كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ت ر ت ئىخلاسمەنلىرى. بۈگۈن 17-دېكابىر سەيشەنبە. كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر پىروگراممىزغا خۇش كەلدىڭلار.... بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:
00:00
كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر
تېزلىك يۇقىرى خەۋەر / TRT Uyghur

ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان دونالد ترامپ ئەسەدتىن كېيىنكى سۈرىيە مەسىلىسىدە نامۇئەييەنلىك بارلىقىنى ئىپادىلىدى ھەمدە تۈركىيەنىڭ دۆلەتنىڭ كىلەچىكىدە «مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى» تەكىتلىدى.

 سىرلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئامېرىكانىڭ 8 ئىشتاتىدا ۋەھىمە پەيدا قىلدى.

ترامپ مار-ئا-لاگو سارىيىدا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىي-شەرقىدىن چېكىنىشى مەسىلىسىدە بىۋاسىتە پىكىر بىلدۈرۈشتىن ئۆزىنى تارتتى، ھەمدە تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ماختىدى.

ئۇ يەنە بالىلارغا قارشى قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئاغدۇرۇلغان سۈرىيە پىرېزىدېنتى بەششار ئەسەدنى «قانخور» دەپ ئاتىدى ۋە تۈركىيەنى رايوندا «مۇھىم كۈچ» دەپ تەرىپلىدى.

 «گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئانالىزىغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلماقتا ئىكەن.

مەركىزى بېرلىنغا جايلاشقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ياۋروپا ئاساسىي قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە پەلەستىنلىكلەرگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.

 تەشكىلات بۇ ھەرىكەتلەرگە دائىر مۇستەقىل تەكشۈرۈش ۋە ئانالىزلارنىڭ «قانۇنىي جەھەتتىن مۇستەھكەم پاكىتلار» نى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، نۇرغۇن دوكلاتلار، ئانالىزلار ۋە  سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قارارلىرىنىڭ بۇنىڭ شۇنداقلىقىنى ئىسپاتلايدىغانلىقى تەكىتلىدى.

 ئامېرىكا غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىنىڭ ‹ئۈنۈملۈك› داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىگە دائىر يېقىنقى سۆھبەتلەرنىڭ «ئۈنۈملۈك» داۋاملىشىۋاتقانلىنى جاكارلىدى.

 تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماتيۇ مىللېر، سۆھبەتلەردە يېقىنقى كۈنلەردە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنغانلىقىنى، ئەمما «ناھايىتى ئاز ساندىكى ئىختىلاپلارنىڭ» مۇ ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

 «سۈرىيەنىڭ دىرئە شەھىرىدىن 12 دىن ئارتۇق ئاممىۋى مازار تېپىلدى

سۈرىيەنىڭ دىرئە ۋىلايىتىدە ئاغدۇرۇۋېتىلگەن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن پۇقرالارغا تەۋە دەپ قارىلىۋاتقان 12 دىن ئارتۇق ئاممىۋى مازار تېپىلدى.

 بۇ مازارلار مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا بەئىس ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇۋېتىلگەندىن كېيىن دۆلەت مىقياسىدا داۋاملىشىۋاتقان ئىزدەش - تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى جەريانىدا بايقالدى.

 سۈرىيە ئەسەد ھاكىمىيىتى دەۋرىدە سادىر قىلىنغان ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز  ۋەھشىيلىكلەر بىلەن يۈزلىشىشكە باشلىدى.

ئىزدىنىڭ
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى