خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
پۇتىن سۈرىيە تاشقى ئىشلار ۋە مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ئىسرائىلىيەنىڭ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا قارشى سۈرىيەنى قوللايدىغانلىقىنى تەكرارلىدى ۋە بۇ قىلمىشلارنى رايون مۇقىملىقىغا قارىتىلغان بىر تەھدىت دەپ ئاتىدى.
پۇتىن سۈرىيە تاشقى ئىشلار ۋە مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى
بۇ ئۇچرىشىش سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەد ئەل شارائانىڭ 15-ئۆكتەبىردىكى موسكۋا زىيارىتىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلدى. / Reuters

سۈرىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى SANA نىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن موسكۋادا سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەسەد شەيبانى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مۇرىھاف ئەبۇ كەسرە بىلەن كۆرۈشتى.

SANA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سەيشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشتا ئۆزئارا مەنپەئەتكە ئالاقىدار بىر قاتار سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان؛ بولۇپمۇ ھەربىي ۋە مۇداپىئە سانائىتى ساھەلىرىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن.

خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۆھبەتلەردە يەنە ئىقتىسادىي ۋە سودا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش ئىمكانىيەتلىرىمۇ كۆزدىن كەچۈرۈلگەن. بۇنىڭغا قايتا قۇرۇش تۈرلىرىگە ياردەم بېرىش، ئۇل ئەسلىھە ساھەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، سۈرىيەگە مەبلەغ سېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش، سودا ھەجىمىنى ئاشۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى قولايلاشتۇرۇش قاتارلىق قەدەملەرنىڭ ئۆز ئىچىگە ئېلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى؛ بۇ قەدەملەرنىڭ سۈرىيە ئىقتىسادىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىشى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلىشى كۈتۈلمەكتە.

ئاگېنتلىق پۇتىننىڭ رۇسىيەنىڭ سۈرىيەگە بولغان قەتئىي قوللىشىنى قايتا تەكىتلىگەنلىكىنى، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى بىلەن تولۇق ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتكەنلىكىنى ھەمدە دۆلەتنى پارچىلاشنى ياكى مۇستەقىل مىللىي قارار چىقىرىش جەريانلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ھەر تۈرلۈك تۈرلەرنى رەت قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

پۇتىن ئىسرائىلىيەنىڭ خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا قارشى سۈرىيەنى قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈردى

بۇنىڭدىن باشقا، موسكۋانىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە زېمىنىغا قارىتا قايتا-قايتا سادىر قىلىۋاتقان خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى، رايون مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە قارىتىلغان بىۋاسىتە تەھدىت دەپ قاراپ قەتئىي رەت قىلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

بۇ ئۇچرىشىش سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەد شارا (شەرئ)نىڭ 15-ئۆكتەبىردە موسكۋاغا قىلغان زىيارىتىدىن كېيىن ئەمەلگە ئاشتى؛ بۇ زىيارەت، 2024-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا سابىق پىرېزىدېنت بەششار ئەسەدنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىۋېتىلىشىدىن كېيىن قىلىنغان تۇنجى زىيارەت سۈپىتىدە خاتىرىلەرگە كىرگۈزۈلدى.

بەششار ئەسەد تەخمىنەن 25 يىللىق رېجىم رەھبەرلىكىدىن كېيىن، 2024-يىلى 8-دېكابىردا رۇسىيەگە قېچىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال 1963-يىلىدىن بۇيان ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان بەئىس پارتىيەسى تۈزۈمىنىڭ يىمىرىلىشىگە سەۋەب بولدى.

ئىزدىنىڭ
فرانسىيە ۋە 25 دۆلەت ئىراننىڭ نامايىشچىلارنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشىنى ئەيىبلىدى
گرېتسىيەدە بىر ھەپتىدە 45 يېڭى غەربىي نىل ۋىرۇسى كېسىلى كۆرۈلدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىرانسىيەنىڭ تەنقىدلىرىگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى
رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن كۇرىل ئاراللىرىنى زىيارەت قىلدى
ئىران: «شەرتلىرىمىز قوبۇل قىلىنمىغۇچە ھورمۇز بوغۇزى ئېچىلمايدۇ»
ئىران پىرېزىدېنتى پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنى تېھراندا قوبۇل قىلدى
ئىران پارلامېنتى ھۆرمۈز بوغۇزى قانۇن تەكلىپى تەييارلىماقتا
بېيجىڭدا شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن ساياھەت رايونلىرى تاقالدى. ئاپتوبۇس مۇلازىمەتلىرى توختىتىلدى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ مۇزاكىرە مەسىلىسىدە ئىرانغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى
خۇسىيلار بابۇل مەندەپتە سودا پاراخوتى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە ھۇجۇم قىلدى
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى