تۈرك دۇنياسى
3 مىنۇت ئوقۇش
تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق كۈچى ـــ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى 16 ياشقا قەدەم قويدى
تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق كۈچى ــــ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى — ت د ت نىڭ جەمئىي 4 مىليون 250 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر زېمىنى ۋە تەخمىنەن 160 مىليون نوپۇسى بار.
تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق كۈچى ـــ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى 16 ياشقا قەدەم قويدى
تۈركىيە دۆلەتلىرى تەشكىلاتى / AA
2025-يىلى10-ئاينىڭ6-كۈنى

باكۇ — ئانادولۇ ئاگېنتلىقى — رۇسلان رەھىموۋ: تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق كۈچى 12-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىنى 7-ئۆكتەبىردە ئەزەربەيجاندا «رايون تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكى» تېمىسىدا ئۆتكۈزىدۇ.

تۈرك دۇنياسى ئۆزىنى بىر بايراق ئاستىغا توپلىغان تەشكىلات —تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى (ت د ت) قۇرۇلغانلىقىنىڭ 16-يىللىقىنى تەبرىكلىمەكتە.

ت د ت نىڭ ئەسلىدىكى ئىسمى «تۈرك تىللىق دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى (تۈرك كېڭىشى)» بولۇپ، 2009-يىلى 3-ئۆكتەبىردە ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركىيە تەرىپىدىن ئىمزالانغان نەھچىۋان كېلىشىمى بىلەن ئۇلى سېلىنغان.

ئورتاق تارىخىي ۋە مەدەنىيەت قىممەت قاراشلىرىغا ئىگە تۈرك دۇنياسىنى بىرلەشتۈرۈشنى نىشان قىلغان ت د ت ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئىقتىساد، سىياسەت، مائارىپ، مەدەنىيەت، دۆلەت مۇداپىئەسى، خەۋپسىزلىك، قاتناش-تىرانسپورت، تاموژنا، ساياھەت ۋە تەنھەرىكەتكىچە بولغان نۇرغۇن ساھەدە ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈچۈن ئاساس ياراتماقتا.

ھازىرغا قەدەر رايون خاراكتېرلىق تونۇلۇش دەرىجىسى ئاشقان ت د ت بۇ يىلدىن ئېتىبارەن 4 مىليون 250 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر زېمىنى ۋە تەخمىنەن 160 مىليون نوپۇسقا ئىگە ئەزا دۆلەتلىرى بىلەن تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق كۈچىگە ئايلانغان ۋە گېئوپولىتىكىلىق تەسىرىنى كۈچەيتكەن خەلقئارالىق بىر تەشكىلاتقا ئايلاندى.

2021-يىلى 12-نويابىردا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 8-نۆۋەتلىك دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا، تۈرك كېڭىشىنىڭ نامىنىڭ «تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى» غا ئۆزگەرتىلىشى خەلقئارا سەھنىدە تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىشىش مۇساپىسىدە يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلانغانلىقى دەپ ئىزاھلاندى.

ت د ت غا ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركىيە ۋە ئۆزبېكىستان تولۇق ئەزا بولۇپ، تۈركمەنىستان، ۋېنگىرىيە ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى (ش ق ت ج) كۆزەتكۈچى ئەزا سالاھىيىتىدە ئورۇن ئالماقتا.

باش ئىشتابى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ت د ت دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى، ئاقساقاللار كېڭىشى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار كومىتېتى ۋە باش كاتىباتلىق ئىشخانىسىدىن تەركىب تاپقان.

بۇنىڭدىن باشقا، ت د ت يەنە تۈرك دۆلەتلىرى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسى (تۈركپا)، تۈرك ئاكادېمىيەسى، خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى (تۈركسوي)، تۈرك مەبلەغ سېلىش فوندى ۋە تۈرك مەدەنىيەت ۋە مىراس فوندى قاتارلىق ھەمكارلىق ئاپپاراتلىرىنىڭ كۈنلۈك تەشكىلاتى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.

ت د ت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى (ي خ ھ ت)، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى (ئى ھ ت) ۋە دۇنيا تاموژنا تەشكىلاتى (د ت ت) قاتارلىق نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەنمۇ ھەمكارلىق ئورناتقان.

ۋېنگىرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتا ۋەكالەتخانا ئاچقان ت د ت بۇ قەدىمى ئارقىلىق كۆزەتكۈچى ئەزا ۋېنگىرىيە شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى ۋە ۋىشېگراد گۇرۇپپىسى قاتارلىق ئاپپاراتلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنى ۋە ياۋروپادىكى تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنى نىشان قىلماقتا.

«تۈرك دۇنياسى-2040 يىراق كەلگۈسى پىلانى ھۆججىتى» قاتارلىق كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرىنى بېكىتكەن ت د ت، ئۆزئارا ئىشەنچ مۇھىتىنى مۇستەھكەملەش، سىياسىي ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش، ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكىلىق ھەمكارلىق پۇرسەتلىرىنى كۆپەيتىش، ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەرنى پۇختىلاش ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ تارىخىي-مەدەنىي مىراسلىرىنى قوغداپ قېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

ت د ت  ئۆتكەن 16 يىلدا پەقەت دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئارىسىدىلا ئەمەس، بەلكى قېرىنداش جەمئىيەتلەر ئارىسىدىمۇ بىرلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

ئورتاق قۇرۇلۇشلارنىڭ پائالىيەتلىرى خەلقلەرنىڭ ئورتاق قىممەت قاراشلىرىغا بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرغان بولسا، يېقىندا تۈرك ئاكادېمىيەسى تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئېلىپبە كومىتېتىنىڭ 34 ھەرپتىن تەركىب تاپقان ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسى ئۈستىدە بىرلىككە كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر تۈرك دۇنياسىدا زور خۇشاللىق بىلەن قارشى ئېلىندى.

قۇرۇلغاندىن بۇيان دۆلەت باشلىقلىرى دەرىجىسىدە 11 قېتىم باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزگەن ت د ت ، 12-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىنى 7-ئۆكتەبىردە ئەزەربەيجاندا «رايون تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكى» تېمىسىدا ئۆتكۈزۈشكە تەييارلانماقتا.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى 2027-يىلىغىچە رۇسىيە گازىنى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىشنى قارار قىلدى
ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال قىلغان گولان تۆپىلىكلىرىدىن چېكىنىشىنى تەلەپ قىلدى
ماتتارېللا: «ياۋروپا ئورتاق مۇداپىئەسىنى قۇرۇپ چىقالمىسا پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ»
ترامپنىڭ ئېغىر-بېسىقلىق چاقىرىقىغا قارىماي، ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدا يېڭى ھۇجۇم ئېلىپ باردى
مىسىر بىلەن ئامېرىكا غەززەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى مۇزاكىرىلەشمەكتە
قاتار غەززە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ «ئىككىنچى باسقۇچى» ئۈچۈن بېسىمىنى كۈچەيتمەكتە
خاقان فىدان ناتونىڭ بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان ھەل قىلغۇچ سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارشى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا ئاچقان دېلوسىنى بىكار قىلدى
كولومبىيە كىچىك بالىلارنى سۇيىئىستېمال قىلغان يەھۇدىي تەرىقىتى ئەزالىرىنى قوغلاپ چىقاردى
ترامپ گوندۇراسنى سايلام كېچىكىشلىرى سەۋەبىدىن سايلام كومىتېتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ بەش پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلدى
مادۇرو ئامېرىكا بىلەن چوڭقۇرلىشىۋاتقان جىددىيچىلىكلەر ئالدىدا «مۇتلەق ساداقەت» قەسىمى قىلدى
ئىسرائىلىيە 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يەنە دەپسەندە قىلدى
پەلەستىن كوماندىسىنىڭ «ئەرەب لوڭقىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇسابىقىسىدىكى غەلىبىسى قاتارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى
ئىسرائىلىيە رەفاھ تونېللىرىدا قاپسىلىپ قالغان 40 ھاماس ئەزاسىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى