانساتلانتىك مەنپەئەتلىرىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

 كوستا يەنە، ئەزالارنىڭ تاموژنا باجلىرىنىڭ «ترانساتلانتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئاجىزلاشتۇرىدىغانلىقى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى – ئامېرىكا سودا كېلىشىمىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكى» ھەققىدىكى ئورتاق قارىشىنى جەزمىلەشتۈرگەنلىكىنى؛ ھەرقانداق شەكىلدىكى زورلاشقا قارشى ئۆزلىرىنى قوغداشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ۋە ئورتاق مەنپەئەت مەسىلىلىرىدە ئامېرىكا بىلەن ئىجابىي دىيالوگنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

بۇ بايانات، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ شەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا 1-فېۋرالدىن باشلاپ دانىيە، نورۋېگىيە، شېۋېتسىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، گوللاندىيە ۋە فىنلاندىيەدىن كېلىدىغان ماللاردىن %10 تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقىنى؛ ئىيۇن ئېيىدا بۇنىڭ %25 كە ئۆستۈرۈلىدىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكانىڭ ئاتالمىش «گىرېنلاندىيەنى تولۇق ۋە قەتئىي سېتىۋېلىش» يۆنىلىشىدە بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىغان تەقدىردە، بۇ تەدبىرنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېيتىشىدىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

ياۋروپالىق رەھبەرلەر تاموژنا بېجى تەھدىتىنى رەت قىلدى ۋە دانىيە بىلەن بولغان ھەمدەملىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەن تەرەپلەردە، ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ياۋروپادىكى سەككىز دۆلەت ئامېرىكانىڭ تەھدىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ قوشما بايانات ئېلان قىلدى ھەمدە ئاركتىكانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقىغا بولغان ساداقىتىنى قايتا جەزمىلەشتۈردى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
دونالد ترامپ كانادا مەھسۇلاتلىرىنى خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرىدىن چىقىرىۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى