ھىندىستاندا موتوسىكلىت سوقۇلۇپ كەتكەن ئاپتوبۇسقا ئوت كېتىش ھادىسىسىدە 25 ئادەم قازا قىلدى

ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدا موتوسىكلىت سوقۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن ئوت كەتكەن ئاپتوبۇس ھادىسىسىدە كەم دېگەندە 25 ئادەم قازا قىلدى.

ھىندىستاندا موتوسىكلىت سوقۇلۇپ كەتكەن ئاپتوبۇسقا ئوت كېتىش ھادىسىسىدە 25 ئادەم قازا قىلدى / Reuters

كۇرنول ئەتراپىدا ھەيدەرئابادتىن بېنگالۇرۇغا قاراپ كېتىۋاتقان، 44 يولۇچى ئولتۇرغان بىر ئاپتوبۇسقا موتوسىكلىت سوقۇلۇپ كەتتى.

ھىندىستان ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەتنىڭ جەنۇبىدا بىر موتوسىكلىت سوقۇلۇپ كەتكەن يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا ئوت كېتىشى نەتىجىسىدە كەم دېگەندە 25 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، بىرنەچچە ئادەم يارىلانغان.

يۇقىرى دەرىجىلىك ساقچى ئەمەلدارى ۋىكرانت پاتىلنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىغا ئاساسلانغاندا، جۈمە كۈنى ئەتىگەندە ئاندىرا پرادېش ئۆلكىسىدىكى كۇرنول رايونىغا يېقىن بىر تاشيولدا تېز سۈرئەتتە كېتىۋاتقان ئاپتوبۇسقا تۇيۇقسىز ئوت كەتكەن، ئارقىدىنلا بىرنەچچە مىنۇت ئىچىدىلا ئاپتوبۇس ئوت يالقۇنى ئىچىدە قالغان، شۇنىڭ بىلەن، نەچچە ئون يولۇچى قاپسىلىپ قالغان.

بەزى يولۇچىلار دېرىزىلەرنى چېقىپ، ئاپتوبۇستىن سەكرەپ چۈشۈپ يېنىك يارىلانغان ھالدا قۇتۇلۇپ قالغان، لېكىن يەنە بىر تۈركۈم يولۇچىلار ياردەم يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ئوتتا كۆيۈپ ھاياتىدىن ئايرىلغان.

44 يولۇچى ئولتۇرغان ئاپتوبۇس تېلانگانا ئۆلكىسىدىكى ھەيدەرئاباد بىلەن كارناتاكا ئۆلكىسىدىكى بېنگالۇرۇ شەھەرلىرى ئوتتۇرىسىدا قاتناۋاتقان ئىدى.

بۇ ھادىسە ھەيدەرئابادنىڭ تەخمىنەن 210 كىلومېتىر جەنۇبىدىكى كۇرنول ئەتراپىدىكى چىنناتېكۇرۇ يېزىسىدا يۈز بەردى.

پاتىل موتوسىكلىتنىڭ  تېز سۈرئەتتە كېتىۋاتقان ئاپتوبۇسقا كەينىدىن سوقۇلۇپ ئاستىغا قىسىلىپ قالغانلىقىنى، بىر ئاز سۈرۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن چىقارغان ئوت ئۇچقۇنلىرى سەۋەبىدىن ئاپتوبۇسنىڭ يېقىلغۇ باكىغا ئوت تۇتۇشۇپ كەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

«ئىس - تۈتەك تارقىلىشقا باشلىغاندا، شوپۇر ئاپتوبۇسنى توختىتىپ، ئوت ئۆچۈرگۈچ بىلەن ئوتنى ئۆچۈرۈشكە تىرىشقان، لېكىن ئوت يالقۇنى قاتتىق كچلۈك بولغانلىقتىن، ئۇنى كونترول قىلالمىغان.

بۇ ھادىسە يۈز بەرگەندە يولۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇخلاۋاتقان بولۇپ، ئاپتوبۇس پۈتۈنلەي كۆيۈپ كەتكەن، كىملىكى ئېنىق بولمىغان موتوسىكلىت شوپۇرىمۇ ھاياتىدىن ئايرىلغان.»

 ئەدلىيە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ۋەقەنى تەكشۈرمەكتە.

 باش مىنىستىر نارېندرا مودى بىلەن ئاندىرا پرادېش ئۆلكىسىنىڭ باش مىنىستىرى ئېن چاندىرابابۇ نايدۇ ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى.

بۇ ئېچىنىشلىق ئاپتوبۇس ئوت ئاپىتى ھادىسىسى ھىندىستاندا ئىككى ھەپتە ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىككىنچى قېتىملىق ھادىسە ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا، ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى راجاستان ئۆلكىسىدە بىر يولۇچى ئاپتوبۇسىدا يۈز بەرگەن گۇمانلىق توك يولى ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئاپتوبۇسقا تېزلا ئوت تۇتۇشۇپ كېتىپ، كەم دېگەندە 20 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.