سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
زېمىن مەسىلىسىدە «يول قويۇش» رۇسىيە-ئۇكرائىنا سۆھبىتىنىڭ ئاساسىي نۇقتىسىنى تەشكىل قىلماقتا
«زېمىن مەسىلىسى» ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا تىنچلىق سۆھبىتىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
زېمىن مەسىلىسىدە «يول قويۇش» رۇسىيە-ئۇكرائىنا سۆھبىتىنىڭ ئاساسىي نۇقتىسىنى تەشكىل قىلماقتا
2025-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئۇكرائىنانىڭ دونېتس رايونىدىكى جەڭ سېپىدىكى پوكروۋىسك شەھىرى ئەتراپىدا، ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرى رۇسىيە قوشۇنلىرىغا قارىتا MLRS ئاتماقتا. / Reuters

«زېمىن مەسىلىسى» ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا تىنچلىق سۆھبىتىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئىلگىرى ئەبۇ دەبىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى نۆۋەتلىك سۆھبەتتىن كېيىن، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ئالاھىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىنىش ئۈمىدىنىڭ خېلىلا تۆۋەن ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 1945-يىلىدىن بۇيانقى ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ ئۇرۇش دەپ قارالغان بۇ توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن موسكۋا بىلەن كىيېۋنى كېلىشىمگە مەجبۇرلىماقتا. ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنىسكىي بولسا، دۆلىتىنىڭ زېمىن جەھەتتە يول قويۇشى ئۈچۈن مىسلىسىز بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

رۇسىيە تەرەپ دونېتسىكى رايونىنىڭ قالغان %20 لىك قىسمىنى تەلەپ قىلسا، كىيېۋ بۇنى قەتئىي رەت قىلماقتا. كرىمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە «ئاساسلىق مەسىلىلەر»نىڭ، جۇملىدىن زېمىن تەلەپلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئۇرۇش باشلانغانلىقىنىڭ تۆت يىللىق خاتىرە كۈنى (24-فېۋرال) ھارپىسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. تۆت يىل جەريانىدا ئونمىڭلىغان كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، مىليونلىغان كىشى مۇساپىرغا ئايلاندى. نۆۋەتتە رۇسىيە ئۇكرائىنا زېمىنىنىڭ تەخمىنەن %20 نى ئىشغال قىلىۋالغان بولۇپ، يېقىنقى ھاۋا ھۇجۇملىرى ئۇكرائىنانىڭ ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى ۋەيران قىلىپ، خەلقنى قىشتا توكسىز قالدۇردى.

ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە مۆلچەرلەر

رۇسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ۋىلادىمىر مېدىنسكىي، ئۇكرائىنا ۋەكىللەر ئۆمىكىگە رۇستەم ئۇمەروۋ ۋە كىرىلو بۇدانوۋ يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئامېرىكا تەرەپكە ۋاكالىتەن ستېۋ ۋىت كوف ۋە جارېد كۇشنېر سۆھبەتكە قاتنىشىدۇ. زېلېنىسكىي ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە: «بەزىدە تەرەپلەر پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان تىللاردا سۆزلىشىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن» دېيىش ئارقىلىق سۆھبەتنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى نامايان قىلدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنىنى تەبرىكلىدى
پاكىستان: 6 دىن كۆپ دۆلەت مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمىگە قاتنىشىشقا قىزىقماقتا
خالۇق گۆرگۈن: دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ كۈچى ياشلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىدۇر
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنى» نى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان  قىلدى
ترامپ تۈركىيەگە قارىتىلغان CAATSA ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلىشقا ئىجابىي پوزىتسىيەدە بولدى
بېلگىيەدە بومبا تەھدىتى سەۋەبىدىن 1700 ئوقۇغۇچى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گۈلەر: كاۋكاز رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيەدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئېبولا يۇقۇمىدا ئۆلگەنلەر سانى 3982 گە يەتتى
مېكسىكادا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە قىلىنغان ھۇجۇمدا مۇئاۋىن مۇدىر قازا قىلدى
تۈركىيە ئېفىيوپىيە ساقچىلىرىنى تور جىنايەتلىرىگە قارشى تۇرۇش بويىچە تەربىيەلىدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گۈلەر ئەزەربەيجانلىق ۋە گىرۇزىيەلىك مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
قىرغىزىستان تۇنجى مىللىي سۈنئىي ھەمراھىنى ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بەردى
تېكنوفېست فېستىۋالى ئۈچىنچى كۈنى چەكسىز ھاياجان ئىلكىدە باشلاندى
ئامېرىكا سۈرىيەنى مۇداپىئە سودىسى چەكلىمىسى تىزىملىكىدىن چىقاردى
ئامېرىكادىن ياۋروپاغا جىددىي چاقىرىق: يېقىلغۇ زاپاسلىرىڭلارغا چەكلىمە قويماڭلار