تۈرك دۇنياسى
1 مىنۇت ئوقۇش
ئەزەربەيجان ھاۋا يوللىرىنىڭ بىر ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
ئەزەربەيجان ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى قازاقىستاننىڭ ئاقتاۋ شەھىرى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتتى.
00:00
ئەزەربەيجان ھاۋا يوللىرىنىڭ بىر ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
ئەزەربەيجان ھاۋا يوللىرىغا تەۋە ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى / TRT Uyghur

قازاقىستان جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇدىن رۇسىيەگە قاراشلىق چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى گروزنىيغا قاراپ ئۇچۇۋاتقان يولۇچىلار ئايروپىلانى قازاقىستاننىڭ ئاقتاۋ شەھىرى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتكەن.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئايروپىلان قازاسىدا ھايات قالغانلارمۇ بار ئىكەن.

ئەزەربەيجان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر يولۇچىلار ئايروپىلانى ھازار دېڭىزى  ئۈستىدە جىددىي ئەھۋال سىگنالى بەرگەن، كېيىن قازاقىستاننىڭ ئاقتاۋ ئايرودۇرۇمىغا جىددىي قونماقچى بولغاندا چۈشۈپ كەتكەن.

ئىگىلىنىشىچە، كۆپ ساندىكى ئەزەربەيجان پۇقرالىرىدىن باشقا، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە رۇسىيە پۇقرالىرىدىن تەشكىل تاپقان 72 يولۇچى ئولتۇرغان ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان 25 كىشىدىن بەزىلىرىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن.

ئىزدىنىڭ
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى
كۈلتەپەنىڭ 78 يىللىق قېزىش تارىخىدا ئەڭ كاتتا يېڭى بايقاش
فرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشىدىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش پىلانلانمىدى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان بىريۇسسېلدا ناتو باش كاتىپى رۇتتې بىلەن كۆرۈشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا ئامېرىكانىڭ بىر «MQ-9» ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ساندېرس ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ياردەمنى توختىتىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ  تاڭ ئاتقۇچە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، 11 كىشى يارىلاندى