ئامېرىكانىڭ ئالاھىدە ھەرىكەت پىلانى ئاشكارىكلاندى
ئامېرىكا ئىراننىڭ ئۇرانلىرىنى بىخەتەرلىك كاپالىتى ئاستىغا ئېلىش ۋە ئىراننىڭ يادرو قورالى ياساش يوشۇرۇن كۈچىنى مەڭگۈلۈك يوقىتىش ئۈچۈن «ئالاھىدە ھەرىكەت» پىلانلىماقتا.
ئامېرىكا ئىراننىڭ يادرو قورال ئىقتىدارىنى يوقىتىشنى ىشان قىلماقتا. ئا پ. / AP
ترامپ ھۆكۈمىتى ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىدە قويۇلدۇرۇلغان ئۇران زاپىسىنى بىخەتەرلىك كاپالىتى ئاستىغا ئېلىش ياكى يۆتكەپ چىقىش يوللىرى ئۈستىدە ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
س ب س (CBS) خەۋەرلىرىنىڭ جۈمە (20-مارت) كۈنى مەسىلىدىن خەۋەردار بىر نەچچە كىشىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىدە قويۇلدۇرۇلغان ئۇران زاپىسىنى بىخەتەرلىك كاپالىتى ئاستىغا ئېلىشنى ياكى يۆتكەپ چىقىش پىلانلىرىنى تۈزۈۋاتقان بولۇپ، بۇ ۋەزىپىگە «بىرلەشمە ئالاھىدە ھەرىكەت قوماندانلىق ئىشىتابى» (JSOC) نىڭ مەسئۇل بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ئەسكەرتىلىشىچە، بۇ ھەقتە تېخى بىر قارار چىقىرىلمىغان، ھەرىكەتنىڭ ۋاقتىمۇ تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
ئاقساراي باياناتچىسى تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ پېنتاگوننىڭ (ئۇرۇش مىنىستىرلىقى) مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، ئەمما بۇ ھەقتىكى خەۋەرگە باھا بېرىش تەلىپىگە جاۋاب قايتۇرمىدى.
ئىراننىڭ %60 قويۇلدۇرۇلغان تەخمىنەن 450 كىلوگرام كېلىدىغان ئۇران زاپىسىنىڭ كۆپ قىسمى، ئۆتكەن يازدىكى ئامېرىكا ھۇجۇمىدا بومباردىمان قىلىنغان يادرو ئەسلىھەلىرىنىڭ ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان.
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى يېقىندا بۇ ماتېرىياللارنىڭ «خارابىلىكلەر ئاستىدا» ئىكەنلىكىنى، ئۇنى قايتۇرۇپ چىقىش توغرىسىدا ھازىرچە بىر پىلاننىڭ يوقلۇقىنى ئېيتقان ئىدى.
خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى (IAEA) نىڭ باش دىرېكتورى رافائىل گروتسى (Rafael Grossi) ئىنتايىن يۇقىرى خەتەرلەردىن ئاگاھلاندۇردى.
قويۇلدۇرۇلغان ئۇران يۇقىرى بېسىملىق سىلىندىرلار ئىچىدىكى «ئۇران ئالتىنچى فتورىد گازى» شەكلىدە مەۋجۇت بولۇپ، ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئىنتايىن خەتەرلىك.
گروتسى بۇ ئىشنىڭ «مۇمكىن ئەمەس» ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە: «بۇ ئەلۋەتتە ئىنتايىن قىيىن ھەرىكەت بولىدۇ» دېدى.
س ب س نىڭ خەۋىرى س ن ن (CNN) ۋە ئاكسىيوس (Axios) نىڭ ئىلگىرىكى خەۋەرلىرىگە تولۇقلىما بولدى. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇران زاپىسىنى قايتۇرۇپ كېلىش ۋە ئىراننىڭ يادرو قورالى ياساش يوشۇرۇن كۈچىنى مەڭگۈلۈك يوقىتىش ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.