سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق رايونىدا دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيەنىڭ پېتروپاۋلوۋسك-كامچاتسكىي شەھىرىنىڭ شەرقىگە 111 كىلومېتىر جايدا، 39.5 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يەر تەۋرىگەن.
رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق رايونىدا دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلىندى
رۇسىيەنىڭ پېتروپاۋلوۋسك-كامچاتسكىي شەھىرىگە يېقىن دېڭىز قىرغىقىدا يەر تەۋرىدى. سۈرەت: ت ر ت ۋورلد. / TRT World

ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى (USGS) رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق قىسمىدىكى كامچاتكا دېڭىز تەۋەلىكىدە 7.4 بال يەر تەۋرىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

قەيت قىلىنىشىچە، شەنبە كۈنى يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش رۇسىيەنىڭ كامچاتكا رايونىنىڭ مەمۇرىي مەركىزى پېتروپاۋلوۋسك-كامچاتسكىي شەھىرىنىڭ شەرقىگە 111 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، 39.5 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەن.

تىنچ ئوكيان دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇش مەركىزى يەر تەۋرەش مەركىزىگە 300 كىلومېتىر كېلىدىغان رۇسىيە دېڭىز قىرغاقلىرىدا «خەتەرلىك» دولقۇنلارنىڭ پەيدا بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى دەسلەپتە تەۋرەشنىڭ 7.5 بال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، كېيىن 7.4 بالغا تۆۋەنلەتكەن.

كامچاتكا يېرىم ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىيۇل ئېيى (2025) دا  خاتىرىلەنگەن تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ يەر تەۋرەشلەرنىڭ بىرى يۈز بېرىپ،  تۆت مېتىر (12 فۇت) ئېگىزلىكتىكى دېڭىز دولقۇنى پەيدا بولغان ھەمدە ھاۋايدىن ياپونىيەگىچە بولغان جايلاردا كىشىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇشقا سەۋەب بولغان ئىدى.  شۇ قېتىمقى 8.8 بال يەر تەۋرەش، 2011-يىلى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەن ۋە 15 مىڭ كىشى جېنىدىن ئايرىلغان 9.1 بال يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى بىر قېتىملىق ئەڭ چوڭ يەر تەۋرەش دەپ خاتىرىلەنگەن ئىدى.

ئىيۇل ئېيىدىكى يەر تەۋرەش ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى ئىككى مىليونغا يېقىن كىشىنى ئېگىز جايلار تارقاقلاشتۇرۇشقا سەۋەب بولغان ئىدى. رايوندا دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشلىرى ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بىكار قىلىنغان ياكى سەۋىيەسى تۆۋەنلىتىلگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا باج كىرىزىسى يۈز بەردى، ترامپ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى
ئامېرىكا ب د ت غا بولغان 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەشنى پىلانلىماقتا
نېتانياھۇ سىياسىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىشى مۇمكىن
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ
نېتانياھۇ: باش مىنىستىلىق مۇددىتىم بويىچە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيمەن
تورنىڭ سۇلتانلىرى ياۋروپا ئالىي دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى
تىكتوك 400 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
ئىران ئارمىيە باياناتچىسى: ئىران ھەربىي ئىستراتېگىيەسىنى مۇداپىئەدىن ھۇجۇمغا ئۆزگەرتتى
ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرى: نېتانىياھۇ تۈركىيە بىلەن «كېرەكسىز» جىددىيچىلىك پەيدا قىلماقتا
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: تۈركىيە سۈرىيەنى قايتا قۇرۇشتىكى «ھالقىلىق شېرىك»
توك ۋېلىسىپىت سوقۇۋەتكەن كومو شەھەر باشلىقى بۇ قاتناش قورالىنى شەھەردە چەكلىمەكچى
ب د ت ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى «ئەڭ ئەخلاقسىز ئارمىيە» دەپ سۈپەتلىدى
ئۇكرائىنا رۇسىيەدىكى بىر نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ۋە مارىنوۋكا ھەربىي ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلدى