زېلېنسكىي «سۆھبەتلەرنى قويۇقلاشتۇرۇش» ئۈچۈن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇشنى پىلانلىماقتا
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي دىپلوماتىيەنى جانلاندۇرۇش نىشان قىلىنغان سۆھبەتلەر ئۈچۈن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.
ئامېرىكا ۋەكىلى ستېۋ ۋىتكوفنىڭمۇ سۆھبەتلەرگە قاتنىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە. ئەمما كىرېمىل رۇسىيەنىڭ سۆھبەتكە قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش نىشان قىلىنغان سۆھبەتلەرنى قويۇقلاشتۇرۇش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇشنى قايتىدىن باشلاش تىرىشچانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
زېلېنسكىي سەيشەنبە كۈنى تېلېگرام سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، چارشەنبە كۈنى «بىرقاتار ئۇچرىشىشلار» نى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئەمما بۇ ئۇچرىشىشلارنىڭ تۈركىيەنىڭ قايسى شەھىرىدە بولىدىغانلىقى ياكى قايسى ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن سۆھبەتلىشىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىدى.
ئۇكرائىنا رەھبىرى زېلېنىسكى: «ئەتە تۈركىيەدە ئۇچرىشىشلار بولىدۇ. سۆھبەتلەرنى قويۇقلاشتۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتىمىز ۋە ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىزغا تەكلىپ بېرىدىغان ھەل قىلىش چارىلىرىنى تۈزۈپ چىقتۇق. ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۇكرائىنانىڭ ئەڭ مۇھىم نىشانى. ئەسىر ئالماشتۇرۇشنى ۋە ھەربىي ئەسىرلەرنىڭ قايتىپ كېلىش جەريانىنى قايتىدىن باشلاش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز.»
زېلېنسكىي بۇ خەلقئارالىق زىيارىتىدىن كېيىن، خەلقنىڭ خىزمەتكارى پارتىيەسىدىن (Servant of the People) پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىنى ۋە «دۆلىتىمىزگە لازىم بولغان بىرقاتار زۆرۈر قانۇنىي تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە تېز قارارلارنى قوبۇل قىلىش» نى تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ئامېرىكا ئالاھىدە ئەلچىسى ستېۋېن ۋىتكوفنىڭمۇ چارشەنبە كۈنى زېلېنسكىي بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتلەرگە قاتنىشىش ئۈچۈن تۈركىيەگە بېرىشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
كىرېمىل: رۇسىيە بۇ ھەپتىكى سۆھبەتلەرگە قاتناشمايدۇ
كىرېمىل سارىيى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيەنىڭ بۇ ھەپتە تۈركىيەدىكى يىغىنلارغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كىرېمىل سارىيى باياناتچىسى دىمىترى پېسكوۋ مۇخبىرلارغا: «ئەتە تۈركىيەدە ھېچقانداق رۇسىيە ۋەكىلى بولمايدۇ. ھازىرچە بۇ ئالاقىلىشىشلار رۇسىيەنىڭ قاتنىشىشىسىز ئېلىپ بېرىلماقتا» دېدى.
پېسكوۋ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ سۆھبەتلەرنىڭ نەتىجىلىرىدىن تۈركىيە ياكى ئامېرىكا ئارقىلىق خەۋەردار بولۇشنى خالايدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
رېيتېر ئاگېنتلىقى پۇتىننىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى كىرىل دمىترىيېۋغا يېقىن بىر مەنبەنىڭ، 24-ئۆكتەبىردىن 26-ئۆكتەبىرگىچە ئامېرىكادا ئۆتكۈزۈلگەن ئالدىنقى قېتىملىق بىر يىغىندا، ئامېرىكا ئەلچىسى ۋىتكوف بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك مۇزاكىرىلەر» نى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
تۈركىيە كىيېۋ بىلەن موسكۋانىڭ دىيالوگنى داۋاملاشتۇرۇشىدا تۈرتكىلىك رول ئويناۋاتقان بىر ناتو ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن 2022-يىلدىن بۇيان مۇرەسسەچىلىك رولىنى ئۈستىگە ئېلىپ كەلمەكتە. تۈركىيە رۇسىيە تەرىپىدىن توسالغۇغا ئۇچرىغان ئۇكرائىنانىڭ ئۈچ پورتىدىن ئاشلىق ئېكسپورتىنى قايتىدىن باشلاش نىشان قىلىنغان تارىخىي قارادېڭىز ئاشلىق تەشەببۇسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن سۆھبەتلەرگە ساھىبخانلىق قىلدى.
يېقىنقى بۇ دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار تۈركىيەنىڭ ئۇرۇش قىلىۋاتقان تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ھالقىلىق مۇرەسسەچى دۆلەت سۈپىتىدە رول ئويناشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر مەزگىلدە كۆرسىتىلمەكتە. ئەمما، تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك سۆھبەت جەريانى داۋاملىق نازۇك ھالەتتە تۇرماقتا.