سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ «تارىخىي» پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى سەپىرىنى بۈگۈن باشلايدۇ
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىككىنچى قېتىملىق پرېزىدېنتلىق مەزگىلىدىكى تۇنجى چوڭ چەت ئەل سەپىرىنى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن باشلايدۇ. بۇ سەپەردە سودا كېلىشىملىرى، مۇداپىئە ھەمكارلىقى ۋە رايونلۇق دىپلوماتىيە ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدۇ
ترامپ «تارىخىي» پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى سەپىرىنى بۈگۈن باشلايدۇ
ئامېرىكا پېرېزىدېنتى دونالد ترامپ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قاراپ يولغا چىقىش ئالدىدا... / Reuters

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سەيشەنبە كۈنى قاتار ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى بولغان سەئۇدى ئەرەبىستانغا يولغا چىقىدۇ.

ئاق ساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى باياناتتا، ترامپنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق پىرېزىدېنتلىقى مەزگىلىدىكى تۇنجى كەڭ كۆلەملىك چەت ئەل زىيارىتى ھېسابلىندىىغان پارس قولتۇقى زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ، پىرېزىدېنتنىڭ رايونغا «تارىخىي قايتىشى»نى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سەككىز يىل ئىلگىرى ترامپ پىرېزىدېنت بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى تاشقى زىيارىتىنىمۇ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا قاراتقانىدى.

زىيارەت ئالدىدا ئاق ساراي، ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىش، غەززەدە تۇتقۇن قىلىنغان بىر ئامېرىكاللىقنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئىران بىلەن يېڭى يادرو سۆھبىتى باسقۇچىنى باشلاش جەھەتتىكى دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلاردا مۇھىم رول ئوينىدى. بۇ ھەرىكەتلەر، ترامپنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئىران قوللايدىغان ھۇسىيلار بىلەن يەمەندە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن يۈز بەردى.

«كېلىشىملەر»

پارس قولتۇقى زىيارىتىنىڭ ئاساسىي نۇقتىسىنىڭ سودا كېلىشىملىرىنى جەزملەشتۈرۈش بولۇشى كۈتۈلمەكتە.

ئاتلانتىك كېڭىشى قارمىقىدىكى سكوۋكروفت ئوتتۇرا شەرق بىخەتەرلىك تەشەببۇسىنىڭ پېشقەدەم مۇتەخەسسىسى دانىيېل ب. شاپىرو: «ئاق ساراي مەنبەلىرى پىرېزىدېنتنىڭ كېلىشىملەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى» دەپ يازدى.

رىياد، دوھا ۋە ئەبۇ دابى 78 ياشلىق مىلياردېر ئۈچۈن ھەشەمەتلىك قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ۋە قىزىل گىلەم سېلىشقا تەييارلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، ترامپنىڭ باياناتچىسى كارولىن لېۋىت زىيارەت ئالدىدىكى باياناتىدا، پىرېزىدېنتنىڭ «ئەسەبىيلىكنىڭ ئورنىنى سودا ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسى ئىگىلىگەن» بىر تەسەۋۋۇرنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن «ئوتتۇرا شەرققە تارىخىي قايتىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقى»نى ئېيتتى.

پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى ترامپنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە ئۆزلىرىنى مۇھىم دىپلوماتىك شېرىك سۈپىتىدە كۆرسەتتى. دوھا ھاماس بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەردە مۇھىم ۋاسىتىچىلىك رولىنى ئويناۋاتقان بىر پەيتتە، سەئۇدى ئەرەبىستان ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك سۆھبەتلەرگە ساھىبخانلىق قىلغانىدى.

ترامپنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقىغا قايتا زىيارەتتە بولۇشى ھەققىدىكى مىش-مىش پاراڭلار ئايلاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەمەلىي ھۆكۈمرانى تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سالماننىڭ ئامېرىكانىڭ سودا-سانائەت ۋە مەبلەغ سېلىش ساھەلىرىگە 600 مىليارد دوللار ئاجرىتىشقا ۋەدە بەرگەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا. بۇ تەكلىپ ھەققىدە توختالغان ترامپ: «ناھايىتى ئېسىل زات بولغان تەخت ۋارىسى شاھزادىدىن بۇنى تەخمىنەن بىر تىرىليون دوللارغا يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىمەن. ئۇلارنىڭ بۇنى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، چۈنكى بىز ئۇلارغا ھەمىشە ياخشى مۇئامىلە قىلىپ كەلدۇق» دېدى.

مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا يېقىن بىر سەئۇدى ئەمەلدارى، رىيادنىڭ مىلياردلىغان دوللار قىممىتىدىكى ئەڭ ئىلغار تېخنىكىلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى بىلەن بىرگە، ئامېرىكانىڭ ئەڭ يېڭى F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى (AFP) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسەن: «بۇ قورال-ياراغلارنىڭ ترامپنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە تاپشۇرۇلۇشىنى شەرت قىلىمىز» دېدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئىسرائىلىيەنى ئېتىراپ قىلىشقا قايىل قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بۇ زىيارەتتە ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىسى بولۇشى كۈتۈلمەيدۇ. رىياد ھەرقانداق كېلىشىمدىن ئىلگىرى مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى قەتئىي تەكىتلەپ كېلىۋاتىدۇ.

بۇ ئارىدا ئىران مەسىلىسى، ھەپتە ئاخىرىدا ئوماندا ئۆتكۈزۈلگەن تۆتىنچى نۆۋەتلىك سۆھبەتلەردىن كېيىن، بۇ زىيارەت جەريانىدىمۇ مۇھىم بىر كۈنتەرتىپكە ئايلىنىدىغاندەك تۇرىدۇ.

پىرېزىدېنتنىڭ قاتار پادىشاھ ئائىلىسىدىن ھەشەمەتلىك بىر بوئىڭ ئايروپىلانىنى ئاق ساراينىڭ رەسمىي ئايروپىلانى (Air Force One) سۈپىتىدە ئىشلىتىش ئۈچۈن قوبۇل قىلىش پىلانى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشلار داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، يەكشەنبە كۈنى كەچتە ترامپ كۈچلۈك تەنقىدلەرگە قارىماي ئۆزىنى ئاقلاپ، ئايروپىلاننىڭ ۋاقىتلىق بىر «سوۋغات» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مەزكۇر كېلىشىمگە «تامامەن ئوچۇق-ئاشكارا بىر كېلىشىم» دەپ باھا بەرگەن ترامپ، دۈشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندىن يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى: «مەن ھەرگىزمۇ بۇنداق بىر تەكلىپنى رەت قىلىدىغان ئادەم ئەمەس» دېدى.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە قارىماي، رايوندا تىنچلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەتە كانادادا زىيارەتتە بولىدۇ
رۇسىيە بىر كېچىدىلا ئۇكرائىنانىڭ 323 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى
كولومبىيە كوماندىسى كونگو كوماندىسىنى يېڭىپ، كېيىنكى ئايلانمىغا كۆتۈرۈلۈش ئۈمىدىنى ساقلاپ قالدى
رۇبىيو ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى باشلىدى
تۈركىيە ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى شاللاش مۇسابىقىسى رەت تەرتىپىدە بىرىنچى بولدى
ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان تۈركىيەگە تەۋە 11 پاراخوت ھورمۇز بوغۇزىدىن بىخەتەر ئۆتتى
تۈرك دۆلەتلىرى تۈركىيەنىڭ كېلىشىمنى تەستىقلىشى بىلەن رەقەملىك سودا رامكىسىنى كېڭەيتمەكتە
ئانتاليادا ساياھەتچىلىك جانلىنىپ كەتتى
فىرانسىيە كوماندىسى ئىراقنى يېڭىپ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ شاللاش مۇسابىقىسىگە كىردى
ئامېرىكا لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىشنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى يولغا قويدى
ياۋروپادا جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش: تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىراق باش مىنىستىرى ئەلى زەيدى بىلەن كۆرۈشتى
ھالاند دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 32 كۈچلۈك كوماندىسى قاتارىغا كىردى
تۈرك دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە رەقەملىك مۇلازىمەتلەردە قولايلىق يارىتىلىدۇ