تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە سۇدانغا توننىلارچە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى قاچىلانغان «ياخشىلىق پاراخوتى» ئەۋەتتى
تۈركىيە ئەۋەتكەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى، داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن ئۆي-ماكانسىز قالغان سۇدان خەلقى ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەك مالزىمىلىرى، كۈندىلىك تازىلىق بۇيۇملىرى، تىببىي لازىمەتلىكلەر ۋە پاناھلىنىش مالزىمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تۈركىيە سۇدانغا توننىلارچە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى قاچىلانغان  «ياخشىلىق پاراخوتى» ئەۋەتتى
ئالتىنچى ياردەم پاراخوتى سۇدان ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى ئېلىپ مەرسىندىن يولغا چىقتى. ئانادولۇ ئاگېنتلىقى. / AA
2026-يىلى1-ئاينىڭ11-كۈنى

تۈركىيە سۇداندا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلارنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەرسىن پورتىدىن 2600 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قاچىلانغان ئالتىنچى «ياخشىلىق پاراخوتى» نى يولغا سالدى.

ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى (AFAD) نىڭ ماسلاشتۇرۇشىدا، ھەر قايسى ئىدارە-ئورگانلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە قاتار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتىنىڭ ھەمكارلىشىشى ئااستىدا تەييارلاندى.

تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەلى ھەمزە پەھلىۋان تۈركىيەنىڭ سۇداندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، 2024-يىلى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 5500 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى سۇدانغا يەتكۈزۈلگەن. بۇنىڭدىن باشقا ئۆتكەن ئاي (2025-يىلى دېكابىر) دىلا ئۈچ پاراخوت بىلەن 30 مىڭ چېدىر ئەۋەتىلگەن.

يېڭى ئەۋەتىلگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى يېمەك-ئىچمەك مالزىمىلىرى، كۈندىلىك تازىلىق بۇيۇملىرى، تىببىي لازىمەتلىكلەر ۋە پاناھلىنىش مالزىمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Second 'Ship of Goodness' from Türkiye arrives in Sudan amid deepening humanitarian crisis

تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەلى ھەمزە پەھلىۋان مۇنداق دېدى: «بىز سۇداندا ئۆي-ماكانسىز قالغانلارنىڭ پاناھلىنىش ئېھتىياجىنىڭ 12-ئايدا ئىنتايىن جىددىي باسقۇچقا يەتكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، 7-دېكابىر (2025) دىن باشلاپ ياخشىلىق پاراخوتلىرىنى ئەۋەتىشكە باشلىدۇق. ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ پاراخوت ئەۋەتىپ، ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پاناھلىنىش ئېھتىياجىنى قامداشقا تىرىشتۇق.»

ئۇ يەنە تۈركىيەنىڭ غەززەگە ئەۋەتكەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، 20-قېتىملىق ياردەم پاراخوتىنىڭ كېلەر ھەپتە يولغا چىقىدىغانلىقىنى ۋە ھازىرغىچە جەمئىي 105 مىڭ توننىغا يېقىن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنىڭمۇ يەتكۈزۈلگەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

سۇداندا 2023-يىلى ئاپرېلدىن باشلاپ ئارمىيە بىلەن يېرىم ھەربىي تەشكىلات «تېز ياردەم بېرىش قىسىملىرى» (RSF)  ئوتتۇرىسىدا قانلىق توقۇنۇش داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ جەرياندا نەچچە مىڭ ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، مىليونلىغان ئادەم ئۆي-ماكانسىز قالدى.

سۇداننىڭ 18 ئىشتاتى ئىچىدە، دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدىكى شىمالىي دارفۇرنىڭ ئاز بىر قىسىم رايونلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، «تېز ياردەم بېرىش قىسىملىرى»  ھازىر دارفۇر رايونىدىكى بەش ئىشتاتنىڭ ھەممىسىنى كونترول قىلماقتا.

سۇدان ئارمىيەسى پايتەخت خارتۇمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەنۇب، شىمال، شەرق ۋە ئوتتۇرا رايونلاردا قالغان 13 ئىشتاتنىڭ كۆپ قىسمىنى كونترول قىلىپ كەلمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Türkiye condemns RSF's violence in Sudan, calls for urgent humanitarian access
ئىزدىنىڭ
ئەردوغان كابىنېت ئۆزگىرىشى دائىرىسىدە يېڭى ئەدلىيە ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى تەيىنلىدى
ئامېرىكا - ئىران سۆھبىتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ تېھران يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى ئومانغا ئەۋەتتى
«روكەتسان» رىيادتا سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى قوللىنىلغان «ئەرەن» ئوق - دورىلىرىنى تونۇشتۇردى
خاقان فىدان «ھاۋا ھۇجۇملىرى ئىرانغا تۈزۈم ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلمەيدۇ» دېدى
ئامېرىكا پۇتبولچىلىقىدا «Seahawks» چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى
رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ئودېسسا ۋە خاركىۋغا ھۇجۇم قىلدى
جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسىنىڭ تىك ئۇچارى چۈشۈپ كېتىپ، ئىككى خادىم قازا قىلدى
تاكائىچىنىڭ زور غەلىبىسى ياپونىيە پاي چېكى بازىرىدا يېڭى رېكورت ياراتتى
ترامپ: شى جىنپىڭ يىل ئاخىرىدا ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
سۈرىيەنىڭ سۈۋەيدا يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا تۆت كىشى ئۆلدى، بىر گۇماندار قولغا ئېلىندى
ھىندىستاندىكى كۆمۈر كان پارتلاش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 27 گە يەتتى
ترامپ ئامېرىكادىكى كۆرۈشۈشتىن كېيىن خوندۇراسنىڭ يېڭى رەھبىرىگە يۇقىرى باھا بەردى
ياپونىيە خەلقى مۇددەتتىن بۇرۇنقى سايلامغا بېلەت تاشلىماقتا
ئىسلامئابادتا بىر مەسچىتتە ئادەم بومبا پارتلىدى
كرىپتو شىركىتى خاتا ھالدا ئابونتلارغا بىت تەڭگىسى ئەۋەتىپ قويغان