تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان: ئىرانغا قىلىنغان قانۇنسىز ھۇجۇملار رايوندىكى بىخەتەرلىك خەۋپىنى ئاشۇردى
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پاكىستان ۋە قاتار رەھبەرلىرى بىلەن بولغان كۆرۈشۈشلىرىدە، تۈركىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەردوغان: ئىرانغا قىلىنغان قانۇنسىز ھۇجۇملار رايوندىكى بىخەتەرلىك خەۋپىنى ئاشۇردى
ئەردوغان قاتار ۋە پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئانادولۇ ئاگېنتلىقى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىرانغا قىلىنغان قانۇنسىز ھۇجۇملارنىڭ رايوندىكى بىخەتەرلىك خەۋپىنى ئاشۇرۇۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۈمە (2026-يىلى 17-ئاپرېل) كۈنى ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرى ھارپىسىدا، پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف ۋە قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئەل سانى بىلەن كۆرۈشكەندە، تۈركىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى قوغداش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تىرىشچانلىقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە رايوندىكى داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلارنىڭ، يېڭى ۋە پۇختا ئاساسقا ئىگە «رايونلۇق بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسى» غا بولغان ئېھتىياجنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىنى رايون دۆلەتلىرى بىلەن ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئۈچ رەھبەر پۈتكۈل رايوندا سىجىللىققا ئىگە تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان ئورتاق قەدەملەر ئۈستىدە توختالغان.

ئۇرۇش توختىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش

ئەردوغان بىلەن پاكىستان باش مىنىستىرى شەرىف ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر ۋە ئىرانغا ئالاقىدار داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش توختىتىش سۆھبەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى ھەمدە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان دىپلوماتىك ماسلىشىشنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ پاكىستان بىلەن ئېنېرگىيە، سودا ۋە مۇداپىئە قاتارلىق مۇھىم ساھەلەردە ھەمكارلىقنى داۋاملىق كېڭەيتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ پاكىستاننىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى رولىغا يۇقىرى باھا بەردى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ بۇنى تېخىمۇ ئەتراپلىق تىنچلىق كېلىشىمىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى چوقۇم كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، يېڭى رايونلۇق بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسى بەرپا قىلىشقا چاقىردى ۋە مۇقىمسىزلىقنىڭ، پەلەستىن مەسىلىسىنى «ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارەسى» ئاساسىدا ھەل قىلىش تىرىشچانلىقلىرىغا توسالغۇ بولماسلىقى كېرەكلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

سۈرىيە رەھبىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇنبەرنىڭ ھارپىسىدا، سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەد ئەل شارا  (Ahmed al Sharaa)  بىلەن كۆرۈشتى. بۇ رايون ۋەزىيىتى ئۆزگىرىۋاتقان بىر پەيتتە ئېلىپ بېرىلغان مۇھىم ئۇچرىشىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئەردوغان سۈرىيەگە يۇقىرى باھا بېرىپ، دەمەشىقنىڭ ئۆز ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، شۇنداقلا قايتا قۇرۇش ۋە تەرەققىيات جەھەتتە قەتئىي قەدەملەرنى تاشلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ بۇ جەرياندا داۋاملىق سۈرىيەنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان كۆرۈشۈشتە سۈرىيەنىڭ رايوندىكى توقۇنۇشلاردىن يىراق تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلدى ھەمدە ئەنقەرە بىلەن دەمەشىق ئوتتۇرىسىدا مۇداپىئە، بىخەتەرلىك، سودا، ئېنېرگىيە ۋە قاتناش قاتارلىق بارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنىڭ سۈرىيەنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن مۇھىملىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە، سۈرىيەنىڭ شىمالىي شەرقىدىكى بىرلىشىش مۇساپىسىنى ئوڭۇشلۇق ۋە ئۈزۈلۈپ قالماي تاماملاشقا چاقىرىپ، بۇنىڭ پۈتكۈل رايونغا مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئېلاۋە قىلدى.

بۇ ئۇچرىشىشقا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ۋە ئىستىخبارات ئىدارسىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم قالىن قاتارلىق تۈركىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىمۇ قاتناشتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Erdogan warns of global crisis, urges diplomacy, regional stability at Antalya Diplomacy Forum
ئىزدىنىڭ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: «ھازىرچە ئامېرىكا بىلەن ھېچقانداق مۇزاكىرە ئېلىپ بارمىدۇق»
ھىندىستاننىڭ ئاسسام ئۆلكىسىدىكى سەللەردا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 100 گە ئۆرلىدى
ئىران ھۆرمۈز بوغۇزىنى ئېچىش ئۈچۈن ئالتە شەرتنى ئوتتۇرىغا قويدى
ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا زاپىسى ئازيماقتا
رۇسىيە ئۇكرائىناغا كېچىدە 17 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 202 قوراللىق ھاۋا ئاپىراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدى
رۇسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي مەقسەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئودېسسا ۋە چورنومورسك پورتلىرىغا زەربە بەردۇق»