تۇساش (TUSAŞ) دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە «ئەڭ ئالقىشلانغان شىركەت» بولۇپ تاللاندى
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
تۇساش (TUSAŞ) دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە «ئەڭ ئالقىشلانغان شىركەت» بولۇپ تاللاندىتۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى سانائىتى شىركىتى (TUSAŞ)، «2026-يىللىق ئەڭ ئالقىشلانغان شىركەتلەر تەتقىقاتى» نىڭ نەتىجىسىگە ئاساسەن، دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە كىشىلەر ئەڭ بەك ئىشلەشنى خالايدىغان شىركەت بولۇپ تاللاندى.
تۇساش (TUSAŞ) دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە «ئەڭ ئالقىشلانغان شىركەت» بولۇپ تاللاندى

شىركەت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا قارىغاندا، رېئالتا (Realta) مەسلىھەتچىلىك شىركىتى تەرىپىدىن بۇ يىل 17-قېتىم ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتقا 98 مىڭدىن ئارتۇق ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى ۋە تەخمىنەن 40 مىڭ ياش كەسپىي خادىم بولۇپ، جەمئىي 137 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان.

قاتناشقۇچىلار شىركەتلەرگە رەھبەرلىك چۈشەنچىسى، كەسپىي تەرەققىيات پۇرسەتلىرى، تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈش ئىمكانىيەتلىرى، ئورگان مەدەنىيىتى، مائاش ۋە قوشۇمچە مەنپەئەتلەر ھەمدە خىزمەت مۇھىتى قاتارلىق ئۆلچەملەر بويىچە باھا بەرگەن.

تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى سانائىتى شىركىتى تۇنجى قېتىم دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر شىركەت ياش ئىختىساسلىقلارنىڭ كەسپىي نىشانلىرىدا ئەڭ كۆپ تاللايدىغان ساھە ئورگىنى بولۇپ قالغان.

تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى سانائىتى شىركىتى بارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئالقىشلانغان 200 شىركىتى» تىزىملىكىدىمۇ ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا 12 بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، 6-رەتكە تىزىلغان.

مىللىي ئاۋىياتسىيە، ئالەم بوشلۇقى ۋە دۆلەت مۇداپىئە تېخنولوگىيەلىرىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرلىرى بىلەن دىققەت قوزغاپ كېلىۋاتقان تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى سانائىتى شىركىتى  ئۆزىگە خاس سۇپىلىرى ۋە يۇقىرى تېخنولوگىيەگە يۈزلەنگەن خىزمەت مۇھىتى بىلەن ياش ئىنژېنېرلار ۋە كەسپىي خادىملار ئۈچۈن مۇھىم كەسپىي مەركەزلەرنىڭ بىرى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئىزدىنىڭ
ئىران ئامېرىكانىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىسلامئاباد كېلىشىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
ئەردوغاننىڭ «15-ئىيۇل: تۈركىيە ئەسىرىنىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى
15-ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشى ۋە خەلقنىڭ قەھرىمانلارچە قارشىلىق كۆرسىتىشى
ئەردوغان پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى مۇنىرنى قوبۇل قىلدى
مىنىستىر خاقان فىدان ئۇكرائىنا تېمىلىق «ئىختىيارىي ئىتتىپاقداشلار باشلىقلار يىغىنى» غا قاتناشتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قاتاردا زىيارەتتە بولىدۇ
ترامپ ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن %20 ئۆتۈش ھەققى تەلەپ قىلدى، ئاراقچىدىن مەسخىرىلىك جاۋاب كەلدى
ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتز غەززەنىڭ ۋەيران قىلىنىشىنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى
ش ق ت ج ياۋروپانىڭ ۋەكىل تەيىنلىشىنى رەت قىلىپ، ھەل قىلىش سۆھبەتلىرىدە باراۋەر سالاھىيەت تەلەپ قىلدى
بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇلا دا سىلۋا ترامپنى «قاراقچىلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈنۈگۈن كېچىمۇ داۋاملاشتى
تېررورلۇق تەشكىلاتى «فەتو» دېگەن نېمە؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى دائېشنىڭ ئاتالمىش رەھبەرلىرىدىن تالىپ گۈلەرنى قولغا چۈشۈردى
پۈتكۈل تۈركىيە 2016-يىلى 15-ئىيۇل كۈنى خەۋەر تاپقان ByLock پىروگراممىسى
ھورمۇز بوغۇزىدىكى پاراخوت قاتنىشى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى