رۇبىيو: ترامپ تۈركىيەدە چاقىرىلىدىغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
رۇبىيو: ترامپ تۈركىيەدە چاقىرىلىدىغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇرۇبىيو تۈركىيەدە چاقىرىلىدىغان ناتو باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئىتتىپاق تارىخىدىكى «ئەڭ مۇھىم يىغىن» بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رۇبىيو: ترامپ تۈركىيەدە چاقىرىلىدىغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىيۇل ئېيىدا ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا سۆز قىلغان رۇبىيو، ئەنقەرەدە چاقىرىلىدىغان ناتو باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئىتتىپاق تارىخىدىكى «ئەڭ مۇھىم يىغىن» بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بۇ يەردە ئايدىڭلاشتۇرۇشقا ۋە تۈزىتىشكە تېگىشلىك بەزى مەسىلىلەر بار. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى يەنىلا ناتو ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسىدۇر ۋە بىز ئۇ يەردە بولىمىز.»

رۇبىيو شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىچىدە «مۇھىم ئۆزگىرىشلەر» گە ئېھتىياج بارلىقىنى ۋە بۇ مەسىلىلەرنىڭ 7-8-ئىيۇل كۈنلىرى تۈركىيەنىڭ پايتەختىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان باشلىقلار يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

 مىنىستىر فىدانمۇ ترامپنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن ئىدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدانمۇ ترامپنىڭ ناتو باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ئىدى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئالدىنقى ئايدا ترامپ بىلەن بىرنەچچە قېتىم تېلېفوندا سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن فىدان، ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ ھەربىر سۆھبەتتە باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى بايان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

سىياسىي باياناتلارغا قارىماي ئامېرىكانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا بولغان ساداقىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن مىنىستىر فىدان، ۋاشىنگتوننىڭ ناتودىن چېكىنىپ چىقىشى مۇمكىنلىكىگە دائىر ئاگاھلاندۇرۇشلار توغرىسىدا ئېنىق بىر ئىسپات يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىغا مۇداپىئە چىقىملىرىنى ئاشۇرۇش ۋە ئۆز بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش توغرىسىدا ئۈزلۈكسىز بېسىم قىلىۋاتىدۇ. ياۋروپالىقلار بۇ سىگنالنى قوبۇل قىلدى ۋە ناتو دائىرىسىدە مۇداپىئە خامچوتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەدەملەرنى تاشلىدى. رەھبەرلەر بىر يەرگە جەم بولغاندا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەرنى كۆزدىن كەچۈرىمىز.»

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ