سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
«ئىنتايىن ئاچچىق تەجرىبە»نى باشتىن كەچۈرگەن ئاراقچى ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلىشىشنى رەت قىلدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى فېۋرالدىكى جەنۋە باشلىقلار يىغىنىدا مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئامېرىكانىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشىدىن كېيىن يېڭى سۆھبەتلەرنىڭ كۈنتەرتىپتە يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
«ئىنتايىن ئاچچىق تەجرىبە»نى باشتىن كەچۈرگەن ئاراقچى ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلىشىشنى رەت قىلدى
ئاراغچىنىڭ دېيىشىچە، تېھران ئەمدى ۋاشىنگتون بىلەن سۆھبەتلىشىشنى ئويلاشمايدىكەن. / Reuters

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى «ئىنتايىن ئاچچىق بىر تەجرىبە» دەپ تەسۋىرلىگەن ۋەقەدىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن قايتا سۆھبەتلىشىش ئېھتىماللىقىنى رەت قىلدى. دۈشەنبە كۈنى «PBS News» قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئاراقچى ئىراننىڭ يېڭى دىنىي رەھبىرى مۇجتەبا خامەنېينىڭ قايتا سۆھبەتلىشىشكە ياكى ئۇرۇش توختىتىشقا ئوچۇق پوزىتسىيەدە بولىدىغان-بولمايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ھەر قانداق بىر باھا بېرىش ئۈچۈن «ئۇنىڭغا نىسبەتەن تېخى بەك بالدۇر» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

لېكىن ئاراقچى ئامېرىكالىقلار بىلەن قايتا سۆھبەتلىشىش ياكى يېڭىدىن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئامېرىكالىقلار بىلەن سۆھبەتلىشىش جەھەتتە بىزنىڭ ئىنتايىن ئاچچىق تەجرىبىمىز بار» دېدى. ئۇ تېھران بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەر داۋاملىشىۋاتقان جەرياندا، ئۆتكەن ئىيۇن ئېيىدا يۈز بەرگەن 12 كۈنلۈك ئۇرۇشنى تىلغا ئېلىپ، ئاشۇ مەزگىلدە ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا كۈچلىرىنىڭ ئىراننىڭ يادرو مۇئەسسەسەلىرىنى زەربە ئوبيېكتى قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

فېۋرال ئېيىنىڭ ئاخىرىدا جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-ئىران يادرو سۆھبىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىنى تىلغا ئالغان ئاراقچى ئىككى تەرەپنىڭ ئوماننىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەرنى بەرپاچى دەپ تەسۋىرلىگەنلىكىنى سۆزلىدى. بىراق ئۇ: «ئۈچ باسقۇچلىق سۆھبەتتىن كېيىن ۋە ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆزى <زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدۇق> دېگىنىگە قارىماي، ئۇلار يەنىلا بىزگە ھۇجۇم قىلىشنى قارار قىلدى» دېدى. شۇڭا ئاراقچى ئەمدى ئامېرىكالىقلار بىلەن سۆھبەتلىشىشنىڭ كۈنتەرتىپتە ئورۇن ئالىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رايون خاراكتېرلىك جىددىيچىلىك

دۇنياۋى نېفىت بازارلىرىدىكى توسالغۇلار ئۈستىدە توختالغان ئاراقچى ئىراننىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ۋە توشۇش جەھەتتىكى ئاستىلاشنىڭ جاۋابكارى ئەمەسلىكىنى ئېيتتى. ئۇ: «بۇ بىزنىڭ خاتالىقىمىز ئەمەس، بۇ بىزنىڭ پىلانىمىزمۇ ئەمەس» دېدى. ئاراقچى بۇ خىل توسالغۇلارنىڭ ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاراقچىنىڭ قارىشىچە، بۇ ھۇجۇملار رايوننى بارغانسېرى تۇراقسىز ۋە خەتەرلىك ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان. ئۇ: «شۇڭا نېفىت پاراخوتلىرى ۋە يۈك پاراخوتلىرى ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈشتىن قورقۇۋاتىدۇ» دېدى. ئاراقچى ئىراننىڭ رايوندىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇملار ئارقىلىق نېفىت بىلەن تەمىنلەشنى قەستەن چەكلىگەنلىكى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنىمۇ رەت قىلدى.

«بىزگە قارىتىلغان پۈتۈنلەي قانۇنسىز بىر ھۇجۇم بار، بىزنىڭ قىلغىنىمىز قانۇنغا ئۇيغۇن ۋە ھەققانىي بولغان ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ھەرىكىتىدۇر» دېگەن ئاراقچى، تېھراننىڭ رايوندىكى دۆلەتلەرگە، ئەگەر ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىرانغا بىۋاسىتە ھۇجۇم قىلسا، ئىراننىڭ رايوندىكى ئامېرىكا بازىلىرىنى ۋە ئەسلىھەلىرىنى زەربە ئوبيېكتى قىلىپ تۇرۇپ جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «نەتىجىدە ئۇرۇش پۈتكۈل رايونغا يېيىلىدۇ، بۇنىڭ جاۋابكارى بىز ئەمەس» دېدى.

ئىزدىنىڭ
كرېمىل: «پۇتىن ئىراننىڭ ئۇرۇش مەسىلىنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى ترامپقا يەتكۈزدى»
ئىران: «يېڭى ئۇرۇش ئېھتىماللىقىغا قارشى تەييارلىقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز»
ئەنقەرەدە قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى نامايىش بىلەن ئەيىبلەندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە 3 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى شۋېتسىيەدە ئەيىبلەندى
ئامېرىكا يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى
پاناما «چوڭ ئاپەت» ھالىتى ئېلان قىلدى
ترامپ نوبېل كومىتېتىغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى
2026-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ناۋى پىللايغا بېرىلدى
ناتونىڭ يىللىق يادرو قوراللىرىنى توسۇش مانېۋىرى 13-ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ
ئامېرىكاغا يېقىنلىشىۋاتقان ئىساياس بوران-چاپقۇنى سەۋەبىدىن جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى
مېكسىكادىكى بىر تۈرمىدە ئىسيان كۆتۈرۈلۈپ 10 كىشى ئۆلدى، 16 كىشى يارىلاندى
ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرنى دېڭىز يولى ئارقىلىق قوغلاپ چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئۇكرائىنا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى
FBI خىتايغا چېتىشلىق خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمى قوراللىرىنى مۇسادىرە قىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ھۇجۇملىرىدىن ئەنسىرىمەكتە