ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ چارشەنبە (2026-يىلى 21-ئۆكتەبىر) كۈنى جەنۇبىي كارولىنادىكى سايلام يىغىلىشىدىن قايتىش يولىدا مۇخبىرلارغا بايانات بەرگەندە: «ياق، مېنىڭچە بىز سۆھبەت ئېلىپ بارمايۋاتىمىز. ئۇنداق ياكى بۇنداق، پات يېقىندا بىر ئىشلار يۈز بېرىدۇ» دېدى.ئۇ يەنە سۆزىگە ئىلاۋە قىلىپ: «نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى سايلامدىن كېيىن بولىدۇ دەپ قاراۋاتقاندەك قىلىدۇ، نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى كۆرىمىز» دېدى.ئۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بىر سايلام يىغىلىشىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا ئامېرىكانىڭ ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشنى ھازىرلا ئاخىرلاشتۇرالايدىغانلىقىنى، بىراق نەتىجىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. تئۇ: «پات يېقىندا ئاخىرلىشىدۇ. ھازىرلا ئاخىرلشتۇرساق بولىدۇ، لېكىن بىز بۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىشىنى خالايمىز» دېدى.ئۇ ئامېرىكانىڭ ئىراننى ھەربىي ۋە مالىيە جەھەتتىن مەغلۇپ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېھراننىڭ «ھەرگىزمۇ يادرو قورالىغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقى» نى تەكىتلىدى.ترامپنىڭ بۇ باياناتلىرى، «نىيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ۋە مۇزاكىرەلەردىن خەۋەردار بولغان باشقا مەنبەلەرگە ئاساسلىنىپ ئېلان قىلغان، يەنى ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ئارمىيەلىرىنىڭ ئامېرىكادىكى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن كېيىن ئىرانغا يېڭى ھۇجۇم پىلانى تۈزگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋىرى بىلەن بىر ۋاقىتقا توغرا كەلدى.خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ترامپ بۇ يىل ئۇرۇشنى قايتا باشلاش پىلانلىرىنى كۆپ قېتىم رەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ھۇجۇملارنى تەستىقلايدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.بىر ئاقساراي ئەمەلدارى «تايمىس» گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، ھۆكۈمەتنىڭ «بار ياكى يوق بولۇشى مۇمكىن بولغان» ھەربىي پىلانلىرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە 28-فېۋرالدا ئىرانغا قارشى ئۇرۇش قوزغىغان ئىدى. تېھران بۇنىڭغا جاۋابەن رايوندىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرى بىلەن ئىسىرائىلىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇلار بىلەن قايتۇرما زەربە بېرىشنى باشلىغان ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئىران دۇنياۋى ئېنېرگىيە تىرانسپورتىنىڭ تۈگۈن يولى بولغان ھورمۇز بوغۇزىنى تاقىغان ئىدى.ئىيۇن ئېيى (2026) دا پاكىستان بىلەن قاتارنىڭ مۇرەسسە قىلىشى نەتىجىسىدە ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىش ئەسلەتمىسىمۇ، بوغۇزدىكى كېمە قاتنىشى مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىختىلاپلار سەۋەبىدىن شۇ كۈندىن بۇيان توختاپ قېلىش نۇقتىسىغا كېلىپ قالدى.