سۇداندا ئالتۇن كان ئۆرلۈپ چۈشۈپ، ئالتە كىشى قازا قىلدى، ئونلىغان كىشى قاپسىلىپ قالدى
خارابىلىك ئاستىدا قالغان كان ئىشچىلىرىنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا.
سۇدان دوختۇرلار تورى جۈمە كۈنى كېچىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، سۇداننىڭ جەنۇبىدىكى جەنۇبىي كوردوفان رايونىدا بىر ئالتۇن كاننىڭ ئۆرلۈپ چۈشۈشى نەتىجىسىدە ئالتە كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 12 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە ئونلىغان كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتى جۈمە كۈنى كېچىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەبۇ جۇبەيھا رايونىدىكى بىر ئالتۇن كاندا يۈز بەرگەن ئۆرلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە ئالتە كان ئىشچىسىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 12 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە بايانات ئېلان قىلىنغان پەيتتە نۇرغۇنلىغان كان ئىشچىسىنىڭ خارابىلىك ئاستىدا قاپسىلىپ قالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا، قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى تېزلىتىش ۋە يارىلىنىپ كەتكەنلەرگە جىددىي تېببىي ياردەم بېرىش چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
مەزكۇر گۇرۇپپا يەنە، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئاپەتلەرنىڭ تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ كان ئىشچىلىرىنى قوغدايدىغان تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. بىخەتەرلىك ئۆلچەملىرىنى بېكىتىش، تەربىيەلەش ۋە قەرەللىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش چاقىرىقىدا بولغان تەشكىلات، ئاپپارات خاراكتېرلىك سەل قاراشلار ۋە قانۇنلارنىڭ ئىجرا قىلىنماسلىقى سەۋەبىدىن كان ئىشچىلىرىنىڭ ھاياتى خەۋپكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا، مەسئۇللارنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشى ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پاجىئەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەمەلىي قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى كېرەكلىكىمۇ قەيت قىلىندى.
كىچىك كۆلەمدىكى ئالتۇن كانچىلىقى سۇدان مىقياسىدا كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئىنتايىن قىيىن شارائىتلار ئاستىدا ئىككى مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ تەخمىنەن يۈزدىن 80 پىرسەنتىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ.
سۇدان ھۆكۈمىتى قولدا كان قېزىشنى چەكلىمەيدۇ، ئەمما ئۇنى تەرتىپكە سېلىشقا تىرىشىدۇ. كەمچىللىكلىرىگە قارىماي، بۇ ساھە نۇرغۇنلىغان سۇدانلىقلارنى ئىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۆھپە قوشىدۇ.
جەنۇبىي سۇدان ئايرىلىپ چىققاندىن كېيىن، سۇدان 2011-يىلى نېفىت كىرىمىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىدىن ۋە تاشقى پاي مەنبەلىرىنىڭ تەخمىنەن يۈزدىن 80 پىرسەنتىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن، ئالتۇنغا مۇھىم بىر تاشقى پاي مەنبەسى سۈپىتىدە زور دەرىجىدە تايىنىدىغان بولۇپ قاغان ئىدى.