خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: «بىرلەشكەن بىر ئىرېلاندىيە كۆرۈشنى بەك خالايمەن» دېدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئىرېلاندىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىنىڭ ئارقىسىدىن، بىرلىشىشنىڭ «ئاجايىپ قالتىس ئىش» بولىدىغانلىقىنى ۋە ئاخىرى بېرىپ ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ترامپ: «بىرلەشكەن بىر ئىرېلاندىيە كۆرۈشنى بەك خالايمەن» دېدى
ترامپ: «بىرلەشكەن بىر ئىرېلاندىيە كۆرۈشنى بەك خالايمەن» دېدى / Reuters

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شەنبە كۈنى دۇبلىنغا قىلغان ئىككى كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا بىرلەشكەن بىر ئىرېلاندىيە كۆرۈشنى «بەكمۇ خالايدىغانلىقىنى» ئېيتتى.

ئىرېلاندىيە باش مىنىستىرى مىشېل مارتىن بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇخبىرلارغا سۆز قىلغان ترامپ: «ئاخىرى بېرىپ چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ» دېدى ۋە بۇنىڭ «ئاجايىپ قالتىس ئىش» بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مارتىن بىلەن كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن ئىرېلاندىيە پىرېزىدېنتى كاتېرىن كوننوللىنى زىيارەت قىلغان ترامپ، دۇبلىندىكى رەسمىي پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىدە ئۇچرىشىشلاردا بولدى.

قارشى ئېلىش مۇراسىمىدا ھەربىي ئوركېستىر تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنغان ترامپ بىلەن كوننوللى قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن، سەمىمىي سۆھبەتلەشتى.

ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئاپتوموبىلىغا قاراپ ماڭغان ترامپقا مۇخبىرلار تۈرلۈك سوئاللارنى سورىدى.

ترامپ ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇشىغا ئالاقىدار سوئالغا: «ھەممە ئىش ئۆز ئىزىغا چۈشىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - US opposes Palestine's recognition by Ireland, Norway, Spain

ترامپ كېيىنچە «Farmleigh House» قا بېرىپ ئۆزىنى كۈتۈۋاتقان باش مىنىستىر مارتىن بىلەن ئۆزئارا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

ئۇچرىشىشتا ئامېرىكا بىلەن ئىرېلاندىيەگە ئالاقىدار تۈرلۈك مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىدى.

ترامپ شۇ كۈنى ئەتىگەن ئايروپىلاندىن چۈشكەندىن كېيىن، ئارىسىدا مۇئاۋىن باش مىنىستىر سىمون ھاررىس، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېلېن مەكئېنتى ۋە ئامېرىكانىڭ ئىرېلاندىيەدىكى باش ئەلچىسى ئېد ۋولشمۇ بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئىرېلاندىيە ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىندى.

ئىككى كۈنلۈك زىيارىتى دائىرىسىدە، ترامپنىڭ دۇبلىندىكى فىنكىس باغچىسىغا جايلاشقان ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسى قارارگاھىدا ئۇيۇشتۇرۇلىدىغان پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىمۇ پىلانلانغان ئىدى.

ترامپ ئاندىن دۆلەتنىڭ غەربىدىكى كلارې رايونىغا بېرىپ، ئۆزىگە تەۋە بولغان مېھمانخانىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «Amgen Irish Open» گولف توپ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.

ترامپنىڭ دۇبلىندىن ئىرېلاندىيەنىڭ غەربىي قىرغىقىغىچە سوزۇلغان زىيارەت كۈنتەرتىپىدىن كېيىن، يەكشەنبە كۈنى دۆلەتتىن ئايرىلىشى پىلانلاندى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Irish PM Micheal Martin pushes Trump on Iran war — politely
ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى