تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدىكى ھەمكارلىق چەكلىمىلىرىنى بىكار قىلىدۇ
تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ۋاشىنگتوندا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدىكى ھەمكارلىق چەكلىمىلىرىنى بىكار قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدىكى ھەمكارلىق چەكلىمىلىرىنى بىكار قىلىدۇ
/ AP

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى بىر مەنبەنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن ئامېرىكالىق مەنسەپدىشى ماركو رۇبىيونىڭ ئۇچرىشىشىدا، تەرەپلەر مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدىكى ھەمكارلىق توسالغۇلىرىنى ئېلىپ تاشلاش جەھەتتىكى سىياسىي ئىرادىلىرىنى ئوچۇق ئىپادىلىگەن.

شۇنداقلا، ئىككى دىپلومات تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ 16-مارتتىكى تېلېفون سۆھبىتىدە مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەرنىمۇ كۆزدىن كەچۈرگەن.

بۇنىڭدىن تاشقىرى، دۆلەتلەر ئارىسىدا كەلگۈسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك زىيارەتلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Türkiye-US relations to advance in new era, Turkish President Erdogan tells Trump

F-35  مەسىلىسى

سەيشەنبە كۈنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ۋاشىنگتوندىكى ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى. بۇ زىيارەت ئۇنىڭ دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى دەۋرىدىكى تۇنجى زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

فىداننىڭ تۈركىيەگە قارشى يۈرگۈزۈلگەن جازا تەدبىرلىرىنى بىكار قىلدۇرۇش ۋە دۆلەتنىڭ F-35 ھەربىي ئايروپىلان پىروگراممىسىغا قايتا قوبۇل قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىشى كۈتۈلمەكتە.

ترامپ بىرىنچى نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىقى مەزگىلىدە تۈركىيە 2019-يىلى رۇسىيەنىڭ S-400 ھاۋا مۇداپىئە راكېتا سىستېمىلىرىنى سېتىۋالغانلىقى ئۈچۈن، مەسلىھەتچىلىرىنىڭ CAATSA [«جازا تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئامېرىكا دۈشمەنلىرىگە قارشى كۈرەش قانۇنى»] بويىچە تۈركىيەگە جازا تەدبىرى قوللىنىش تەكلىپىگە دەسلەپتە كۆڭۈلشىمىگەن بولسىمۇ، 2020 – يىلىغا كەلگەندە ئۇ بۇ قەدەمنى تاشلىغان.

شۇنداقلا، بۇ سېتىۋېلىش تۈركىيەنىڭ F-35 پىروگراممىسىدىن چىقىرىۋېتىلىشىگە سەۋەب بولغان. تۈركىيە بۇ قارارنى ئادالەتسىز ۋە قانۇنسىز دەپ ھېسابلاپ، قايتا قوشۇلۇشنى ياكى پىروگراممىغا سالغان مەبلىغىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Fidan, Rubio discuss regional issues, emphasise engagement with Syrian government

مۇناسىۋەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش تىرىشچانلىقلىرى

ئامېرىكا بىلەن تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىرى يېقىنقى يىللاردا ئستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقتىن يىراقلىشىپ، ئىككى تەرەپلىمە زىددىيەتلەر كۈچەيگەن. ئىلگىرىكى پىرېزىدېنت جو بايدىن ھۆكۈمىتى تۈركىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن چەتكە قېقىش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن. بايدىن مەزگىلىدە S-400 مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بويىچە سۆھبەتلەر داۋاملاشقان بولسىمۇ، ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغان.

فىداننىڭ زىيارىتى ئەنقەرە تىرامپنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق پىرېزىدېنتلىقى  مەزگىلىدە ۋاشىنگتون بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتقان پەيتكە توغرا كەلدى. ترامپ 20-يانۋار ۋەزىپىسىنى قايتا باشلىغاندىن بېرى، بايدىننىڭ موسكۋانى چەتلەشتۈرۈش ۋە كىيېۋنى شەرتسىز قوللاپ-قۇۋۋەتلەش سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشىنى توختىتىش ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتمەكتە.

تۈرك ئەمەلدار، ۋاشىنگتون بىلەن ئەنقەرە ئارىسىدىكى سۆھبەتلەرنىڭ ترامپ موسكۋاغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن «يېڭى باسقۇچ» قا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ترامپنىڭ پوزىتسىيەسىدىكى بۇ ئۆزگىرىش ياۋروپا رەھبەرلىرىنى تەشۋىشلەندۈرۈپ، ۋاشىنگتون ياۋروپادىن يىراقلىشىپ كېتىشى مۇمكىن دېگەن ئەندىشىنى پەيدا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەنقەرە ياۋروپا بىخەتەرلىكىنى قايتا شەكىللەندۈرۈشتە ھەمكارلاشقۇچى سۈپىتىدە رولىنى كۈچەيتىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارEurope is rediscovering Türkiye's merits amid global crises: Hakan Fidan

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئونتارىيو كۆلىنىڭ نامىنى رەسمىي ئۆزگەرتتى
گىرېتسىيەدە غەربىي نىل ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 290 غا يەتتى
ئامېرىكا ئارمىيەسى تىنچ ئوكياندا بىر كېمىنى غەرق قىلدى
ئامېرىكادا ھۆكۈمەت بىلەن سوت قارىمۇ قارشى بولۇپ قالدى
رۇسىيە موسكۋاغا قاراپ ئۇچقان 37 دانە ئۇچقۇنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر يېزىغا ھۇجۇم قىلىپ 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ترامپ ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلاشنى پىلانلىماقتا
ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرى ۋە پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
«تۈركىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئىستراتېگىيەسى غەربتىن ۋاز كەچكەنلىك ئەمەس»
ئەزەربەيجاندا ئوق-دورا ئامبىرى پارتلىغاندىن كېيىن 5 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
ئەردوغان: گىرېتسىيە ھەربىيسىز سالاھىيەتتىكى ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك
ترامپ ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ناماز ئوقۇلۇۋاتقان بىر جامەگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى