غەززە ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشى دۇنيا مىقياسىدا قىزغىن قارشى ئېلىندى
دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ شەرمۇششەيخ باشلىقلار يىغىنىدا تىنچلىق كېلىشىمىنى ئىمزالىشى دۇنيا مىقياسىدا قىزغىن قارشى ئېلىندى.
ئامېرىكا، مىسىر، قاتار ۋە تۈركىيەنىڭ غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە مۇناسىۋەتلىك بىر ھۆججەتكە ئىمزا قويۇشى، دۇنيا مىقياسىدا زور تەسىر قوزغىدى. دۇنيا رەھبەرلىرى بۇ كېلىشىمنى تىنچلىق ئۈچۈن يېڭى بىر سەھىپە دەپ تەسۋىرلەپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىككى يىللىق ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىق ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ كېلىشىم مىسىرنىڭ قىزىل دېڭىز بويىدىكى شەرمۇششەيخ ساياھەت رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا دۈشەنبە كۈنى ئىمزالاندى.
دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ بەزى باياناتلىرى تۆۋەندىكىچە:
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماسنىڭ ئەسىر ئالماشتۇرۇشىدىن بىرنەچچە سائەت كېيىن غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش نىشان قىلىنغان بىر كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشىنى «ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر كۈن» دەپ تەسۋىرلىدى.
ئاقساراي غەززە كېلىشىمى ئارقىلىق «تىنچلىق ۋە گۈللىنىش ئىستىراتېگىيەسىگە ئاساسەن يېڭى بىر سەھىپە ئېچىلغانلىقىنى» بىلدۈردى.
مىسىر
مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى ترامپ بىلەن بىرلىكتە باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە كېلىشىمنى «قوغدىلىشى كېرەك بولغان بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى» دەپ تەسۋىرلىدى.
قاھىرە كېلىشىمنىڭ تولۇق يولغا قويۇلۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە تىنچلىق ئورنىتىشنىڭ كېيىنكى باسقۇچىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن قاتار، تۈركىيە ۋە ئامېرىكا بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مىسىر شەرمۇششەيخ تىنچلىق باشلىقلار يىغىنىنى 9-ئۆكتەبىردىكى غەززە كېلىشىمىنى قوللاش ئارقىلىق «تىنچلىق يولىنى مۇستەھكەملەيدىغان» بىر قەدەم دەپ ماختىدى. قاتار ۋە تۈركىيەنىڭ ھالقىلىق مۇرەسسەچىلىكىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن مىسىر، رەھبەرلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىش، ئەسىر ئالماشتۇرۇش، ئىسرائىلىيەنىڭ چېكىنىشى ۋە داۋاملىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈش نىشان قىلىنغان كېلىشىمگە ئىمزا قويغانلىقىنى جاكارلىدى.
مىسىر، ھاكىمىيەت، بىخەتەرلىك، قايتا قۇرۇش ۋە سىياسىي باسقۇچ مەسىلىلىرىدە تېز سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىق قىلىپ، 1967-يىلقى چېگرا لىنىيەلىرى ئاساسىدىكى ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيە
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شەرمۇششەيختىكى تىنچلىق كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇش ئۈچۈن باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم قالىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى بۇرھانەتتىن دۇران، تاشقى سىياسەت ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى باش مەسلىھەتچىسى ئاكىف چاغاتاي قىلىچ قاتارلىقلار ئەردوغانغا ھەمراھ بولدى.
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش ئەنقەرەنىڭ «ئەڭ چوڭ ئارزۇسىنىڭ» قان تۆكۈشنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«ئاخىرقى ئۆزگىرىشلەر ئۈمىد بېغىشلىغۇچى، لېكىن ئىسرائىلىيەنىڭ ئالدىنقى ئىككى يىلدىكى تاجاۋۇزچى ۋە كېڭەيمىچى ھەرىكەتلىرى يېقىندىن ۋە ئەستايىدىل كۆزىتىش ئېھتىياجىنى تەقەززا قىلماقتا.»
نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋانلىققا قايتىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان قۇرتۇلمۇش، خەلقئارا جەمئىيەتنى «تىنچلىقنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بولۇشى ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا» چاقىردى.
قاتار
قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانى شەرمۇششەيخ باشلىقلار يىغىنىنىڭ «ئىجابىي نەتىجىلىرىنى» ماختاپ، بۇنىڭ بىرلىك ۋە مۇقىملىق يولىدا تاشلانغان يېڭى بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«باشلىقلار يىغىنىنىڭ غەززەدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۈمىدلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان كەلگۈسىدىكى چۈشىنىشلەر ئۈچۈن بىر سەكرەش تاختىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
شۇنداقلا، بارلىق تەرەپلەرنىڭ ھەممەيلەننىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كېلىشىمگە رېئايە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»
فىرانسىيە
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ئۇرۇش توختىتىشنى «گۆرۈگە ئېلىنغانلار، ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرى، ئىسرائىلىيە خەلقى ۋە پەلەستىن خەلقى ئۈچۈن تارىخىي بىر كۈن» دەپ تەسۋىرلىدى ھەمدە دۇنيانى «بىرلىكتە خۇش پېئىللىق بىلەن كېيىنكى قەدەمنى بېسىشقا» چاقىردى.
شەرمۇششەيخ باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن سۆز قىلغان ماكرون، فىرانسىيەنىڭ غەززەگە ئىنسانىي ياردەم يەتكۈزۈش ھەرىكەتلىرىنى تېزلىتىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن بىرلىكتە ياردەمنىڭ «ئۈزۈلمەي ۋە توسالغۇسىز» يەتكۈزۈلۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ماكرون كېلىشىمنىڭ بىرىنچى باسقۇچى دائىرىسىدە فىرانسىيەنىڭ كەلگۈسى بىرنەچچە ھەپتە ئىچىدە غەززە ئۈچۈن بىر ئىنسانىي ياردەم يىغىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ھەمدە «ئىككىنچى باسقۇچتا، غەززەنىڭ مۇقىملىقىنى ۋە قايتا قۇرۇش ئىشلىرىنى تېز باشلاش ئۈچۈن مەبلەغ ئاجرىتىلىدۇ» دېدى.
ئىتالىيە
ئىتالىيە باش مىنىستىرى گىئورگىيا مېلونى غەززە كېلىشىمىدىن كېيىن ئىتالىيەنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا تېخىمۇ يېقىنلاشقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«ئەگەر پىلان يولغا قويۇلسا، ئىتالىيەنىڭ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىشى چوقۇم تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ.»
ئۇرۇش توختىتىشنى ترامپ ئۈچۈن «زور مۇۋەپپەقىيەت» دەپ تەسۋىرلىگەن مېلونى، ئىتالىيەنىڭ غەززەدە مۇقىملىق ئورنىتىشقا ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رامكىسى ئاستىدا ئىتالىيە ساقچى كۈچلىرىنى ئەۋەتىش پىلانىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«ئىتالىيە زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا تەييار. بۇ تارىخىي بىر كۈندۇر.»
ياۋروپا ئىتتىپاقى
ياۋروپا كېڭىشىنىڭ باشلىقى ئانتونىيو كوستا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ غەززەنى قايتا قۇرۇش ۋە ئۆتكۈنچى ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا «قاتنىشىشقا تەييار» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ تىنچلىق پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تولۇق ۋەدە بېرىدۇ.»
كوستا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەفاھ ۋە ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى چېگرا ھەم ساقچى ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەش ئارقىلىق تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا غەززەنىڭ ئەڭ چوڭ ئىنسانىي ياردەم بېرىش پىروگراممىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلىپ مۇنداق دېدى:
«تىنچلىققا ئېلىپ بارىدىغان يول يەنىلا ئۇزۇن، لېكىن بۈگۈن بىز بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىرادىمىزنىڭ قەتئىيلىكى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدۇق.»
پاكىستان
پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شېرىف ترامپ ۋە باشقا مۇرەسسەچىلەرنى «مىليونلىغان كىشىنىڭ جېنىنى قۇتقۇزغانلىقى» ئۈچۈن ماختىدى ھەمدە ترامپنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى ئېلىشى چاقىرىقىنى تەكىتلەپ: «مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ تىنچلىق مۇكاپاتى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى نامزات ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن، چۈنكى ئۇ پەقەت جەنۇبىي ئاسىيادا تىنچلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپلا قالماي، غەززەدىمۇ تىنچلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى» دېدى.
شېرىف پاكىستاننىڭ «غەززەنى قايتا قۇرۇش، ئادىل ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىش پىلانىنى قوللاش ۋەدىسىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى» تەكىتلىدى.