پىكىر
1 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان: سرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىنكار قىلىنىشىنى رەت قىلىمىز
بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنادىكى 1995-يىلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن پەلەستىنلىكلەرگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملار ئوتتۇرىسىدا ئوخشاشلىق بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، خەلقئارا جەمئىيەتنى مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالماسلىق بىلەن ئەيىبلىدى.
ئەردوغان: سرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىنكار قىلىنىشىنى رەت قىلىمىز
ئەردوغان: سرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىنكار قىلىنىشىنى رەت قىلىمىز / AA

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «خەلقئارا سوتنىڭ قارارلىرىغا قارىماي سرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان ۋە ‹ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى ئۇلۇغلايدىغان› ھەر تۈرلۈك سۆز ۋە باياناتلارنى رەت قىلىمىز» دېدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇ سۆزلىرى، 1995-يىلى مىڭلىغان بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنالىقلار ھاياتىدىن ئايرىلغان سرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ 30 - يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان بىر ۋىدېيودىن ئورۇن ئالدى.

ئەردوغان يەنە، ئەنقەرەنىڭ بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئاساسىي قانۇن تۈزۈمىنى شەرتسىز قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى تەكرارلىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى توغرىلىقمۇ توختالغان ئەردوغان، ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئالدىدا سۈكۈت قىلغانلىقىنى ۋە يېقىنقى يىللاردا پەلەستىندە يۈز بەرگەن زۇلۇملارنىمۇ پەقەتلا كۆرۈپ تۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەخمىنەن 58 مىڭ پەلەستىنلىككە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبىدىن «ھامان بىر كۈنى» قانۇن ۋە تارىخ ئالدىدا چوقۇم جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئونتارىيو كۆلىنىڭ نامىنى رەسمىي ئۆزگەرتتى
گىرېتسىيەدە غەربىي نىل ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 290 غا يەتتى
ئامېرىكا ئارمىيەسى تىنچ ئوكياندا بىر كېمىنى غەرق قىلدى
ئامېرىكادا ھۆكۈمەت بىلەن سوت قارىمۇ قارشى بولۇپ قالدى
رۇسىيە موسكۋاغا قاراپ ئۇچقان 37 دانە ئۇچقۇنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر يېزىغا ھۇجۇم قىلىپ 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ترامپ ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلاشنى پىلانلىماقتا
ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرى ۋە پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
«تۈركىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئىستراتېگىيەسى غەربتىن ۋاز كەچكەنلىك ئەمەس»
ئەزەربەيجاندا ئوق-دورا ئامبىرى پارتلىغاندىن كېيىن 5 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
ئەردوغان: گىرېتسىيە ھەربىيسىز سالاھىيەتتىكى ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك
ترامپ ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ناماز ئوقۇلۇۋاتقان بىر جامەگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى