ئاقساراي: رىۋاندا ۋە كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ۋاشىنگتوندا تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالايدۇ
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ئاقساراي: رىۋاندا ۋە كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ۋاشىنگتوندا تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالايدۇترامپ بۇرۇن نەتىجە بەرمىگەن ئامېرىكا مۇرەسسەچىلىكىدىكى كېلىشىمدىن كېيىن، كاغامې ۋە تشىسېكېدىنى يېڭى بىر كېلىشىم ئۈچۈن كۈتۈۋالىدۇ.
ئاقساراي: رىۋاندا ۋە كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ۋاشىنگتوندا تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالايدۇ / Reuters

ئاقساراينىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ رىۋاندا ۋە كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرىنى ۋاشىنگتوندا بىر يەرگە جەم قىلىپ، تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاتقۇزىدىكەن.

ئاقساراي باياناتچىسى كارولىن لېئاۋىت دۈشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا: «پىرېزىدېنت ترامپ رىۋاندا جۇمھۇرىيىتى بىلەن كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىنى ئۆزى مۇرەسسەچىلىك قىلغان تارىخىي تىنچلىق ۋە ئىقتىسادىي كېلىشىمنى ئىمزالاش ئۈچۈن كۈتۈۋالىدۇ» دېدى.

ترامپ ئىيۇن ئېيىدا ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىمۇ ۋاشىنگتوندا كۈتۈۋالغان؛ تەرەپلەر شۇ زىيارەتتە ئامېرىكا مۇرەسسەچىلىكىدە تەييارلانغان تۇنجى كېلىشىمنى ئىمزالىغان ئىدى.

پىرېزىدېنت ترامپ شۇندىن بۇيان كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنى، ھەل قىلىنىشىغا ياردەمچى بولغان توقۇنۇشلاردىن بىرى دەپ تەرىپلىگەن ئىدى. لېكىن، ساھەدىكى زوراۋانلىق داۋاملاشتى، تەرەپلەر بىر-بىرىنى داۋاملىق ئەيىبلەشتى.

يېڭى كېلىشىمنىڭ ئىيۇندا ئىمزالانغان كېلىشىمدىن قانداق پەرقلىنىدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق بولمىدى.

يەر شارى خاراكتېرلىك تېخنولوگىيەلىك مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەش زەنجىرلىرى ئۈچۈن ھالقىلىق مىنېراللار جەھەتتىن باي بولغان بۇ رايون، يېقىنقى 30 يىلدا يۈز مىڭلىغان كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان قوراللىق توقۇنۇشلار بىلەن لەرزىگە كەلدى.

كىنشاسا تەرەپنىڭ قارىشىچە، رىۋاندا تەرەپ قوللاۋاتقان M23 قوراللىق گۇرۇھىنىڭ  دۆلەتنىڭ شەرقىدە گوما ۋە بۇكاۋۇ قاتارلىق كەڭ رايونلارنى بېسىۋېلىشى بىلەن جىددىيچىلىك يانۋار ئېيىدا تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتتى.

رىۋاندا «مۇداپىئە تەدبىرلىرى» دەپ ئاتىغان ھەرىكەتلەرنىڭ ئاخىرلىشىشىنىڭ، كىنشاسانىڭ 1994-يىلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئېتنىك خۇتۇ FDLR تەشكىلاتىنى بىر تەرەپ قىلىشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ترامپ بۇرۇن كونگونىڭ شەرقىدىكى كانلارغا ئېرىشىشنىڭ ئامېرىكاغا ئۈستۈنلۈك ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ۋە خىتايغا بېقىندى بولۇپ قېلىشنى ئازايتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئۆتكەن ئاي ۋاشىنگتوندىكى سۆھبەتلەردە رىۋاندا ۋە كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ئىيۇن كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدا «ئارقىدا قالغانلىقى» نى ئېتىراپ قىلغان، لېكىن جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرى ۋە پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئەزەربەيجاندا ئوق-دورا ئامبىرى پارتلىغاندىن كېيىن 5 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
ئەردوغان: گىرېتسىيە ھەربىيسىز سالاھىيەتتىكى ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك
ترامپ ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ناماز ئوقۇلۇۋاتقان بىر جامەگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى
ئىستانبۇل دېڭىز ساھىللىرىدا ئىككى سودا پاراخوتى سوقۇلۇپ كەتتى، 10 خادىم يوقاپ كەتتى
ئەدلىيە مىنىستىرى ئاقىن گۈرلەك گىرېتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ئالەم تەتقىقاتىدا يېڭى قەدەم تاشلاپ «ئارتېمىس ئەھدىنامىسى» غا ئىمزا قويدى
گىرېتسىيەلىك سابىق قوماندان: تۈركىيەنىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچى زورايماقتا
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن ئىران كېچىچە ئۆزئارا ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئاياللار ۋولېيبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە چارەك ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىردى
قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 462 گە يەتتى