خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
بىرما ھەربىي ھاكىمىيىتى بىر دوختۇرخانىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، 31 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
سايلام ھارپىسىدا ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتكەن بىرما (مىيانمار) دىكى ھەربىي ھاكىمىيەت، راخىن ئىشتاتىدىكى بىر دوختۇرخانىنى ھەربىي ئايروپىلان ئىشلىتىپ بومبارىمان قىلىپ، كەم دېگەندە 31 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، ئونلارچە كىشىنى يارىلاندۇردى.
بىرما ھەربىي ھاكىمىيىتى بىر دوختۇرخانىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، 31 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
2025-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى مىيانمارنىڭ ساگايىڭ رايونىدىكى ماياكان كەنتىدە، ھەربىي ئارمىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ئېيتىلغان بىر رايوندا خارابىلىقلار كۆرۈنمەكتە. (ئارخىپ سۈرىتى) / AP

نەق مەيداندىكى بىر ياردەم خادىمىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، مىيانماردا بۇ ئاي ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان سايلامدىن ئىلگىرى ھەربىي خۇنتانىڭ كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى بىر قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمىدا دوختۇرخانىدىكى 30 دىن ئارتۇق بىمار ۋە پۇقرا قازا قىلغان.

ۋەزىيەتنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2021-يىلى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئون يىللىق دېموكراتىيە مۇساپىسىگە خاتىمە بېرىپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ھەربىي ھاكىمىيەت، ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغاندىن بۇيان ھاۋا ھۇجۇملىرىنى يىلمۇيىل كۆپەيتكەن.

گەرچە ئارمىيە تەرەپ سايلامنى «توقۇنۇشتىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى» دەپ كۆرسىتىپ، بېلەت تاشلاشنىڭ 28-دېكابىردا باشلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىسيانچى كۈچلەر ئۆز كونتروللۇقىدىكى ۋە ھەربىي كۈچلەر قايتۇرۇۋېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان رايونلاردا سايلامغا توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى ياردەم خادىمى ۋاي ھۇن ئاۋڭ (Wai Hun Aung) نىڭ ئېيتىشىچە، چارشەنبە ئاخشىمى باڭلادېش چېگراسىغا يېقىن غەربىي راخىن ئىشتاتىدىكى مراۋك-ئۇ (Mrauk-U) خەلق دوختۇرخانىسى بىر ھەربىي ئايروپىلان تەرىپىدىن بومبارىمان قىلىنغان.

ئۇ ۋەزىيەت ھەققىدە توختىلىپ: «ئەھۋال ئىنتايىن قورقۇنچلۇق. ھازىرغىچە 31 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جەزملەشتۈردۇق، ئۆلۈم-يېتىم سانىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىپ ئەنسىرەۋاتىمىز. شۇنداقلا 68 يارىدار بار، بۇ سانمۇ داۋاملىق ئېشىۋاتىدۇ» دېدى. دوختۇرخانا سىرتىدا كېچە بويىچە كەم دېگەندە 20 كېپەنلەنگەن جەسەتنىڭ ياتقانلىقى كۆرۈلدى.

ھەربىي ھاكىمىيەت باياناتچىسى بۇ ۋەقە توغرىسىدا تېخىچە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، راخىن ئىشتاتىنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك ھەممىسى ئاراكان ئارمىيەسى تەرىپىدىن كونترول قىلىنماقتا. بۇ ئېتنىك ئاز سانلىقلار قوراللىق كۈچى، دېموكراتىك رەھبەر ئاۋڭ سان سۇ چىنىڭ خەلق ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ھەربىي ئۆزگىرىشتىن خېلى بۇرۇنلا ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىدى.

ئاراكان ئارمىيەسى سەھىيە بۆلۈمىنىڭ چارشەنبە كېچىسى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ تەخمىنەن سائەت 21:00 ئەتراپىدا (گىرىنۋىچ ۋاقتى 14:30) يۈز بەرگەنلىكى ۋە دوختۇرخانىدىكى 10 بىمارنىڭ «نەق مەيداندا جان ئۈزگەنلىكى» قەيت قىلىندى.

كۈچلۈك رەقىب

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئاراكان ئارمىيەسى ھەربىي ھاكىمىيەت ئۈچۈن باش ئاغرىقى تېپىپ بېرىدىغان كۈچلۈك رەقىب بولۇپ، نۆۋەتتە راخىن ئىشتاتىدىكى 17 ناھىيەدىن ئۈچىدىن باشقا ھەممىسىنى ئۆز كونتروللۇقىدا تۇتماقتا.

ھالبۇكى، مەزكۇر گۇرۇھنىڭ نىشانلىرى ئاساسەن بېنگال قولتۇقى قىرغىقى ۋە شىمالىي تەرىپى ئورمانلىق تاغلار بىلەن قورشالغان راخىن زېمىنى بىلەنلا چەكلەنگەن. بۇ گۇرۇھ ئىلگىرى رايوندىكى مۇسۇلمان روھىڭيا خەلقىگە قارىتا سادىر قىلىنغان ۋەھشىيلىكلەر بىلەنمۇ ئەيىبلەنگەن ئىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئارمىيەنىڭ راخىننى قامال ئاستىغا ئېلىشى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۋەتتى. دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ (WFP) ئاۋغۇست ئېيىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، بۇ ئەھۋالنىڭ «ئاچلىق ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك نىسبىتىدە جىددىي ئېشىش» قا سەۋەب بولغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ