سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكانىڭ ئالاھىدە ھەرىكەت پىلانى ئاشكارىكلاندى
ئامېرىكا ئىراننىڭ ئۇرانلىرىنى بىخەتەرلىك كاپالىتى ئاستىغا ئېلىش ۋە ئىراننىڭ يادرو قورالى ياساش يوشۇرۇن كۈچىنى مەڭگۈگە يوقىتىش ئۈچۈن «ئالاھىدە ھەرىكەت» پىلانلىماقتا.
ئامېرىكانىڭ ئالاھىدە ھەرىكەت پىلانى ئاشكارىكلاندى
ئامېرىكا ئىراننىڭ يادرو قورال ئىقتىدارىنى يوقىتىشنى ىشان قىلماقتا. ئا پ. / AP

ترامپ ھۆكۈمىتى ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىدە قويۇلدۇرۇلغان ئۇران زاپىسىنى بىخەتەرلىك كاپالىتى ئاستىغا ئېلىش ياكى يۆتكەپ چىقىش يوللىرى ئۈستىدە ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

س ب س (CBS) خەۋەرلىرىنىڭ جۈمە (20-مارت) كۈنى مەسىلىدىن خەۋەردار بىر نەچچە كىشىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىدە قويۇلدۇرۇلغان ئۇران زاپىسىنى بىخەتەرلىك كاپالىتى ئاستىغا ئېلىشنى ياكى يۆتكەپ چىقىش پىلانلىرىنى تۈزۈۋاتقان بولۇپ، بۇ ۋەزىپىگە «بىرلەشمە ئالاھىدە ھەرىكەت قوماندانلىق ئىشىتابى»  (JSOC) نىڭ مەسئۇل بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئەسكەرتىلىشىچە، بۇ ھەقتە تېخى بىر قارار چىقىرىلمىغان، ھەرىكەتنىڭ ۋاقتىمۇ تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

ئاقساراي باياناتچىسى تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ پېنتاگوننىڭ (ئۇرۇش مىنىستىرلىقى) مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، ئەمما بۇ ھەقتىكى خەۋەرگە باھا بېرىش تەلىپىگە جاۋاب قايتۇرمىدى.

ئىراننىڭ %60 قويۇلدۇرۇلغان تەخمىنەن 450 كىلوگرام كېلىدىغان ئۇران زاپىسىنىڭ كۆپ قىسمى، ئۆتكەن يازدىكى ئامېرىكا ھۇجۇمىدا بومباردىمان قىلىنغان يادرو ئەسلىھەلىرىنىڭ ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى يېقىندا بۇ ماتېرىياللارنىڭ «خارابىلىكلەر ئاستىدا» ئىكەنلىكىنى، ئۇنى قايتۇرۇپ چىقىش توغرىسىدا ھازىرچە بىر پىلاننىڭ يوقلۇقىنى ئېيتقان ئىدى.

خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى (IAEA) نىڭ باش دىرېكتورى رافائىل گروتسى (Rafael Grossi) ئىنتايىن يۇقىرى خەتەرلەردىن ئاگاھلاندۇردى.

قويۇلدۇرۇلغان ئۇران يۇقىرى بېسىملىق سىلىندىرلار ئىچىدىكى «ئۇران ئالتىنچى فتورىد گازى» شەكلىدە مەۋجۇت بولۇپ، ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئىنتايىن خەتەرلىك.

گروتسى بۇ ئىشنىڭ «مۇمكىن ئەمەس» ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە: «بۇ ئەلۋەتتە ئىنتايىن قىيىن ھەرىكەت بولىدۇ» دېدى.

س ب س نىڭ خەۋىرى س ن ن (CNN) ۋە ئاكسىيوس (Axios)  نىڭ ئىلگىرىكى خەۋەرلىرىگە تولۇقلىما بولدى. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇران زاپىسىنى قايتۇرۇپ كېلىش ۋە ئىراننىڭ يادرو قورالى ياساش يوشۇرۇن كۈچىنى مەڭگۈلۈك يوقىتىش ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Trump: US considering 'winding down' military operations in Iran
ئىزدىنىڭ
ئالىملار ئىتالىيەدە ئاياللار ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان يېزىنى بايقىدى
30 دوللارغا سېتىۋېلىنغان رەسىم كىمئارتۇقتا 1 مىليون 350 مىڭ دوللارغا سېتىلدى
ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ChatGPT پىلانلانغاندەك ئىشلىمەيۋاتىدۇ، خەۋپ - خەتەر شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا