خەلقئارا
3 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ھۇرمۇز بۇغىزىنى تاقايدىغانلىقى، ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان پاراخوتلارغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ھۇرمۇز بوغۇزى — پارس قولتۇقىدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەردىن سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئىران، ئىراق ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى ئومان قولتۇقى ۋە ئەرەب دېڭىزىغا تۇتاشتۇرىدىغان، دۇنيادىكى ئەڭ ھالقىلىق نېفىت ئېكسپورت لىنىيەسى ھېسابلىنىدۇ.
ئىران ھۇرمۇز بۇغىزىنى تاقايدىغانلىقى، ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان پاراخوتلارغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتمەكچى بولغان ھەر قانداق كېمىگە ھۇجۇم قىلىشقا تەھدىت سالدى. / Reuters
2026-يىلى3-ئاينىڭ3-كۈنى

ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ھۇرمۇز بوغۇزىنى بارلىق پاراخوت قاتنىشى ئۈچۈن تاقىغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە بۇ سۇ يولىدىن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنغان ھەر قانداق كېمىنىڭ نىشانغا ئېلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۈشەنبە كۈنى يەرلىك تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى باش قوماندانىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىلىرىدىن ئىبراھىم جەببارى ھۇرمۇز بوغۇزىنىڭ تاقالغانلىقىنى، بۇ يەردىن ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان كېمىلەرگە ئوت ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جەببارى دۆلەت تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان باياناتىدا: «بۇ بوغۇز (ھۇرمۇز بوغۇزى) تاقالدى. ئەگەر كىمدەكىم ئۆتۈشكە ئۇرۇنسا، ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ۋە مۇنتىزىم دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قەھرىمانلىرى ئۇ كېمىلەرگە ئوت ئاچىدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتكەن.

ئەگەر مەزكۇر قارار ئىجرا قىلىنسا، دۇنيا نېفىت ئېكسپورتىنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىر قىسمى ئۆتىدىغان بۇ تار بوغۇزدىكى سودا كېمىلىرىنىڭ قاتنىشى پۈتۈنلەي توختاپ قالىدۇ.

ھۇرمۇز بوغۇزى پارس قولتۇقىنىڭ تار ئېغىزى بولۇپ، يەرشارى نېفىت سودىسىنىڭ ھالقىلىق نۇقتىسىدۇر. بوغۇزنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئىران لىنىيەسى ئارقىلىق ئۆتىدىغان تانكېرلار سەئۇدى ئەرەبىستانى، كۇۋەيت، ئىراق، قاتار، بەھرەين، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە ئىراننىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گازىنى توشۇيدۇ. بۇ نېفىتنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئاسىيا بازارلىرىغا توشۇلىدۇ.

ھۇرمۇز بوغۇزىدىكى قاتناشنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى نېفىت سودىسىغا ئېغىر زەربە بېرىشى مۇمكىن. مەبلەغ باشقۇرۇش شىركىتى «Neuberger Berman» نىڭ دىرېكتورى خاقان كايا بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خەۋپ ئاستىدىكى نەرسىنىڭ كۆلىمىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس» دېدى. ئۇ نېفىت شىركەتلىرىنىڭ بىر-ئىككى ھەپتىلىك قىسمەن ئاستىلاشقا بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىنى، ئەمما بىر ئاي ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزاق داۋاملىشىدىغان تولۇق قامالنىڭ دۈشەنبە كۈنى 70 دوللار ئەتراپىدا بولغان خام نېفىت باھاسىنى «ئۈچ خانىلىق رەقەم»لەرگە، ياۋروپا تەبىئىي گاز باھاسىنى بولسا «2022-يىلىدىكى كىرىزىس سەۋىيەسىگە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرىغا» ئۆرلەتكۈزۈۋېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىران ئۇرۇشىنىڭ كېڭىيىشى

يەرشارى تىرانسپورتى ئۈچۈن ھالقىلىق سۇ يولى بولغان ھۇرمۇز بوغۇزى ئەڭ تار يېرىدە تەخمىنەن 33 كىلومېتىر (21 مىل) كەڭلىكتىكى ئەگرى-بۈگرى ئۆتكەل بولۇپ، پارس قولتۇقىنى ئومان دېڭىزىغا تۇتاشتۇرىدۇ. كېمىلەر بۇ يەردىن دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا قاراپ يۈرەلەيدۇ. ئىران ۋە ئوماننىڭ بۇ بوغۇزدا سۇ تەۋەلىكى بولسىمۇ، بۇ يەر بارلىق كېمىلەر ئىشلىتەلەيدىغان خەلقئارا سۇ يولى دەپ قارىلىدۇ.

بۇ بوغۇز تارىختىن بۇيان سودا ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ كەلگەن. قەدىمدە ساپال بۇيۇملار، پىل چىشى، يىپەك ۋە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى خىتايدىن بۇ رايونغا توشۇلغان بولسا، ھازىرقى دەۋردە دەرىجىدىن تاشقىرى تانكېرلار ئارقىلىق نېفىت ۋە تەبىئىي گاز توشۇلىدىغان ئاساسىي لىنىيەگە ئايلاندى.

بوغۇز تاقالدىمۇ؟

گەرچە سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ بوغۇزدىن ئايلىنىپ ئۆتەلەيدىغان تۇرۇبا يوللىرى بولسىمۇ، ئامېرىكا ئېنېرگىيە ئۇچۇر ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «بۇ بوغۇزدىن ئۆتىدىغان نېفىتنىڭ كۆپ قىسمى ئۈچۈن باشقا تاللاش يولى يوق».

ئىلگىرى بۇ لىنىيەگە قارىتىلغان تەھدىتلەر يەرشارى ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى؛ ئىيۇن ئېيىدىكى ئىسرائىلىيە-ئىران توقۇنۇشى جەريانىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەسىرلەر كۆرۈلگەنىدى.

سانلىق مەلۇمات ۋە ئانالىز شىركىتى-كپلېر   «X»سۇپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، بوغۇزنىڭ رەسمىي ھالدا تاقالمىغانلىقىنى، ئەمما سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىلىرىدىكى كاشىلىلار سەۋەبىدىن تانكېر قاتنىشىنىڭ كەسكىن ئازايغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەنگلىيە دېڭىز سودىسى مەشغۇلات مەركىزى بوغۇزنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىدىكى رايوندا بىر قانچە كېمىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى دەلىللىدى ھەمدە كېمىلەرنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىدىغان سىستېمىلارغا قارىتىلغان ئېلېكترونلۇق مۇداخىلىنىڭ كۈچەيگەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

ئومان تەرەپ، ئومان دېڭىزىنىڭ شەرقىدىن ھۇرمۇز بوغۇزىغا كىرىدىغان لىنىيەدە مارشال ئاراللىرى بايرىقى قادالغان بىر نېفىت تانكېرىغا پارتلاتقۇچ قاچىلانغان كاپىتانسىز دېڭىز ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلىنىپ، بىر دېڭىزچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە ئىران ئۇرۇشىنىڭ «ئارماگېدون» نى قوزغاش ئۈچۈن «تەڭرىنىڭ پىلانى» دېيىلمەكتە
«ئامېرىكانىڭ ئىران ئۇرۇشى يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش»
ترامپ: ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتىدىغان نېفىت پاراخوتلىرىنى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى قوغدايدۇ
جەنۇبىي كورېيەلىك گېنېرال ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان CNN Türk قانىلى ئۆمىكىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ئامېرىكا ئىران ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى 4 كۈنىدە 2 مىليارد دوللارغا يېقىن ھەربىي ئەسلىھەسىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە  6-مارتقىچە ئىران، ئىراق، سۈرىيە، لىۋان ۋە ئىيوردانىيەگە  ئايروپىلان سەپەرلىرىنى توختاتتى
نېتانياھۇ ئايلاردىن بېرى ترامپقا ئىران بىلەن ئۇرۇشقا كىرىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتكەن
پارىس قولتۇقى ئەللىرى موسساد جاسۇسلىرىنى پارتلىتىش پىلانى بىلەن قولغا چۈشۈردى
ئىراندا توقۇنۇشلار كەسكىنلىشىۋاتقاندا جاكارتادىن ۋاستىچىلىق تەكلىپى كەلدى
ئەردوغان ئىراندا پۇقرالارنىڭ تارتىۋاتقان ئازابلىرىنى ئەيىبلىدى؛ توقۇنۇشلارنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى
چەلىك: ئىران ناھەق ۋە قانۇنسىز بىر ھۇجۇمغا دۇچ كەلمەكتە
ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملار باشلانغاندىن بۇيان ئامېرىكانىڭ 6 ئەسكىرى ئۆلدى
مېدۋېدېۋ: ئامېرىكا ھاكىمىيەت ئالماشتۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىنى داۋاملاشتۇرسا، ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشى باشلىنىدۇ
خ ئا ئې ئا: ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە زىيان يەتكەنلىكىگە دائىر ئالامەت كۆرمىدى