تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيەنىڭ قاراتاغ باش ئەلچىسى پىچاقلىق ھۇجۇمنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېنىقلاپ چىقىلىشىنى تەلەپ قىلدى
تۈركىيەنىڭ قاراتاغ باش ئەلچىسى بارىش قالقاۋان پودگورىتسادا تۈركىيە پۇقرالىرىمۇ ئارىلىشىپ قالغان پىچاقلىق ھۇجۇمنىڭ تولۇق ئېنىقلاپ چىقىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، چەت ئەللىكلەر دۈشمەنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
تۈركىيەنىڭ قاراتاغ باش ئەلچىسى پىچاقلىق ھۇجۇمنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېنىقلاپ چىقىلىشىنى تەلەپ قىلدى
تۈركىيەنىڭ قاراتاغ باش ئەلچىسى پىچاقلىق ھۇجۇمنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېنىقلاپ چىقىلىشىنى تەلەپ قىلدى / Reuters

بارىش قالقاۋان قاراتاغنىڭ پايتەختى پودگورىتسادا ھەپتە ئاخىرى بىر قاراتاغلىق پۇقرانىڭ پىچاقلىنىشىغا چېتىشلىق دېيىلگەن تۈركىيە پۇقرالىرى ھەققىدە تېز ۋە ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا چاقىرىقتا بولدى. ھەمدە بۇ ۋەقەنىڭ تۈرك جەمئىيىتىنى نىشان قىلىدىغان ئىغۋاگەرچىلىككە ئايلاندۇرۇلماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

 تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 102 – يىللىق خاتىرە كۈنى ۋە جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا سۆز قىلغان بارىش قالقاۋان، قاراتاغ دائىرىلىرىدىن تۈركىيە پۇقرالىرى چېتىشلىق دېيىلگەن پىچاقلىق ھۇجۇمنىڭ جىددىي ۋە تولۇق ئېنىقلاپ چىقىلىشىنى، جىنايەتچىلەرنىڭ تېزرەك ئەدلىيە ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىشىنى كۈتىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«بىر تۇيۇقسىز جىنايەتنىڭ تۈركلەر نىشان قىلىنغان بىر ئىغۋاگەرچىلىككە ئايلىنىپ قېلىشى تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىشتۇر. ئەسلىدە ھەر كۈنى بازاردا، قەھۋەخانىدا، مەھەللىدە سالاملىشىدىغان ۋە بىر يەرگە جەم بولىدىغان ياش دوستلارغا شۇنداق دىمەكچىمەنكى؛ بىرنەچچە ئىغۋاگەرنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ قالماڭلار. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى، بۇ جەرياندا يۈز بەرگەن بارلىق ۋەقەلەر ۋە نەتىجىلىرى توغرىسىدا ھەر جەھەتتىن قانۇنىي ھەم سىياسىي تەدبىرلەرنى ئالىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆز ۋىجدانىڭلارمۇ بۇنى سوتلايدۇ.»

قالقاۋان تۈركىيە بىلەن قاراتاغنىڭ 146 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان كۈچلۈك تارىخىي ئاساسلار ئۈستىگە ئورنىتىلغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، قاراتاغنىڭ تىنچلىقى بىلەن پاراۋانلىقىنىڭ بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، قاراتاغ خەلقىنى «چەت ئەللىكلەرگە دۈشمەنلىك قىلىش، نەپرەتلىنىش ۋە بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ئىنسانلىققا خىلاپ ئۇقۇملارنىڭ» بۇ دۆلەتتە يىلتىز تارتىشىغا يول قويماسلىققا چاقىردى.

 «ھەمكارلىق يولىدا كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلار»

 باش ئەلچى قالقاۋان يېقىنقى كۈنلەردە قاراتاغ پۇقرالىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تۈرك جەمئىيىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى رىشتىنى «چوڭقۇر، كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋە ھەرقانداق ئىغۋاگەرچىلىكنى يېڭىشكە قادىر» دەپ سۈپەتلىدى.

قاراتاغ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا، «پودگورىتسادا تۈركىيە پۇقرالىرى چېتىشلىق پىچاقلىق ھۇجۇم يۈز بەرگەنلىكى» ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى. ھۇجۇمدا يارىلانغان كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ۋەقەدىن كېيىن قاراتاغ باش مىنىستىرى مىلويكو سپايىچ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيە پۇقرالىرىغا ۋىزىسىز ساياھەت بەلگىلىمىسىنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ قارار، پايتەختنىڭ بەزى رايونلىرىدا كۈچىيىۋاتقان جىددىيچىلىك ۋە تۈركلەرگە قارشى نەپرەتلىك سۆزلەر بىلەن بىرلىكتە، كىچىك نامايىشچى گۇرۇھلارنىڭ تۈركلەرنى سۈرگۈن قىلىش چاقىرىقلىرىنى قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە چىقىرىلدى.

تۈركىيە دائىرىلىرى ۋە پودگورىتسادىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسى، تۈركلەرگە دۈشمەنلىك قىلىش ئىغۋاگەرچىلىكلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ھەمدە ۋەقەنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن يىللىق دوستانە مۇناسىۋەتلەرگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكانىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنىڭ كېمىسىگە قاراتقان ھۇجۇمىدا ئىككى ئەتكەسچى ئۆلدى
ياۋروپا ياردىمى ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى تېزلەتتى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئۇدا خىلاپلىق قىلىپ، يەنە 9 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
تۈركىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش مەشىقلىرىنى فلورىدادا باشلىدى
كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلاندى
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 72 مىڭ 945 كە يەتتى
نۇمان قۇرتۇلمۇش: تۈركىيە ياۋروپانىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن مۇھىم بىر كاپالەت
گىرېتسىيەدە ئىسرائىلىيەلىك ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان پاراخوتقا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى
ناتو بالتىق دېڭىزىدا كىچىك كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي لىۋانغا ئىچكىرىلەپ كىرمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پارىس قولتۇقىدىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇملارنى قىلدى
تروپىكال بوران-چاپقۇنى «ژاڭمى» (Jangmi) ياپونىيەگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى
كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سودا ۋە مۇداپىئە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھىندونېزىيەگە باردى