تۈرك دۇنياسى
1 مىنۇت ئوقۇش
مىرزىيايېۋ ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى مۇدىرىيەت كېڭىشىنىڭ ئېچىلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى
ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ تېخنىكا ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى ئاساس قىلغان تەرەققىيات بۇرۇلۇشى ئارقىلىق، دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمىنى 2030-يىلىغىچە 240 مىليارد دوللاردىن ئاشۇرۇشنى نىشانلاۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مىرزىيايېۋ ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى مۇدىرىيەت كېڭىشىنىڭ ئېچىلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى
МДДИ лидерлири Душәнбә саммитидә. / Reuters

ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ سەمەرقەنتتىكى يىپەك يولى كۆرگەزمە ۋە قۇرۇلتاي مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 59-نۆۋەتلىك يىللىق مۇدىرىيەت كېڭىشى يىغىنى «تەرەققىياتنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى: رايوننىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان كەلگۈسىنى شەكىللەندۈرۈش» تېمىسىدا داۋاملاشماقتا.

يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنىدىكى ئېچىلىش نۇتقىدا مىرزىيايېۋ ئۆزبېكىستاننىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلۇغ يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقانلىقىنى تەكىتلەپ، دۆلىتىنىڭ شەرق بىلەن غەربنى، شىمال بىلەن جەنۇبنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم مەركەز ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئۆزبېكىستان ئىقتىسادىنىڭ يېڭى بىر تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىنى تىلغا ئالغان مىرزىيايېۋ، يېقىنقى يىللاردا دۆلەتكە 150 مىليارد دوللارلىق چەت ئەل مەبلىغى جەلپ قىلىنغانلىقىنى ۋە مىڭلىغان زامانىۋى كارخانىلارنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ يەنە، يەر شارى خاراكتېرلىك مۇقىمسىزلىقلارغا قارىماي، ئۆزبېكىستان ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدە %8.7 ئاشقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى بىلەن بولغان ھەمكارلىق دائىرىسىدە تەخمىنەن 16 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى تۈرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن مىرزىيايېۋ: «نامراتلىقنى ئازايتىش، ئىنسانىي كاپىتالنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردە يېقىن ھەمكارلىقىمىزنى تېخىمۇ كېڭەيتىمىز. تۈنۈگۈن بانكا بىلەن 12 مىليارد دوللارلىق يېڭى بىر ھەمكارلىق پىلانىنى ئىمزالىدۇق» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۇ يەنە تاشكەنت ۋە سەمەرقەنتتە «كەلگۈسى مېتاللار» (Future Metals) تېخنىكا باغچىسى قۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا، خىتاي ۋە تۈركىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى شىركەتلىرى بىلەن بىرلىكتە 1.6 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى 70 تىن ئارتۇق تۈرنىڭ ئەمەلىيلىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىزدىنىڭ
ترامپ: ئىران دائىرىلىرى ھۇجۇملىرىمىزنى توختىتىش ئۈچۈن ماڭا تېلېفون قىلدى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى بومباردىمان قىلدى
ئىران ئىيوردانىيە ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە مىڭلىغان ئىرانلىق سۇسىز قالدى
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە ۋە لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈركىيەگىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ
فىلىپپىندە 7.8 بال يەر تەۋرىدى
ئىران: ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرى خەلقئارا قانۇننىڭ ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا دەپسەندە قىلىنىشىدۇر
ئىران: «ئامېرىكا بەشىنچى فىلوتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 21 ئامېرىكا ھەربىي نىشانىغا  زەربە بېرىلدى»
ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى رۇسىيە بېسىۋالغان قىرىمدىكى ئۇرۇش مۇزېيىغا زەربە بەردى
ئاراقچى: «بىخەتەر بولۇشنى خالىساڭلار، رايونىمىزدىن چىقىپ كېتىڭلار!»
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە ئىقتىسادىغا قاراتقان ئېمبارگو بېسىمىنى ئاشۇردى
تۈركىيە COP31 يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى
ياۋروپا مەبلەغ سېلىش بانكىسى تۈركىيەنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا 200 مىليون ياۋرو مەبلەغ ئاجرىتىدۇ
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي ياۋروپانىڭ مۇزاكىرىلەردە ئورۇن ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى
ئافغانىستان: «پاكىستاننىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 13 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى»