سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
«WSJ»: سەئۇدى ئەرەبىستان ئامېرىكاغا «ھورمۇز قورشاۋىنى بىكار قىل» دەپ بېسىم ئىشلەتمەكتە
«The Wall Street Journal» گېزىتى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىران بىلەن ديپلوماتىك يوللارنىڭ قايتا ئېچىلىشى ئۈچۈن ئامېرىكاغا بېسىم ئىشلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
«WSJ»: سەئۇدى ئەرەبىستان ئامېرىكاغا «ھورمۇز قورشاۋىنى بىكار قىل» دەپ بېسىم ئىشلەتمەكتە
«WSJ»: سەئۇدى ئەرەبىستان ئامېرىكاغا «ھورمۇز قورشاۋىنى بىكار قىل» دەپ بېسىم ئىشلەتمەكتە / Reuters

«The Wall Street Journal» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جىددىيچىلىكنىڭ باشقا ھالقىلىق نېفىت ئۆتكەللىرىگە كېڭىيىپ كېتىشىدىن ۋە دۇنياۋى ئېنېرگىيە ئېقىمىنى خەۋپلىك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشىدىن ئەنسىرىگەن رىياد دائىرىلىرى، ئىران بىلەن ديپلوماتىك يوللارنىڭ قايتا ئېچىلىشى ئۈچۈن ئامېرىكاغا بېسىم ئىشلەتمەكتە.

مەركىزى ئامېرىكاغا جايلاشقان «The Wall Street Journal» گېزىتى تەرىپىدىن سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەرگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ھورمۇز بوغۇزىدىكى قورشاۋنى ئاخىرلاشتۇرۇشى ۋە ئىران بىلەن بولغان مۇزاكىرىلەرگە قايتىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتمەكتە.

ئۆچ ئېلىش ئەندىشىسى: بابۇلمەندەپ خەۋپ ئاستىدا

رىياد ھاكىمىيىتى بۇ قەدەمنىڭ ئىراننىڭ ھورمۇز بوغۇزىدىن ھالقىغان شەكىلدە ئۆچ ئېلىشىغا يول ئېچىشى مۇمكىنلىكىدىن بارغانسېرى ئەنسىرىمەكتە. بولۇپمۇ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نېفىت ئېكسپورتى ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە قىزىل دېڭىز كارىدورى بولغان بابۇلمەندەپ بوغۇزىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشىدىن قورقماقتا.

خەۋەردە، ئاساسلىقى ئېنېرگىيە توشۇشقا تايىنىدىغان رايون ئىقتىسادى ئۈچۈن خەتەرنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە يۇقىرى ئىكەنلىكى  تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن:

 «پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى، ئۇرۇشنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ھاياتلىق تومۇرى بولغان ھورمۇز بوغۇزىنىڭ ئىراننىڭ كونتروللۇقىدا قېلىشى بىلەن نەتىجىلىنىشىنى خالىمايدۇ.»

خەۋەرگە قارىغاندا، مەيلى ۋاشىنگتون بولسۇن، مەيلى تېھران بولسۇن، ئىككى تەرەپتىن كەلگەن قاتتىق باياناتلارغا قارىماي، ھەر ئىككى تەرەپ مۇرەسسەچىلەرنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ئالاقىنى داۋاملاشتۇرماقتا ھەمدە شارائىت يار بەرسە مۇزاكىرىلەرنى قايتا باشلاشنى خالايدىغانلىقىنى ئىزھار قىلماقتا.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلىدۇ:

«سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە باشقا پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى؛ دۇنياۋى نېفىت يوللىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ تاقىلىپ قېلىش ئەھۋاللىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە رايونلۇق جىددىيچىلىكنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشىدىن ساقلىنىش مەقسىتىدە ديپلوماتىيەنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن ۋاقىت بىلەن بەسلىشىۋاتىدۇ.»

ۋاشىنگتون بىلەن تېھران ئوتتۇرىسىدا ئىسلامابادتا ھەپتە ئاخىرى ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەرنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان قورشاۋ دۈشەنبە كۈنى شۇ جاي ۋاقتى سائەت 17:00 دە كۈچكە ئىگە بولدى. مەزكۇر مۇزاكىرىلەر، فېۋرال ئېيىنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان رايون مىقياسىدا مىڭلىغان كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ۋە ئىران ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنى توختىتىشقا قارىتىلغان تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك تىرىشچانلىقلارنىڭ بىر قىسمى ئىدى.

ئىزدىنىڭ
سانچېز يامالنىڭ بارسېلونادا پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتكەنلىكىدىن «پەخىرلىنىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
خىتاي: شى جىنپىڭ بىلەن ترامپ ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى قارارلاشتۇردى
مىنىستىر فىدان ت د ت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنىغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن قاتنىشىدۇ
سانچېز ماراكەش ئەسلىلىك ئىسپانىيەلىك مىللىي پۇتبولچى لامىن يامالغا مەدەت بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مىللىي تەنھەرىكەتچىلەرنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاستانەدىن تۈركىستانغا قاراپ يولغا چىقتى
ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئارىسىدا تىنچلىق ئۈمىدى سۇسلاشتى
ماكروننىڭ قارىشىچە، فىرانسىيە ئافرىقادا تۈركىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكانىڭ كەينىدە قالماقتا
ئەردوغان: كاسپىي دېڭىزىدىن ئۆتىدىغان شەرق-غەرب ئوتتۇرا كارىدورىنىڭ ئەھمىيىتى كۈندىن-كۈنگە ئاشماقتا
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى قۇنەيترا يېزىلىرىنى بومباردىمان قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قازاقىستاندا رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىندى
شى ترامپقا «تەيۋەن مەسىلىسى خاتا بىر تەرەپ قىلىنغان تەقدىردە <توقۇنۇش> كېلىپ چىقىدۇ» دېدى
رودرىگېز: ئامېرىكا كۇباغا ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە «ئىنسانىي پاجىئە» كېلىپ چىقىدۇ