سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ قىرىم مەسىلىسىدىكى تەنقىدلىرىگە قارشى چىقتى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 2018-يىلى قوبۇل قىلغان ۋە رۇسىيەنىڭ قىرىم يېرىم ئارىلىنى ئۆز زېمىنىغا قوشۇۋېلىشىنى رەت قىلغان قىرىم باياننامەسىنىڭ بىر نۇسخىسىنى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلدى.
زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ قىرىم مەسىلىسىدىكى تەنقىدلىرىگە قارشى چىقتى
Zelenskyy said during a press conference in Kiev that there is "nothing to talk about" concerning the issue because it is against the country's constitution. / Reuters
2025-يىلى4-ئاينىڭ24-كۈنى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاقسارايدا ژۇرنالىستلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ۋە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

لېكىن ترامپ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان يەنە بىر باياناتىدا، زېلېنسكىي بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشنىڭ يەنىلا قىيىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى، ھەمدە پۇتىنغا قارىغاندا ئۇكرائىنا رەھبىرى بىلەن پۈتۈشۈشنىڭ تەس ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

بۇ ئارىلىقتا، زېلېنسكىي ئۇكرائىنانىڭ قىرىم يېرىم ئارىلىنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلىشى سەۋەبىدىن ئامېرىكانىڭ تەنقىدلىرىگە قارشى چىقتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ چارشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Truth Social سەھىپىسىدە  ئېلان قىلغان  باياناتىدا، زېلېنسكىينىڭ قىرىم مەسىلىسىنى رۇسىيە بىلەن بولغان سۆھبەتلەردىن چىقىرىۋېتىش كېرەك دېگەن «قىزىل سىزىقى» نىڭ داۋاملىشىۋاتقان تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە «زور زىيان» يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«ھېچكىم زېلېنسكىيدىن قىرىمنى رۇسىيە زېمىنى دەپ ئىتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلغىنى يوق.

 ئەگەر ئۇكرائىنانىڭ ھەقىقەتەنمۇ قىرىمنى قايتۇرۇۋېلىش نىيىتى بولسا، ئۇنداقتا، ئۇكرائىنا نېمىشقا بۇنىڭدىن 11 يىل بۇرۇن رۇسىيەگە بىرەر تالمۇ ئوق ئاتماستىن قىرىمنى رۇسىيەگە بەرگەندە ئۇرۇش قىلمىدى؟»

زېلېنسكىي كىيېۋدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بۇ مەسىلە ھەققىدە «بۇ ھەقتە ئېيتىشقا تېگىشلىك ھېچ گەپ يوق» دېدى ۋە بۇنىڭ دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

زېلېنسكىي ترامپنىڭ باياناتىغا جاۋابەن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«ئۇكرائىنا داۋاملىق ئاساسىي قانۇنىغا ئۇيغۇن شەكىلدە ھەرىكەت قىلىدۇ ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭمۇ كۈچلۈك قارارلارغا ئەمەل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.»

زېلېنسكىينىڭ باياناتىغا يەنە، ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو تەرىپىدىن 2018-يىلى ئېلان قىلىنغان، ئامېرىكانىڭ 2014-يىلى قىرىمنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقىغا قارشى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن ھەمدە «ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنگە قىەدەر بۇ سىياسەتنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى»  توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن قىرىم باياننامەسىنىڭ سۈرىتىمۇ قىستۇرۇلدى.

 لوندون سۆھبەتلىرى

زېلېنسكىي چارشەنبە كۈنى لوندوندا فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن تىنچلىق سۆھبەتلىرى ھەققىدە توختالالدى.

ئۇ، سۆزىدە كىيېۋنىڭ بۇ خىل ھەمكارلىق پائالىيەتلىرىنىڭ دۆلىتىدە «ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق» ئورنىتىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بۈگۈنكى ھېس – تۇيغۇلار ناھايىتى كۈچلۈك بولدى. ئۇكرائىنا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق بەش دۆلەتنىڭ تىنچلىق ئورنىتىش مەقسىتىدە بىر يەرگە جەم بولۇشى ياخشى ئىشتۇر.

تەرەپلەر ئۆز نۇقتىئىينەزەرلىرىنى ئىپادىلىدى ۋە بىر-بىرىنىڭ ھازىرقى پوزىتسىيەسىنى ھۆرمەت بىلەن قارشى ئالدى. ھەربىر تەرەپنىڭ پەقەت ئىشتىراكچى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى مەنىلىك تۆھپە قوشقان تەرەپ بولۇشى مۇھىمدۇر.»

ئۇكرائىنا باش مىنىستىرى دېنىس شمىخال چارشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، كىيېۋنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزۈشنى قوللايدىغانلىقىنى، ئۇكرائىنانى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن سېلىنما مەبلىغى توپلاش مەسىلىسىدە «تېخنىكىلىق» سۆھبەتلەرنى تاماملاش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شمىخال ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سكوت بېسسېنت بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تاماملاش ۋە ئۇكرائىنانى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن سېلىنما مەبلىغى توپلاش پىلانىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدىم.»

ئىزدىنىڭ
ئىران نېفىت ئۇل-ئەسلىھەلىرىگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلماقتا
سېئۇل-ۋاشىنگتون ھەربىي مانېۋىرى مەزگىلىدە پىيوڭياڭ ئىككىنچى قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى
موسكۋا: ئىراننىڭ ئىسپاھان شەھىرىدىكى كونسۇلخانا زىيانغا ئۇچرىدى
«ئىنتايىن ئاچچىق تەجرىبە»نى باشتىن كەچۈرگەن ئاراقچى ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلىشىشنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى خىرىستىيان يېزىسىدا مارونىي كاتولىك راھىبىنى ئۆلتۈردى
ئامېرىكا ئافغانىستاننى «قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىشنى قوللايدىغان دۆلەت» دەپ ئېلان قىلدى
ئامېرىكا ئىران بىلەن بولغان توقۇنۇشتا 330 مىليون دوللارلىق 11 دانە ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتىدىن ئايرىلدى
ئەردوغان: سەۋەبى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تەۋەلىكىمىزگە تاجاۋۇز قىلىنىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى: ئۇرۇشنىڭ تەقدىرىنى بىز بەلگىلەيمىز
ئىران تەرەپتىن تۈركىيەگە قارىتىپ قويۇپ بېرىلگەن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا توسۇپ قېلىندى
ئىران: «ئامېرىكا سىرىلانكا قىرغاقلىرىدا زەربە بەرگەن كېمىدە 104 ئەسكەر ئۆلدى»
ئىران خامەنېينىڭ ئوغلى مۇجتەبانى يېڭى دىنىي رەھبەر قىلىپ تەيىنلىدى
ئىرانغا قارشى ئۇرۇش بىلەن بىرلىكتە نېفىت باھاسى 105 دوللاردىن ئېشىپ كەتتى
بېلگىيەدە بىر يەھۇدىي ئىبادەتخانىسى پارتلاپ زىيانغا ئۇچرىدى، ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى
تۈركىيە شىمالىي قىبرىسقا F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ۋە مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى