تەنتەربىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئاستون ۋىللا ئىستانبۇلدا ياۋروپا بىرلەشمىسى لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى
ئاستون ۋىللا ياۋروپا بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى بولۇش بىلەن بىرگە، 30 يىللىق لوڭقا ۋە 44 يىللىق ياۋروپا چېمپىيونلۇقى سېغىنىشىغا بىرلا ۋاقىتتا خاتىمە بەردى.
ئاستون ۋىللا ئىستانبۇلدا ياۋروپا بىرلەشمىسى لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى
 ئاستون ۋىللا ئىستانبۇلدا ياۋروپا بىرلەشمىسى لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى / AA

تۈركىيەنىڭ پۇتبول مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، فىرايبۇرگنى 3 كە قارشى 0 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلغان ئاستون ۋىللا، ياۋروپا بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى بولۇش بىلەن بىرگە، 30 يىللىق لوڭقا ۋە 44 يىللىق ياۋروپا چېمپىيونلۇقى سېغىنىشىغا بىرلا ۋاقىتتا خاتىمە بەردى.

ياۋروپا پۇتبول ساھەسىنىڭ مۇھىم كېچىلىرىنىڭ بىرىگە ساھىبخانلىق قىلغان ئىستانبۇلدا، ئاستون ۋىللا فىرايبۇرگنى 3 كە قارشى 0 نەتىجە بىلەن يېڭىپ، ياۋروپا بىرلەشمىسى لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى.

ئۇناي ئېمېرىنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى ئەنگلىيە كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۈستۈنلۈكنى قولدىن بەرمەي، كوماندا تارىخىغا يېڭى بىر ياۋروپا زەپىرىنى قوشۇپلا قالماستىن، بەلكى 30 يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم لوڭقا خۇشاللىقىغا چۆمدى.

ئاستون ۋىللانى ئىستانبۇلدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە غەلىبىگە ئېرىشتۈرگەن توپلارنى ۋاراتاغا Youri Tielemans، Emiliano Buendia ۋە Morgan Rogers كىرگۈزدى.

مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا Tielemans ۋە Buendia ۋاراتاغا كىرگۈزگەن توپلار بىلەن ئۈستۈنلۈكنى قولغا كىرگۈزگەن ئاستون ۋىللا، مۇسابىقىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا Rogers نىڭ ۋاراتاغا كىرگۈزگەن توپى بىلەن پەرقىنى ئۈچكە چىقاردى ۋە گېرمانىيە كوماندىسى فىرايبۇرگنىڭ مۇسابىقىگە ئورتاقلىشىشىغا پۇرسەت بەرمىدى.

بېرمىڭخامدىن ئىستانبۇلغا كەلگەن ناھايىتى كۆپ ساندىكى ئاستون ۋىللا مەستانىلىرى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە داۋامىدا پۇتبول مەيدانىدا كوماندىسىنى كۈچلۈك قوللىدى. ئاستون ۋىللانىڭ ئەڭ داڭلىق مەستانىلىرىدىن بىرى بولغان شاھزادە ۋىلياممۇ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئاجايىپ قالتىس كېچە!! بارلىق توپچىلارنى، كوماندىنى، تېخنىكا ئەترىتىنى ۋە كۇلۇب بىلەن ئالاقىسى بولغان بارلىق كىشىلەرنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن! ياۋروپا لوڭقىسىدىكى ئاخىرقى زەپىرىمىزدىن بۇيان 44 يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ!» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ئىستانبۇلدىكى تارىخىي كېچە

ئاستون ۋىللانىڭ كاپىتانى John McGinn ئىستانبۇلدىكى بۇ زەپەرنى، كوماندا 2016-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئەنگلىيە ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇتبول بىرلەشمىسدە مۇسابىقىگە چۈشكەن چاغلاردىمۇ كۇلۇبنى يالغۇز قويمىغان مەستانىلەرگە بېغىشلىدى.

John McGinn: «بۇ كېچە بىز تىرىشىپ قولغا كەلتۈرگەن بارلىق نەتىجىلەر بىر يەرگە جەم بولغان بىر پەيت بولدى» دېدى.

ياۋروپا بىرلەشمىسى لوڭقىسىغا تىرېنېر سۈپىتىدە بەشىنچى قېتىم ئېرىشكەن ئۇناي ئېمېرى، بۇ مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئاستون ۋىللا ئۈچۈن يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلىنىشى بولۇشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئېمېرى كېلەر پەسىلدە ھەم ياۋروپا چېمپىيونلار بىرلەشمىسدە، ھەم دۇنيادىكى ئەڭ قىيىن بىرلەشمىلەرنىڭ بىرى بولغان ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە مۇسابىقىگە چۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئاستون ۋىللانى چوڭ بىر سىناقنىڭ كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

فىرايبۇرگ تىرېنېرى Julian Schuster بولسا ئىستانبۇلدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۈستۈنلۈكنى بولۇپمۇ تۇراقلىق توپ پۇرسەتلىرى سەۋەبىدىن قولدىن بېرىپ قويغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەغلوبىيەتنى «قوبۇل قىلىش ئىنتايىن تەس» دېدى.

ئىستانبۇل 2005-يىلى لىۋېرپول بىلەن مىلان ئوتتۇرىسىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز ياۋروپا چېمپىيونلار بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە، 2009-يىلى شاختىيور دونېتسىك بىلەن ۋېردېر برېمېن ئوتتۇرىسىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە ۋە 2023-يىلى مانچېستېر سىتى بىلەن ئىنتېر ئوتتۇرىسىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلار بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە ساھىبخانلىق قىلغان ئىدى. ئاستون ۋىللانىڭ زەپىرى بىلەن ئاخىرلاشقان ياۋروپا بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىمۇ، بۇ شەھەرنىڭ ياۋروپا پۇتبول ساھەسىدىكى چوڭ تەشكىلاتلار ئۈچۈن خەلقئارالىق زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكانىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنىڭ كېمىسىگە قاراتقان ھۇجۇمىدا ئىككى ئەتكەسچى ئۆلدى
ياۋروپا ياردىمى ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى تېزلەتتى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئۇدا خىلاپلىق قىلىپ، يەنە 9 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
تۈركىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش مەشىقلىرىنى فلورىدادا باشلىدى
كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلاندى
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 72 مىڭ 945 كە يەتتى
نۇمان قۇرتۇلمۇش: تۈركىيە ياۋروپانىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن مۇھىم بىر كاپالەت
گىرېتسىيەدە ئىسرائىلىيەلىك ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان پاراخوتقا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى
ناتو بالتىق دېڭىزىدا كىچىك كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي لىۋانغا ئىچكىرىلەپ كىرمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پارىس قولتۇقىدىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇملارنى قىلدى
تروپىكال بوران-چاپقۇنى «ژاڭمى» (Jangmi) ياپونىيەگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى
كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سودا ۋە مۇداپىئە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھىندونېزىيەگە باردى