خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىرانغا قارشى ئۇرۇش بىلەن بىرلىكتە نېفىت باھاسى 105 دوللاردىن ئېشىپ كەتتى
خەلقئارالىق ئۆلچەم ھېسابلانغان برېنت نېفىتىنىڭ ۋارىل باھاسى 101.19 دوللارغا، غەربىي تېكساس خام نېفىتى (WTI) بولسا، تەخمىنەن 107.06 دوللارغا ئۆرلىدى.
ئىرانغا قارشى ئۇرۇش بىلەن بىرلىكتە نېفىت باھاسى 105 دوللاردىن ئېشىپ كەتتى
ئىرانغا قارشى ئۇرۇش بىلەن بىرلىكتە نېفىت باھاسى 105 دوللاردىن ئېشىپ كەتتى / Reuters
2026-يىلى3-ئاينىڭ9-كۈنى

ئەلى ھامەنىي ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، مۇجتەبا ھامەنىنىڭ ئىراننىڭ يېڭى دىنىي رەھبىرى بولۇپ تەيىنلىنىشى بىلەن، نېفىت باھاسى 105 دوللاردىن ئېشىپ كەتتى ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 108 دوللارغىچە ئۆرلىدى.

Trading Economics ئەپىنىڭ يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بازارلار ئىراندا يۈز بەرگەن ئرۇشلارغا تەتۈر ئىنكاس قايتۇرغان، ئوتتۇرا شەرق تۇقۇنۇشى كەسكىنلەشكەن ۋە دۇنيا نېفىت توشۇش يولىدىكى مۇھىم تۈگۈن بولغان ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئېنىقسىزلىقنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، خام نېفىت باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلىگەن.

خەلقئارالىق ئۆلچەم ھېسابلانغان برېنت نېفىتىنىڭ ۋارىل باھاسى، شىكاگو سودا بىرژىسىدا سودا قايتا باشلانغاندىن كېيىن، جۈمە كۈنىدىكى بازار يېپىلىش باھاسى بولغان 92.69 دوللاردىن %9.2 ئۆرلەپ 101.19 دوللارغا يەتكەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان يېنىك نېفىت بولغان غەربىي تېكساس خام نېفىتى (WTI) نىڭ ۋارىل باھاسى تەخمىنەن 107.06 دوللارغا چىقتى. بۇ جۈمە كۈنىدىكى يېپىلىش باھاسى بولغان 90.90 دوللاردىن %16.2 يۇقىرى ئۆرلىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

بازانىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، ئىككى خىل نېفىتنىڭ باھاسى يەنە ئۆسۈشى ياكى تۆۋەنلىشى مۇمكىن.

ئىزدىنىڭ
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى
«WSJ»: سەئۇدى ئەرەبىستان ئامېرىكاغا «ھورمۇز قورشاۋىنى بىكار قىل» دەپ بېسىم ئىشلەتمەكتە
مېلونى: ئىتالىيە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇداپىئە كېلىشىمىنى توڭلىتىپ قويدى
خىتاي ۋە ئىسپانىيە «پارچىلىنىۋاتقان» دۇنيا تەرتىپىدە بىرلىككە كېلىش سىگنالى بەردى
ئامېرىكا ئېمبارگو يۈرگۈزگەن خىتاي ماي توشۇش پاراخوتى ھورمۇز بوغۇزى قورشاۋىنى بۆسۈپ ئۆتتى
ئىران بەش ئەرەب دۆلىتىنى ئەيىبلىدى
ئىسلامئاباد: ئامېرىكا بىلەن ئىران يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت باشلاش ئۈچۈن دىيالوگنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە جەنۇبىي لىۋاننى ئۇزۇن مۇددەت بېسىۋېلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى
باش مىنىستىر مېرز نېتانياھۇنى غەربىي قىرغاقىنى «قىسمەن بېسىۋېلىش» مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى
ئىران يادرو قۇيۇلدۇرۇشنى 5 يىل توڭلىتىشنى تەكلىپ قىلدى، ئامېرىكا 20 يىلدا چىڭ تۇردى
ۋانىس: پاكىستاندىكى ئىران سۆھبەتلىرىدە «زور ئىلگىرىلەش» قولغا كەلتۈرۈلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ تۈركىيەنى يېڭى دۈشمەن دەپ ئېلان قىلىشنىڭ كۇيىدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز
جەنۇبىي كورېيە بىلەن پولشا مۇداپىئە ساھەسىدىكى ئالاقىلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرماقتا
رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا پاسخا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن باشلانغان ئۇرۇش توختىتىش ئاخىرلاشتتى
پېدرو سانچېز: «خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ»