ئىران ئۇرۇشىدا تۈركىيە قانداق قىلىپ ئەقىل-پاراسەتنىڭ ساداسى سۈپىتىدە گەۋدىلەندى؟

تۈركىيە رايون خاراكتېرلىك تىنچلىقنى ئاجىزلىتىش ۋە ئىقتىسادىي كرىزىسنى قوزغاش خەۋپى بولغان بىر كرىزىس مۇھىتىدا، قايتىدىن ۋاسىتىچىلىك رولىنى ئۈستىگە ئالالايدىغان ئورۇندا تۇرماقتا.

By
ئىران ئۇرۇشىدا تۈركىيە قانداق قىلىپ ئەقىل-پاراسەتنىڭ ساداسى سۈپىتىدە گەۋدىلەندى؟ / AA

ئوتتۇرا شەرق تۈنۈگۈنكى توقۇنۇشلاردا بولغىنىدەك، ئىراندا داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشتىمۇ تۈركىيەنىڭ ھەربىي، دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەردىكى ئۆزگىچە ئورنىنى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى. ئانالىزچىلار ئەنقەرەنىڭ بۇ ساھەلەردىكى ئىقتىدارى سايىسىدە كرىزىسنى ھەل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىيالايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىشماقتا.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە ئاز دېگەندە 19 ھەربىي بازىسى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بەھرەين، كۇۋەيت، قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق ئېنېرگىيەگە باي دۆلەتلەرگە جايلاشقان.

ئامېرىكانىڭ رايوندىكى كۈچلۈك ھەربىي مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىي قىلغان مۇداپىئە سىستېمىلىرى بولسىمۇ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىيوردانىيە ۋە ئىراق بىلەن بىرلىكتە ئىراننىڭ ئامېرىكا بازىلىرىنى نىشانلىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا دۇچ كەلدى.

ئىراننىڭ باللىستىك بومبىلىرى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى پارس قولتۇقى شەھەرلىرىنى بومبىلىدى، ناتو ئەزاسى بولغان ۋە كۈچلۈك ئارمىيەگە ئىگە ئەرەب بولمىغان ئوتتۇرا شەرق دۆلىتى سۈپىتىدە تۈركىيە بولسا، بۇنداق ھۇجۇم دولقۇنىغا ئۇچرىمىدى. تۈركىيەگە قارىتىلغان بىردىنبىر بومبا بولسا تۈركىيە ھاۋا بوشلۇقىغا كىرىشتىن بۇرۇن ئاق دېڭىزدا ناتو مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن توسۇپ قېلىندى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە كرىزىسنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىۋاتقان تەرەپسىز بىر كۈچ سۈپىتىدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملىدى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرى ئەلى خامىنىي ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، تېھرانغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى. ئەردوغان شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىراننىڭ پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، رايوننىڭ بىر «ئوت چەمبىرىكىگە سۆرەپ كىرىلىشى» مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

تۈركىيە ئۇرۇش قىلىۋاتقان تەرەپلەرنى توقۇنۇشنى تېزدىن ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىرىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇمىنى خەلقئارا قانۇننىڭ «ئوچۇق-ئاشكارە دەپسەندە قىلىنىشى» دەپ سۈپەتلىدى.

ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىمۇ تەرەپسىز سىياسەت تۇتۇپ دىپلوماتىك تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئەنقەرە، ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ۋاسىتىچىلىك تەكلىپىنى بەردى.

ئەقىل-پاراسەتنىڭ ساداسى

ئەنقەرەدىكى ئىران تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئورال توغا، تۈركىيەنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

«تۈركىيە ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى ۋە كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ باسقۇچتىكى بىرىنچى نىشان ئوق چىقىرىشنى توختىتىشتۇر. شەرت-شارائىت قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تۈركىيە ھەر ۋاقىت مۇقىملىقنى قوللايدىغان ئىستراتېگىيە تۇتىدۇ» دېگەن توغا، ئۆز قاراشلىرىنى «TRT World» قانىلىغا بىلدۈردى.

توغا يەنە ئەنقەرەنىڭ شەرقىي ئافرىقىدىن ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغىچە بولغان نۇرغۇن كرىزىس مۇھىتلىرىدا ۋاسىتىچىلىك تەجرىبىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئوتتۇرا شەرققە يېيىلغان ۋە ئۈچ خىل ئوخشىمىغان كۈچ قاتناشقان ھازىرقى ئۇرۇشنىڭ كۆلىمى تەرەپلەرنىڭ سۆھبەتلىشىش ئىرادىسىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيە ناتو ئەزاسى بولسىمۇ، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا تەرەپسىز مەۋقەدە تۇرغان ۋە موسكۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشقان ئىدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىرىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران بىلەن بولغان ھەربىي توقۇنۇش باشلىنىشتىكى رولى ئەنقەرەنىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش تەرەپسىز ئۇسۇل قوللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

مىللىي مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاكادېمىك تەتقىقاتچىسى ئۆزگۈر كۆربەنىڭ ئېيتىشىچە، تۈركىيە ئىرانغا قارشى بىر مەۋقەدە تۇرۇشنى خالىمايدۇ.

كۆربە: «تۈركىيە كۈچلۈك تارىخىي ۋە مەدەنىيەت باغلىنىشى بولغان بىر دۆلەتنىڭ بېشىغا كەلگەن بەختسىزلىكنىڭ جاۋابكارلىرىدىن بىرى بولۇشنى خالىمايدۇ» دېدى  ۋە تۈركىيەنىڭ مەۋقەسى ئىراننىڭ ئەنقەرەگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە ئاساسەن شەكىللىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

كۆربە يەنە، تۈركىيەنىڭ رەسمىي باياناتلىرىنىڭمۇ مۇشۇ يۆنىلىشتە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئەنقەرەنىڭ تەرەپسىزلىكنى ئىستراتېگىيە قىلىپ تاللىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، تۈركىيە خەلقئارالىق كرىزىسلاردا پاسسىپ (سۇس) ئەمەس، بەلكى «ئاكتىپ تەرەپسىزلىك» ئۇسۇلىنى قوللانماقتا.

كۆربەنىڭ پىكىرىچە، تۈركىيە پەقەت ئۆز زېمىنى نىشان قىلىنغان تەقدىردىلا ئۇرۇشقا ئارىلىشىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ ھازىرقى باسقۇچتا توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنىڭ ھېچقايسىسى تەۋەككۈل قىلىشنى خالىمايدىغان بىر خەتەردۇر.

كرىزىس مەزگىللىرىدىكى «ئارامگاھ»

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، تۈركىيەنىڭ ئۇرۇشقا قارشى مەۋقەسى ۋە ۋاسىتىچىلىك تىرىشچانلىقلىرى، ئامېرىكانىڭ ئىراقنى بېسىۋېلىشىدىن سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشىغىچە بولغان نۇرغۇن كرىزىس مەزگىللىرىدە بولغىنىدەك، ئەنقەرەنىڭ رايون خاراكتېرلىك بىر «ئارامگاھ» (بىخەتەر جاي) بولۇش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

تۈركىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا سۈرىيەنىڭ كەلگۈسى ياكى لىۋاندىكى ھىزبۇللاھنىڭ رولىغا ئوخشاش مەسىلىلەردە سىياسىي پىكىر پەرقى بولسىمۇ، ئەنقەرە بىلەن تېھران ئوتتۇرىسىدىكى تارىخىي رىشتىلەر جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئىران رەھبەرلىكى بىلەن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئالاقە قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بەرمەكتە.

ئىلگىرى تۈركىيەنىڭ تېھراندىكى ھەربىي ۋاكالەتچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن پېشقەدەم ئوفىتسېر ئۆمەر ئۆزگۈلمۇ بۇ قاراشقا قوشۇلىدۇ. ئۇ: «ئىراننىڭ تۈركىيەگە قارشى دۈشمەنلىك پوزىتسىيەسى تۇتۇشى ئۈچۈن بىر سەۋەب يوق. بۇنداق بىر قەدەم ئىران ئۈچۈن ئېغىر خاتالىق بولىدۇ» دېدى.

بۇ خىل قاراش ئېنېرگىيە ئېكسپورتى، يېمەكلىك ئىمپورتى ۋە ساياھەت كىرىمىگە تايىنىدىغان پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا ئورۇنلۇقتۇر. پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى نۆۋەتتىكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە، بولۇپمۇ ئىراننىڭ ھورمۇز بوغۇزىنى تاقاپ قويۇشى ئېنېرگىيە تىرانسپورت ئىشلىرىنى ئاقسىتىپ قويدى.

ئۆزگۈرنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ رايون خاراكتېرلىك كرىزىسلارغا تۇتقان «ئادىل پوزىتسىيەسى» ھەم ئىران ھەم پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ. ئۇ: «تۈركىيە ھەم پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى ھەم ئىران ئۈچۈن بىخەتەر جاي بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دەپ خۇلاسىلىدى.