ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئاراقچى ئامېرىكىدىكى ئۇچرىشىشلىرىغا ئالاقىدار بايانات ئېلان قىلغان.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ، ئىراننىڭ ھورمۇز بوغۇزىنى ئېچىش توغرىسىدا سۇنغان شەرتلىرىگە ئالاقىدار سۆزلىرىنى كۆرگەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن ئاراقچى مۇنۇ ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى:
«ئەمما تېخى مۇرەسسەچىلەردىن جاۋاب ئېلىنمىدى. ئەلۋەتتە ئامېرىكا پىرېزىدېنتىدىن ھەم ياخشى ھەمدە زىددىيەتلىك سۆزلەر ئاڭلانماقتا. بىز مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق ئېنىق جاۋابنى كۈتۈۋاتىمىز، كېلىدىغان جاۋابقا قاراپ قارار ئالىمىز.»
ئاراقچى، ئامېرىكىدا زىچ ئۇچرىشىشلاردا بولغانلىقىنى ۋە مۇزاكىرىلەرنىڭ ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن ئىران دۆلەتلىك ئالىي خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق قارشى تەرەپكە يەتكۈزگەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.
ھورمۇز بوغۇزىنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن ئىران ئوتتۇرىغا قويغان شەرتلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئاراقچى، بۇ مەسىلىدە چېكىنمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئاراقچى ئاخىرىدا، دۆلىتىنى دىپلوماتىيە يولىنى سىناپ باقمىدى دەپ ئەيىبلىيەلەيدىغان ھېچكىمنىڭ يوقلۇقىنى، دىپلوماتىيە بىلەن مۇزاكىرە يولىنى تاقاپ قويمىغانلىقىنى، ئەمما ئىران خەلقىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىنى قوغداشتىنمۇ ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ئىران ۋەكىللەر ئۆمىكى، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى مۇناسىۋتى بىلەن بارغان ئامېرىكىدا، ھورمۇز بوغۇزىنىڭ ئېچىلىشىغا ئالاقىدار قاتارنىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە ئامېرىكاغا 7 شەرت سۇنغان ئىدى.
ئەمما ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ، ئىراننىڭ شەرتلىرىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدىن كېيىن ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پىزىشكىيان دۆلىتىگە قايتقاندا، ئاراقچىنىڭ چارشەنبە كۈنىگىچە ئامېرىكىدا قېلىشى قارار قىلىنغان ئىدى.






















