ئوربان: رۇسىيەنىڭ مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىش — ياۋروپانى ئۇرۇشقا سۆرەيدىغان ‹ئەخمىقانە› خىيالدۇر

ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ توڭلىتىلغان رۇسىيە مۈلۈكلىرىنى ئۇكرائىنا ئۈچۈن مۇسادىرە قىلىش تەكلىپلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

By
ۋېنگرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان 2025-يىلى 17-دېكابىر بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى-غەربىي بالقان باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ كەلدى. / Reuters

ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان ئوربان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ توڭلىتىلغان رۇسىيە مۈلۈكلىرىنى ئۇكرائىنا ئۈچۈن مۇسادىرە قىلىشنىڭ توقۇنۇشنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ۋە تىنچلىق ئۈچۈن كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلارغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

باش مىنىستىر ئوربان پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيە مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىش ۋە بۇ مەبلەغلەرنى ئۇكرائىناغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش لايىھەسىگە قارشى چىقتى ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى «ئۇرۇشقا قاراپ مېڭىش» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان بۇنداق خەتەرلىك قەدەملەردىن ساقلىنىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى يىغىنىدىن بۇرۇن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ئوربان، ئىتتىپاقنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتا «تەرەپ» بولۇپ قېلىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «چۈنكى مەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇرۇشقا چېتىلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈشنى خالىمايمەن؛ پۇل بېرىش — ئۇرۇش قىلىش دېمەكتۇر» دېدى.

ئۆزىنىڭ تىنچلىق تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ۋېنگىرىيە رەھبىرى يەنە: «مېنىڭ مەقسىتىم پەقەت تىنچلىقتۇر. چۈنكى بىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىش — ئۇرۇشقا ئەمەس، تىنچلىققا قاراپ قەدەم تاشلاشتۇر» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

بىراۋنىڭ پۇلىنى مۇسادىرە قىلىش — ئەخمىقانە ئىش

ئوربان رۇسىيەگە قارىتا قوشۇمچە بىخەتەرلىك كاپالەتلىرى ۋە مالىيە تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ھەققىدىكى چاقىرىقلارغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇنداق قەدەملەر توقۇنۇشنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىش تۈگۈل، ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئوربان: «تېخىمۇ كۆپ كاپالەت ئىزدىۋاتامسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن؟ بىراۋنىڭ پۇلىنى مۇسادىرە قىلىش پىكرى پۈتۈنلەي ئەخمىقانە ئىشتۇر» دېدى.

ئۇرۇشنىڭ بىۋاسىتە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا چېتىشلىق مەسىلە ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن ئوربان: «نۆۋەتتە ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان ئىككى دۆلەت بار. بۇلار ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەس، بەلكى رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنادۇر» دەپ كۆرسەتتى.

توقۇنۇشنىڭ بىر تەرىپىگە تەۋە مۈلۈكلەرنى مۇسادىرە قىلىپ، ئۇنى قارشى تەرەپكە بېرىش تەكلىپلىرىنى تەنقىد قىلغان ۋېنگىرىيە رەھبىرى، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئىتتىپاقنى ئۇرۇشنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر قاينىمىغا تارتىپ كىرىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

مەلۇمكى، ياۋروپا كومىتېتى توڭلىتىلغان مۈلۈكلەرنى كەلگۈسى بىر قانچە يىلدا ئۇكرائىناغا قەرز بېرىش شەكلىدە قوشۇمچە مالىيە ۋە ھەربىي ياردەم بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئىشلىتىشنى تەكلىپ قىلغانىدى.

بېلگىيە تەرەپ بولسا، رۇسىيە كەلگۈسىدە بۇ مۈلۈكلەرنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان تەقدىردە كېلىپ چىقىشى مۇمكىن بولغان قانۇنىي ۋە مالىيە خەۋپ-خەتەرلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.